تاراتقۇ ۋە ئەپ سەھىپىلىرىنى قولايلىق كەسپىي توربەت قىلالمىدۇق ھەم قىلالمايدىغان ئوخشايمىز. شۇڭا تاقاشنى قارار قىلدۇق. تاراتقۇ ۋە ئەپ بەتلىرىدە لازىملىق ئۇچۇرغا ئىگە بولغان تورداشلار دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ ياكى ساقلىۋېلىڭ.

گۈل ۋە نورۇز (ئەسلى قوليازما)

كىتاب ئىسمى: گۈل ۋە نورۇز
شائىرنىڭ ئەسلى قوليازمىسى (15 – ئەسىرگە تەۋە)
تۈرى: شېئىر
يازغۇچى: مەۋلانا لۇتفى (ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئۇستازى)
ھۆججەت شەكلى: PDF (رەڭلىك ۋە سۈزۈك)
ھۆججەت چوڭلۇقى: 8 مېگابايت
بەت سانى: 82
مەزكۇر ئەسەر 1366 – 1465 – يىللاردا ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى مەۋلانا لۇتفى يازغان «گۈل ۋە نورۇز»نىڭ ئەسلى قوليازمىسىنىڭ رەسىمگە تارتىلغان نۇسخىسى بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى ساقلاش ۋە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. بولۇپمۇ قەدىمىي كىتابلارنى ساقلايدىغانلار ۋە بىرىنچى قول ماتېرىيالدىن پايدىلىنىپ تەتقىقات يۈرگۈزىدىغانلار ئۈچۈن بىباھا گۆھەر.

تۈركىيە، گېرمانىيە، مىسىر، شىۋىتسىيە قاتارلىق ئورۇنلاردىكى كۇتۇبخانا، ئارخىپخانىلاردىن رەسىمگە تارتىپ ئېلىپ كېلىنگەن ئەسلى قوليازما ئەسەرلەردىن يەنە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئەسلى قوليازما رەسىملىك نۇسخىسى، قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئەسلى قوليازما رەسىملىك نۇسخىسى،…. قاتارلىقلار بار. بۇ قوليازمىلارنىڭ باھاسى مىليون دوللاردىن باشلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، تەتقىقات ئۈچۈن بۇ بىرىنچى قول ماتېرىياللار ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ بىباھا ئەسەرلەرنى مۇشۇنداقلا ئېلان قىلىپ، تارقاتساق سىلەرچە ئەسەرگە نىسبەتەن ھۆرمەتسىزلىك بولارمۇ؟
چۈشۈرۈش ئورنى (Box.com)
چۈشۈرۈش ئورنى (SkyDrive)
چۈشۈرۈش ئورنى (千易)
چۈشۈرۈش ئورنى (即得)
چۈشۈرۈش ئورنى (Dbank)

Comments on: "گۈل ۋە نورۇز (ئەسلى قوليازما)" (11)

  1. نامسىز said:

    مېنىڭچە قىممىتى بار بولغان ئەسەرلەرنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا سۇنسا بولىدۇ. ئىلىم مەرىپەتنىڭ چېگراسى يوق.شۇڭا كەڭ تارقىتىش كېرەك.
    بۇ يەردىنمۇ يۇقىرقى ئەسەرنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ:
    چۈشۈرۈش ئادرېسى:
    http://115.com/file/c2rorwog#

  2. نامسىز said:

    چۇشۇرەلمىدىم

  3. ئابلاجان said:

    ھارمىغايسىلەر!بەكلا نادىر ئەسەرلەرنى تېپپۋالدىم بۇ تور بەتتىن.

  4. نامسىز said:

    بۇ قوليازمىلار ھەقىقەتەنمۇ قىممەتلىك.چەتئەللەردە يۈرۈپ كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن جان پىدالىق كۆرسىتىپسىز.توپىلىق يولدا كىتىۋېتىپ ئۇيۇل ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولدۇم. دۇنيانىڭ قېيىرىدە بولسىڭىز سالامەت بولۇڭ، يول ۋە تەقدىرىڭىز نۇرغا تولسۇن!

  5. يولۇچى said:

    ئېسىل تەۋەرۈكلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭلارغا رەھمەت.
    box.com ماۋۇ چۈشۈرۈش ئادرىسىنىڭ ئۇلانمىسى خاتا بولۇپ قاپتۇ، «تۈركى تىللا دىۋانى سۆزلۈكى» نىڭ ئادرىسىكەن… ئۆزگەرتىپ قويارسىلە…

  6. بابۇر said:

    ئەسلىدە بۇ قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى قوليازمىلىرى بىزنىڭ كۈتۈپخانىلىرىمىزدا ساقلىنىشى، شۇنداقلا تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىق قىلىشى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۈز كۆرۈشۈشى كېرەك ئىدى….. بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزدە ئۆز ئەجدادلىرىدىن پەخىرلىنىش، ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرگىلى بولاتتى…… لېكىن بۇ قىممەتلىك مىراسلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ئاز ساندىكى كىشىلىرىمىزدىن باشقىلار بىلمەيدۇ

  7. ئەركەك said:

    چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تەمىنلەپ بېرەلەمسىز؟

  8. ئەليار said:

    لوپنۇرىنىڭ پىكىرىگە تامامەن قۇشۇلىمەن. ئاددىي مىسال: بىر ئىدارىدىكى 8-10 ھۆكۈمەت كومپىيوتېرى چېغىدا ھەقلىق ۋە ئەسلى نەشىرى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئىشىخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش قۇرالىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتمەيدۇ. (پۇلىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدىغان تۇرۇقلۇق). بىز شەخىسلەرنىڭ نەدىمۇ ئۇنداق مىلىيۇنلۇق ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى سېتۋېلىپ پايدىلانغۇدەك قۇربىتىمىز بولسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماتىرياللار ئەسلىدىلا ئاتا- بوۋىلىرىمىزدىن بىزگە قالغان مىراس ھېسابلىنىدۇ. ئاشۇ چەتئەلدىكىلەر ئەينى ۋاقىتتا قېزىپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن چاغدا، بىزگە پۇل تۆلىمىگەنغۇ دەيمەن؟

  9. مېنىڭچە،كۈتۈپخانىلاردا ياكى ماتىرىيال ئامبارلىرىدا يورۇقلۇق كۆرەلمەي ياتقاندىن كۆرە. خەلقىمىزنىڭ بۇ ئېسىل ئەدەبىي مىراسلىرىنىڭ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىنى ياخشى. بۇلارنى قانچە كۆپ ئادەم ئوقۇپ چۈشىنەلىسە، قانچە كۆپ ئادەم تەتقىق قىلالىسا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ روھى شۇنچە خۇش بولىدۇ، دەپ قارايمەن.

"گۈل ۋە نورۇز (ئەسلى قوليازما)" گە ئىنكاس يېزىڭ

= 1+7


Free Web Counters