ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى





ماقالە تېمىسى: سالار تىلىدىكى سانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
撒拉语数词的特点及功能
ئاپتورى: مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللا
ئېلان قىلىنغان مەتبۇئات: جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى (暨南学报) نىڭ 2010-يىللىق 4-سانى
قىسقىچە مەزمۇنى: سالار تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس سان قۇرۇلمىسى بولۇپ، تۈركىي تىللار بىلەن ئورتاقلىقى بولغاندىن باشقا، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگىمۇ ئىگە…
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تۈركىي تىللار، سالار تىلى، سان
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب نامى: مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى
جەمئىي 2 كىتاب
يازغۇچى: ناپالېئون خېئول\ناپالىيون ھىل
تۈرى: ئىقتىساد، ئىگىلىك تىكلەش
نەشىر ۋاقتى: 2001
ھۆججە شەكلى: PDF
سىغىمى: 20M
قىسقىچە مەزمۇنى: «ناپالېئون خېئول (Napoleon Hill) دېگەن ئىسىمنى ئامېرىكىدا ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدۇ. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئىلمىنى ئىجادىيلىق بىلەن ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقى ئۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت، بەرپاچىلىق، باشقۇرۇش، رەھبەرلىك ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردە دالى كارنىگدىنمۇ كاتتا ئورۇنغا ئىگە قىلدى…. ئۇنىڭ بۇ كىتابى مىليونلىغان كىشىنى دۆلەتمەن ۋە مەرتىۋىلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ قامۇسىغا ئايلانغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە خېئولمۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى نامى مەشھۇر ئالىم بولۇپ قالغان.

چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب نامى: ھۆكۈمدارلار دەستۇرى
خەنزۇچە: 君主论
ئىتالىيانچە: Il Principe
ئىنگلىزچە: The Prince
تۈرى: پەلسەپە
يېزىلغان ۋاقتى: 1513
نەشىر ۋاقتى: 1532
ھۆججەت شەكلى: PDF
يازغۇچى: نىككولو ماكياۋىللى (Nicolo Machiavelli)
ئۇيغۇرچە+خەنزۇچە+ئىنگلىزچە+ئىتالىيانچە جەمئىي 4 كىتاب.
بۇ كىتاب ئىتالىيەلىك ھەربىي ئالىم، سىياسىيون، يازغۇچى ۋە پەيلاسوپ نىككولو ماكياۋىللىنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى «ھۆكۈمدارلار دەستۈرى». ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئاران ئىككى باب، باشقا تىللاردىكى نۇسخىسى تولۇق. ئەگەر تولۇق ئۇيغۇرچە كۆرمەكچى بولسىڭىز، كىتابخانىدىن سېتىۋېلىڭ.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب نامى: يەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن ھېكايىلەرyehudiy hekmetliridin hekayiler
باشقا نامى: 柯钧:犹太人的格言
يازغۇچى: كې جۈن
تەرجىمە قىلغۇچى: سىيىت تىلىۋالدى
ھۆججەت تىپى: PDF
سىغىمى: 12M
بەت سانى: 269
ئورتاقلاشقۇچى: NAPOLEON
قىسقىچە مەزمۇنى: مەشھۇر يازغۇچى مارك تۋېن مۇنداق دەپ يازغان: «دۇنيا ئاھالىسىنىڭ بىر پېرسەنتىگىمۇ يەتمەيدىغان يەھۇدىيلارئەسلىدە چەكسىز ساما يولىدىكى كۆزگەچېلىقىپ كەتمەيدىغان كىچىككىنە بىر يۇلتۇز توپى ئىدى. بىراق، ئۇلار ھەمىشە كىشىلەرنىڭ سۆھبەت تېمىسغا ئايلىنىپ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتىپ كەلدى. يەھۇدىي دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر دەرھاللا يەھۇدىيلار تۇغما پۇل تاپار مىللەت، پۇتۇن دۇنيانىڭ پۇلى ئامېرىكىلىقنىڭ يانچۇقىدا، بىراق ئامېرىكىلىقلارنىڭ پۇلى يەھۇدىيلارنىڭ يانچۇقىدا» دېگەنلەرنى يادىغائالىدۇ…
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرىshinjang tarix materiyalliri
جەمئىي 50 قىسىم كىتاب
تۈزگۈچى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى… قاتارلىقلار
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: تەخمىنەن 1.5GB
بەت سانى: 50X500
تەمىنلىگۈچى: ئەجداد تورى
قىسقىچە مەزمۇنى: مەزكۇر ئەسەر جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تارىخ ماتېرىياللىرى تەتقىقات ھەيئىتى قاتارلىق ئورۇنلار 1980-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلىغىچە 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تۈزگەن «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» ناملىق 50 توملۇق كىتابنىڭ بارلىق قىسىملىرىدۇر. كىتاب سىغىمى چوڭ بولغاچقا ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ياساپ تەمىنلىگەنلەر كەتكۈزۈپ قويغان تېخنىكىلىق خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن. خاتالىق بايقىغۇچىلارنىڭ ئىنكاس قالدۇرۇپ قويىشىنى سورايمىز. بىز ئىنكاسقا ئاساسەن ئوڭشاپ قويىمىز، رەھمەت.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: ئۆمۈر داستانى
يازغۇچى: سەيپىدىن ئەزىزى
Omur Dastani Seypidin Ezizi
ئەسلىمە 2: تەڭرىتاغدا گۈلدۈرماما
نەشىر قىلىنغان ۋاقىت: 1988 – يىلى
ھۆججەت ئەندىزىسى: PDF
سىغىمى: 18M
بەت سانى: 528
قىسقىچە مەزمۇنى: «بېسىپ ئۆتكەن ئۆمۈر مەنزىللىرىمنى يادىمغا ئالسام، قىسقا مۇساپە ئەمەس ئىكەن. بۇلار ھەققىدە بىر ئەسلىمە يېزىپ قالدۇرۇشنى خېلىدىن بېرى ئويلاپ يۈرەتتىم. ئەمدىلىكتە يېشىم 70 دىن ئاشقاندا ئاشۇ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئالدىم…» – ئاپتوردىن. مەزكۇر ئەسەردە ئەينى دەۋردىكى تارىخ ئاپتور سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەسلىمىسى ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: بدايع البدايەalishir nawayi alishir newa'i alishir novo'i
يازغۇچى: ئەلىشىر نەۋائىي، ئەلىشىر ناۋايى، ئەلىشىر نەۋايى، ئەلىشىر ناۋائىي
تىلى: چاغاتايچە
ھۆججەت ئەندىزىسى: PDF
سىغىمى: 1M
بەت سانى: 26
تەپسىلاتى: مەزكۇر كىتاب ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «بدايع البدايە» (بەدايىئۇلبەدايە) ناملىق ئەسىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا ئاساسەن چاغاتايچە قايتىدىن بېسىپ، لاتىنچە تىرانسكىرىپسىيەسى بېرىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، تەتقىقاتلاردا پايدىلىنىش ئىنتايىن قولاي.
چۈشۈرۈش ئورنى »

ئەسەر نامى: چاڭموزا يۈسۈفخانchangmoza yusupxan molla bilal binni molla yusuf nazimi
تۈرى: ھېكايە
يازغۇچى: موللا بىلال بىن موللا يۈسۈف (نازىمى)
نەشىر ۋاقتى: 1909-يىلى
نەشىر قىلىنغان ئورۇن: تاتارىستان (رۇسىيە)
نەشىرگە تەييارلىغۇچى: نىكولاي پانتۇسوف
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى: دوكتور نىجات سوپى
بۇ ئەسەر 19-ئەسىردە ئىلى رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق رىئالىزىمچى ئەدىب موللا بىلال بىن موللا يۈسۈف (نازىمى) نىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىدىن بىرىدۇر. ئەسەرنىڭ بۇ نۇسخىسى پانتۇسوف تەرىپىدىن 1909-يىلى رۇسىيە تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدە نەشر قىلىنغان «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى ھەمدە شۇ ئاساستا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا قايتا نەشر قىلىندى.
چۈشۈرۈش ئورنى »

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى