كىتاب ئىسمى: شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى
جەمئىي 50 قىسىم كىتاب
تۈزگۈچى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى… قاتارلىقلار
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: تەخمىنەن 1.5GB
بەت سانى: 50X500
تەمىنلىگۈچى: ئەجداد تورى
قىسقىچە مەزمۇنى: مەزكۇر ئەسەر جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تارىخ ماتېرىياللىرى تەتقىقات ھەيئىتى قاتارلىق ئورۇنلار 1980-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلىغىچە 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تۈزگەن «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» ناملىق 50 توملۇق كىتابنىڭ بارلىق قىسىملىرىدۇر. كىتاب سىغىمى چوڭ بولغاچقا ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ياساپ تەمىنلىگەنلەر كەتكۈزۈپ قويغان تېخنىكىلىق خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن. خاتالىق بايقىغۇچىلارنىڭ ئىنكاس قالدۇرۇپ قويىشىنى سورايمىز. بىز ئىنكاسقا ئاساسەن ئوڭشاپ قويىمىز، رەھمەت.
چۈشۈرۈش ئورنى »
ئۇيغۇر تىلى
2013-يىلى 08-ئاينىڭ 28-كۈنى
2013-يىلى 08-ئاينىڭ 01-كۈنى
كىتاب ئىسمى: بدايع البدايە
يازغۇچى: ئەلىشىر نەۋائىي، ئەلىشىر ناۋايى، ئەلىشىر نەۋايى، ئەلىشىر ناۋائىي
تىلى: چاغاتايچە
ھۆججەت ئەندىزىسى: PDF
سىغىمى: 1M
بەت سانى: 26
تەپسىلاتى: مەزكۇر كىتاب ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «بدايع البدايە» (بەدايىئۇلبەدايە) ناملىق ئەسىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا ئاساسەن چاغاتايچە قايتىدىن بېسىپ، لاتىنچە تىرانسكىرىپسىيەسى بېرىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، تەتقىقاتلاردا پايدىلىنىش ئىنتايىن قولاي.
چۈشۈرۈش ئورنى »
2013-يىلى 07-ئاينىڭ 25-كۈنى
ماقالە نامى: سۈپەتنىڭ دەرىجە كاتېگورىيەسى توغرىسىدا
يازغۇچى: سىدىقجان ئىبراھىم Sidiqjan Ibrahim
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «تىل ۋە تەرجىمە» 1988-يىللىق 1-سان
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى سۈپەت ۋە ئۇنىڭ دەرىجە كاتېگورىيەسى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر تىلى، گىرامماتىكا، تىلشۇناسلىق، سۈپەت
چۈشۈرۈش ئورنى »
2013-يىلى 07-ئاينىڭ 25-كۈنى
ماقالە نامى: سۆز ياساشتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنايلى
يازغۇچى: ساتتار مۇھەممەد Sattar muhemmed
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «تىل ۋە تەرجىمە» 1989 – يىللىق 1-سان
قىسقىچە مەزمۇنى: ماقالىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى تونۇشتۇرۇلغان.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر تىلى، سۆز ياساش، ئاتالغۇ
چۈشۈرۈش ئورنى »
2013-يىلى 06-ئاينىڭ 02-كۈنى
كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە-خەنزۇچە تېببىي ئەمەلىي قوللانما
تۈزگۈچى: ئەخمەتجان ئىسمايىل
ئېلكىتاب ئىشلىگۈچى: ئادىلجان تۇراق
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 8M
مەزكۇر كىتاب 60 نەچچە بەتلىك بولۇپ، كىتابتا دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر، دورىلار ۋە داۋالاش جەريانىدا دوختۇر-بىمار ئوتتۇرىسىدا دائىم قوللىنىدىغان دىيالوگلار ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە-خەنزۇچە لۇغەت شەكلىدە بېرىلگەن.
بىرھوندا ئورتاقلاشقۇچى: pantkn
چۈشۈرۈش ئورنى »
2013-يىلى 03-ئاينىڭ 22-كۈنى
ئۇيغۇر بېيتلىرى
توپلىغۇچى: رادلوف
نەشىر ۋاقتى: 1886
نەشىر ئورنى: پېتىربۇرگ
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى: نىجات سوپى (دوكتور)
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: مىراس ژۇرنىلى 2011-يىللىق 4-سان
بۇ بېيىتلار رۇس ئالىمى رادلۇف تەرىپىدىن 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن خاتىرىلەنگەن ھەمدە 1886-يىلى سانكتپېتېربۇرگتا نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ قېتىم ئەسلى ئەسەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش ئاساسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاغدۇرۇلۇپ نەشر قىلىندى. بۇ بېيىتلار ئىچىدە سادىر پالۋان، نۇزۇكۇم قوشاقلىرى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئىلى خەلق ناخشىلىرىمۇ بار.
چۈشۈرۈش ئورنى »
2013-يىلى 01-ئاينىڭ 15-كۈنى
كىتاب ئىسمى: خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە تەنتەربىيە لۇغىتى
تۈرى: لۇغەت
يازغۇچىلار:
يالقۇن
نىياز راخماننىياز راھمان
نەشرىيات: خەلق نەشرىياتى
ۋاقتى: 1985
ھۆججەت ئەندىزىسى: PDF
سىغىمى: 30M
بەت سانى: 780
بۇ خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە بىر قەدەر بۇرۇن تۈزۈلگەن تەنتەربىيە لۇغىتى بولۇپ، لۇغەتكە جەمئىي 11 مىڭدىن ئارتۇق تەنتەربىيە ئاتالغۇلىرى كىرگۈزۈلگەن. پايدىلانغاندا دىققەت قىلىڭ: مەزكۇر لۇغەتتىكى ئاتالغۇلارنى مۇتلەق توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەڭ يېڭى قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلارغا دىققەت قىلىڭ.
بۇ لۇغەت ھەقلىق
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇر خەتتاتلىقى قوللانمىسى
تۈرى: گۈزەل – سەنئەت
يازغۇچى: نىياز كېرىم شەرقىي
نەشرىيات: گۈزەل – سەنئەت نەشرىياتى
ۋاقتى: 1992
ھۆججەت ئەندىزىسى: PDF
سىغىمى: 15m
بەت سانى: 205
تەمىنلىگۈچى:خۇشنۇت
مەزكۇر كىتابنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى خۇشنۇت، نۇرتىكىن، زەينۇرە مەۋلان، ھەنىپە ئابدۇۋەلى قاتارلىقلار تەييارلىغان، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ كىتاب ئاتاقلىق خەتتات نىياز كېرىم شەرقىينىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر گۈزەل – سەنئەت كەسپلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابى قىلىپ ئىشلىتىلگەن. كىتابتا ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان تۈز، رۇقئى، تەئلىق، ئەسلىيە، سۇلۇس، كۇفى، شەترەنجى كۇفى، رەيھانى، ئىجازەت، دىۋانى، جەللى، … قاتارلىق قاتارلىق خەت نۇسخىلىرى ھەرپ، بوغۇم، سۆز ۋە جۈملە بويىچە تەپسىلىي ئۆگىتىلىدۇ. ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق يېزىش، خەتتاتلىقنى ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش ماتېرىيالى ۋە ئۈلگە بولالايدۇ. كىتابنىڭ ئاخىرىغا يەنە نىياز كېرىم شەرقىي ئەپەندىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
چۈشۈرۈش ئورنى »