چاغاتاي





كىتاب ئىسمى: بدايع البدايەalishir nawayi alishir newa'i alishir novo'i
يازغۇچى: ئەلىشىر نەۋائىي، ئەلىشىر ناۋايى، ئەلىشىر نەۋايى، ئەلىشىر ناۋائىي
تىلى: چاغاتايچە
ھۆججەت ئەندىزىسى: PDF
سىغىمى: 1M
بەت سانى: 26
تەپسىلاتى: مەزكۇر كىتاب ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «بدايع البدايە» (بەدايىئۇلبەدايە) ناملىق ئەسىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا ئاساسەن چاغاتايچە قايتىدىن بېسىپ، لاتىنچە تىرانسكىرىپسىيەسى بېرىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، تەتقىقاتلاردا پايدىلىنىش ئىنتايىن قولاي.
چۈشۈرۈش ئورنى »

ئۇيغۇر بېيتلىرىradlof radlov toplighan uyghur beytliri
توپلىغۇچى: رادلوف
نەشىر ۋاقتى: 1886
نەشىر ئورنى: پېتىربۇرگ
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى: نىجات سوپى (دوكتور)
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: مىراس ژۇرنىلى 2011-يىللىق 4-سان
بۇ بېيىتلار رۇس ئالىمى رادلۇف تەرىپىدىن 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن خاتىرىلەنگەن ھەمدە 1886-يىلى سانكتپېتېربۇرگتا نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ قېتىم ئەسلى ئەسەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش ئاساسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاغدۇرۇلۇپ نەشر قىلىندى. بۇ بېيىتلار ئىچىدە سادىر پالۋان، نۇزۇكۇم قوشاقلىرى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئىلى خەلق ناخشىلىرىمۇ بار.
چۈشۈرۈش ئورنى »

يەتتە سۇ ئۇيغۇر تېپىشماقلىرىnijat sopi yette su uyghur tepishmaqliri pantusov nikolai
تۈرى: تېپىشماق
ئاپتورى: خەلق
توپلىغۇچى: نىكولاي پانتۇسوف
نەشىر ۋاقتى: 1909
نەشىر قىلغان ئورۇن: قازان دارىلئۇلۇم نەشرىياتى (تاتارىستان)
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى: نىجات سوپى (دوكتور)
بۇ تېپىشماقلار 1909-يىلى پانتۇسوف تەرىپىدىن قازان شەھرىدە چاغاتاي يېزىقىدا بېسىلغان «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان ھەمدە شۇ دەۋرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا قايتا نەشر قىلىنغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسى قومۇل ئەدەبىياتى ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 6-سانىغا بېسىلغان.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىchaghatay uyghur tili ablimit ehet bogu
تۈرى: تىل، تىلشۇناسلىق
يازغۇچى: ئابلىمىت ئەھەت بۆگۈ
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 10m
بەت سانى: 546
تەمىنلىگۈچى: لوپنۇرى
چۈشەندۈرۈش: ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە گۈزەل تىل. ئۇ ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات داۋامىدا قەدىمكى تۈركىي تىللار دەۋرى، ئورخۇن ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، ئىدىقۇت-خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى بېسىپ ئۆتكەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلى ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، بىراخما يېزىقى، مانى يېزىقى، سوغد يېزىقى، ئەرەب يېزىقى قاتارلىق يېزىقلار بىلەن خاتىرىلەنگەن(بەزى يېزىقلار ئومۇميۈزلۈك، بەزى يېزىقلار قىسمەن قوللىنىلغان)، شۇنداقلا خەنزۇ تىلى، سانسكرىت تىلى، ساك تىلى، تۇخار تىلى، سوغدا تىلى، ئەرەب تىلى، پارس تىلى، موڭغۇل تىلى قاتارلىق نۇرغۇرن تىللار بىلەن ئۇچرىشىپ ھەم بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىگە كىرگەن.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكستلىرى
(چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىدىن)
يازغۇچى: ئابدۇرەوپ پولات تەكلىماكانىي
نەشىر قىلىنغان ۋاقىت: 2005
ھۆججەت شەكلى: pdf
سىغىمى: 2،3m
بەت سانى: ئەسلى كىتاب 851 بەت، pdf كىتاب 256 بەت
تارقاتقۇچى: ئۇيغۇر مۇقام تورى، ئىستىقبال مۇنبىرى
ئەسكەرتىش: بۇ ئېلكىتاب شۇ ناملىق كىتابنىڭ تورداشلار تەرىپىدىن قايتا بېسىلىشى ئىكەن. شۇڭا سۈپىتى ئەسلى كىتابقا ھەرگىز يەتمەيدۇ. ئەسلى كىتابنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، كىتابپۇرۇش بىلوگىغا بېرىڭ.
چۈشۈرۈش ئورنى »

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى