ئۇنىۋېرسال





كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى بۈگۈن 2012 – يىللىق 10 نادىر بىلوگنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بىرھون 3 – بولۇش شەرىپىگە ئېرىشىپتۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى ۋە بىزنى قوللاپ بەرگەن تورداشلارغا رەھمەت!
2012 – يىللىق 10 نادىر بىلوگنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ

ئەسكەرتىش: بۇ كىتاب پەقەت تەتقىقاتچىلار، مۇناسىۋەتلىك كەسىپتىكى ئوقۇغچىلارغىلا ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.
كىتاب ئىسمى: تۈركىي تىللار دىۋانى
مەھمۇد كاشغەرىي يازغان ئەسلى قوليازما
ئاپتورى: مەھمۇد كاشغەرىي (قاراخان ئېمپىرىيەسى)
كاتىپ: نامەلۇم (سۈرىيە)
كىتاب كۆچۈرۈلگەن ئورۇن: باغدات
يېزىلغان ۋاقىت: 1074 – يىلى
كىتابنى بايقىغۇچى: ئەلى ئەمرە (تۈركىيە)
سۈرەتلەرنى تەمىنلىگۈچى: ئىستانبۇل مىللى ئەليازما
كىتاب ساقلىنىۋاتقان ئورۇن: ئىستانبۇل
كىتابنىڭ بىر قىسىم بەتلىرىنى ۋە تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈپ بېقىڭ
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
«ئا» دىن «ي» غىچە جەمئىي 6 كىتاب
تۈزگۈچىلەر: ئابلىز ياقۇپ، غەنىزات غەيۇرانى، زايىت ھېۋېل، ئىسمائىل قادىر، ھەمدۇللا ئابدۇراخمان، ئابلىز ئەمەت، پەرھات نۇر.
نەشرىيات: خەلق نەشرىياتى
نەشىر قىلىنغان ۋاقىت: 1990
ھۆججەت شەكلى: PDF
بەت سانى: تەخمىنەن 5500 بەت (6 كىتاب)
سىغىمى: 250m
چۈشەندۈرۈش: بۇ 1990 – يىلى تۇنجى قېتىم تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 60 مىڭدىن ئارتۇق تۈپ سۆز، تۇراقلىق سۆز ۋە ياسالما سۆزلەر ئىزاھلانغان. ئەلۋەتتە، 2011 – يىلى نەشىر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»گە سېلىشتۇرغاندا بەزى سۆزلەرنىڭ ئىملاسىدا پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا پايدىلانغۇچىلارنىڭ پەرققە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: يىللار شۇنداق ئۆتكەن
يازغۇچى: مەمتىمىن ھوشۇر
تۈرى: تارىخىي قىسسە
بەت سانى: 247
نەشرىيات: خەلق نەشرىياتى
ۋاقتى: 1988
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 35mb
تارقاتقۇچى: لوپنۇرى
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان، ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىدا ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ،ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە نائىل بولغان داڭلىق سەنئەتكار ئابدۇۋېلى جارۇللايۇپنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان ”يىللار شۇنداق ئۆتكەن ناملىق بىئوگىرافىك قىسەسىدۇر.بۇ كىتاب 1989-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ھازىر ئوڭايلىقچە ئۇچىراتقىلى بولمايدىغان مۇھىم كىتابلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ كىتابتىن سىز ئابدۇۋېلى جارۇللايۇپنىڭ ھاياتى ئىش-پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپلا قالماستىن، ئەينى دەۋىردىكى سىياسى ۋە ئىجتىمائى ئەھۋاللار ھەققىدىمۇ خېلى ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز. كىتابنىڭ بەلگىلىك تارىخى قىممىتى بار.
چۈشۈرۈش ئورنى »

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يېقىندىن بۇيان بىرھوننىڭ يېڭىلىنىش چاستۇتىسىنى تۆۋەنلەپ قالغاندەك ھېس قىلغانسىز، ئەلۋەتتە، بىزنىڭ بۇر توربەتتىن باشقا قىلىدىغان ئىشلىرىمىز بار، شۇڭا يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ماتېرىيال كۆپەيمىدى. ئەمما تەييارلىنىۋاتقان «لېيىغان بۇلاق» يەتتە قىسىم؛ 1920 – يىللاردىن 1950 – يىللارغىچە موسكۋا، قازان، تاشكەنت، ئالما-ئاتا قاتارلىق جايلاردا نەشىر قىلىنغان 100 پارچە ئۇيغۇرچە رومان ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان نادىر كونا كىتابلار پات يېقىندا تورداشلارغا بىر – بىرلەپ سۇنىلىدۇ. بىرھوننى داۋاملىق قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت. قانچە كۆپ زىيارەت قىلسىڭىز، بىزنى شۇنچە ياخشى قوللىغان بولىسىز.

كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە لۇغەت
维汉大辞典
باش مەسلىھەتچى: ئىسمايىل ئەھمەد
ئابلەت ئابدۇرېشىت
ئىسمايىل تىلىۋالدى
باش تۈزگۈچى: ئابدۇسالام ئابباس
تۈزگۈچىلەر (ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلدى):
ئابدۇغاپپار ئابدۇراخمان، ئابدۇكېرىم موللاخۇن، ئابلىز ئاتاۋۇللا، ئەنۋەر ئابدۇراخمان، جاڭ شىرۇڭ، جەمىلە ساتتار، چېن زۇڭ جېن، رەيھان ھامۇت، روشەنگۈل ئېلى، سابىت روزى، غەنىزات غەيۇرانى، گوجىگاڭ، لياۋ زېيۈ، ماجۈنمىن، مەمەت ئېلى ئابدۇرېھىم، مۇيەسسەر ئابدۇرىشىت، مىرسۇلتان ئوسمانوف، ۋاڭ جېنبېن، ئېلى زاھىت، ئىلھام تۇرسۇن
تۈزۈلگەن ۋاقىت: 2006
ھۆججەت شەكلى: PDF
بەت سانى: 1426
سىغىمى: 100mb
چۈشۈرۈش ئورنى »

تەتقىقاتچىلار، ئىزدەنگۈچىلەر ۋە بارلىق كىشىلەرگە:
بىرھون تورى ئۇيغۇرچە ماقالە ئامبىرى قۇرماقچى. ئۆز كەسپىڭىز (ساھەيڭىز)دە، ئۆزىڭىز يازغان ماقالىنى بىزگە ئەۋەتسىڭىز، بىرھون ماقالە ئامبىرىغا قوشۇپ، مەزكۇر توربەتتە ئېلان قىلىمىز. بۇ ئارقىلىق ماقالىڭىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشى ئوقۇپ، تېخىمۇ كەڭ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. بىرھون ئامبىرىدىكى ماتېرىياللار Google، مىكروسوفت ۋە بەيدۇ شىركىتىنىڭ بوشلۇقىغا يۈكلەنگەن بولۇپ، IT ساھەسىدىكى بۇ ئۈچ كاتتىباشنىڭ ھۆججەت ساقلاش مۇلازىمىتى بىرقەدەر ئىشەنچىلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك. سىز بىرھون ماقالە ئامبىرىغا ماقالىڭىزنى قوشۇش ئارقىلىق، ئىلىم – پەن ساھەسىدە قازانغان نەتىجىلىرىڭىزنى ھەممىگە ئۇقتۇرالايسىز، كېيىنكىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىسىز. سىز پەقەت ماقالىنىڭ ئەسلى تېكست ھۆججىتى ياكى رەسىمگە تارتىلغان نۇسخىسىنى ئەۋەتسىڭىز، چىرايلىق PDF نۇسخىسىنى ئۆزىمىز ياساپ چىقىرىپ قويىمىز.
شەرتلەر:
ماقالە چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ بولۇشى كېرەك.
ھەرقانداق بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بولۇشى كېرەك (ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ماقالىسىگە پىروففېسسور تەكشۈرۈپ نومۇر قويغان بولسا، ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ بولىدۇ).
ماقالە بىلەن بىرلىكتە ئاپتور نامى، ماقالە نومۇرى، ژۇرنال ئۇچۇرلىرى تەمىنلىنىشى كېرەك. (ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ماقالىسىگە ئىمزا قويغان پىروففېسسورنىڭ نامى – شەرىپى تەمىنلىنىشى كېرەك.)
ماقالىنى تۆۋەندىكى ئېلخەتكە ئەۋەتىڭ:

ئۇزۇندىن بۇيان بىرھون تورى ئۈچۈن مىكرو بىلوگ ئېچىش خىيالىمىز بار ئىدى، ئەمما سۇپىلار يارىماي كەلگەن. يېقىندا قايتا ئېچىلغان قارۇلۇق مىكرو بىلوگى – گۈدۈكنى ياقتۇردۇق. شۇڭا بۇندىن كېيىن ئەڭ يېڭى كىتاب ئۇچۇرلىرى گۈدۈكتە دەل ۋاقتىدا يېڭىلىنىدۇ. بىرھون بىلەن ماس قەدەمدە تۇرۇش ئۈچۈن گۈدۈكتە بىزگە ئەگىشىڭ.
بىزنىڭ گۈدۈك: http://guduk.com/birhon

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى