ئالاقە

دىققەت: بىزنى چۈشىنىڭ، بىز ئىنتايىن ئالدىراش، بىرھون تورىدىن كىتاب ئىزدەش، چۈشۈرۈش ۋە باشقىلار ھەققىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى ياردەم سەھىپىسىگە تەپسىلىي يېزىپ قويدۇق. ئەگەر مەلۇم كىتاب ھەققىدە پىكرىڭىز بولسا، شۇ كىتاب بار بەتكە ئىنكاس يازسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئورۇنلاردىن جاۋابقا ئېرىشەلمىسىڭىز، ياكى بىزگە ماقالە، كىتاب تەمىنلىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
ئېلخەت:

بۇ يازمىدا 32 ئىنكاس بار

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!
    بۇ بەتتىكى مەزمۇنلار ئىنتايىن مول، ھەم پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى ئىكەن ئۇزۇن بولدى كىرىپ كۈندە دېگىدەك ئارلاپ تۇردۇم. كىچىكنە سۇئالىم بار ئىدى : قانداق قىلغان بېكەتنى كۆپ تىللىق قىلغىلى بولىدۇ. بۇ قىستۇرما ياكى باشقا بېرەر يېڭى تېخنىكا بارمۇ؟

  2. ئىزدىنىشتىكى iltersh نىڭ سۆزى:

    شىېۋىتسىيەگە خوتەندىن 1870 – يىللىرى ئەپچىقىپ كېتىلگەن سارە ، يامانقىز، ئالتۇنقىز دىگەن 3 قىزنىڭ شېۋىتسىيەدىكى كېيىنكى ھاياتى توغرىسىدىكى بىر كىتاپنى چىقىرىغاننىڭ گېپىنى قىلىۋاتاتتىڭىز بىر يىل ئالدىدا …
    مۇشۇ كىتاپ چىقىرىلدىمۇ يوق بىر ھونغا ، ئىزدەپ تاپالمىدىم،خەۋىرىنى بەرسىڭىز

  3. غەيرەت نىڭ سۆزى:

    سالام بىرھون ئەپەندى ۋە قوللىغۇچىلار،
    ھەممىڭلارنىڭ ئەجرىگە كوپ تەشەككۈر. توربەتكە قويۇلغان ماتېرىياللار ناھايىتى سەرخىل بولسىمۇ، كىتابلارنى شويلىلىغاندىن كېيىن، جۈپ قىلىپ شويلىلانغان بەتنى ئايرىپ، بەتتىكى قىيسىقلارنى تۈزلەپ ئاندىن PDF قا ئايلاندۇرۇلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.
    بۇنى ئادەتتىكى سۈرەت دېتاللىرى بىلەن قىلىش سەل ئەپسىز بولغاچقا، مۇشۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر پروگرامما ئىشلىگەن ئىدىم. بارلىق كىتابلارنى تۈزلەپ بولۇش قىيىنراق، بىراق، بۇنىڭدىن كېيىنكى كىتابلارنى مۇمكىن بولسا سۈپەتلىك قىلىشقا پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
    تەپسىلاتلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://www.qutyar.net/mb/thread-7290-1-1.html

  4. خەدىجە ئەھەت نىڭ سۆزى:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ قىلغان ئەھمىيەتلىك ئىشىڭلار ئۈچۈن چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن. تەتقىقاتچىلارغا شۇنداق ئەسقاتىدىغان تور بەت بولدى بۇ.
    ئاپتونۇم رايونلۇق قەدىمىي ئەسەرلەر ئىشخانىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قەدىمى ئەسەرلەر كاتولوگىنى يوللاش مۇمكىن بولارمۇ؟ رەھمەت.

«ئالاقە»گە ئىنكاس يېزىڭ

=1+9

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى