2011- يىللىق يازمىلار





بۇ «تىل ۋە تەرجىمە» ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ ھازىرغىچە چىققان بارلىق سانلىرىدىكى ماقالىلەرنىڭ ئومۇمىي مۇندەرىجىسى. (بۇ مۇندەرىجە داۋاملىق يېڭىلىنىپ، مۇشۇ تور بەتتە داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلاندى.)
ھۆججەت چوڭ بولغاچقا سەككىز پارچە word ھۆججىتىگە پارچىلاندى. مەلۇم ماقالىنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، ھەر بىر word ھۆججىتىنى ئايرىم-ئايرىم ئېچىپ ئىزدىسىڭىز ياكى بارلىق word ھۆججەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، word نىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. ناھايىتى قولايلىق.
ھۆججەت شەكلى: Word 2003
ھۆججەت چوڭلۇقى: 7mb
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە ئىسمى: نوبېلنىڭ ۋەتىنىدىن تارىم ئويمانلىقىغا نەزەر
شىۋېتسىيە بىلەن مەركىزى ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ھەمدە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ھەققىدە ئومۇمى بايان
يازغۇچى: ئەسئەت سۇلايمان
مۇھەررىر: تۇرسۇن ھوشۇر ئىدىقۇتى
يېزىلغان ۋاقىت: 2005
نەشىر قىلىنغان ۋاقىت: 2005
نەشىر قىلغان ئورۇن: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى
ھۆججەت شەكلى: PDF
بۇ ئەسەردە ئەسئەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان ۋە ئېلىنمىغان نۇرغۇن گەپلەر بار.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: سەمەندەر
تۈرى: تارىخى رومان
يازغۇچى: مۇھەممەد ئەھمەد چوپانى
نەشىر قىلىنغان ۋاقىت: 2007
ھۆججەت تۈرى: PDF (سۈزۈك)
ھۆججەت چوڭلۇقى: 4mb
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ تارىخى روماندا 1945 – 1946 – يىللىرى زەرەپشان ۋە خالاستان بويلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان كۆرەشلەر تەسۋىرلەنگەن.
ئېلكىتاب ئىشلىگۈچى: ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: تۈركىي تىللار
يازغۇچى: باسكاكوف (باسكاكوۋ، باسقاقوف)
تەرجىمە قىلغۇچى: پەرھات جىلان
ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان ۋاقىت: 1986
بەت سانى: 486
«تۈركىي تىللار» ناملىق بۇ كىتاب بارلىق تۈركىي تىللارنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باغلىنىش مۇناسىۋەتلىرىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرىدىغان، ئۇلارنىڭ شەكىللىنىش، تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان كىتابتۇر.
مەزكۇر ئۇيغۇرچە نۇسخا مەزكۇر كىتابنىڭ 1960 – يىلى موسكۋادا نەشىر قىلىنغان رۇسچە نۇسخىسىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن.
ھۆججەت شەكلى: PDF
چوڭلۇقى: 10mb
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شېۋىسى
كىتابنى تۈزگۈچىلەر: ئابدۇراخمان كېرەك، توختىخان ئىسمايىل، تۇردى ئابلا، مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئېلى ئىسمايىل، سائادەت كىچىك، سەمەت ئەسرا، ئايگۈل مەمەت، يۇنۇس سادىق.
كىتاب تۈزۈلگەن ۋاقىت: 1997 – يىل
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ كىتابتا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قومۇل شىۋىسى (قۇمۇل شېۋىسى) تىل تاۋۇشلىرى، سۆزلۈك ۋە گىرامماتىكا جەھەتتىن تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. كىتاب مەزمۇنى مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا يۇقىرى ئورۇن تۇتىدۇ.

چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: قەدىمكى جەمئىيەت
Ancient Society
يازغۇچى: لېۋىس ھېنرى مورگان
Lewis Henry Morgan
يېزىلغان ۋاقىت: 1877
ھۆججەت شەكلى: PDF (سۈزۈك باسما)
«قەدىمكى جەمئىيەت» ناملىق بۇ كىتاب گەرچە بەزى نوقسانلاردىن خالى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىسى چوقۇم بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىشى كېرەك بولغان ماتېرىيالدۇر. بۇ كىتاب ئۇيغۇرچە (مەن بىلسەم ئىككى قېتىم) نەشىر قىلىندى. باشقا تىللاردىكى نەشرى ھەم بەك كۆپ بولدى. بۇ ئېنگلىزچە كىتابنىڭ PDF نۇسخىسى بولۇپ، «مۇشۇ كىتابنىڭ ئەسلى ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى ئوقۇپ باقسام بوپتىكەن» دېگۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەمىنلەندى. قوشۇمچە قىلىپ خەنزۇچە نۇسخىسىنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇق.
چۈشۈرۈش ئورنى »

سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى
كىتاب ئىسمى: سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى
يازغۇچى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن (1933 – 1995)
ھۆججەت شەكلى: PDF (سۈزۈك)
ھۆججەت چوڭلۇقى: 700kb
بۇ تارىخىنىڭ سەۋدالىق يىللىرىدا يېزىلغان تەئەججۈپنامە. بۇنداق يىللارنى ئاپەت دەپ ئاتىساڭ، ئاپەتلىرى تولىمۇ پاجىئەلىك. بۇنداق يىللارنى ئامەت دەپ ئاتىساڭ، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، زۇلمەتنى يېڭىپ، ئالغا ئىگلىرلىشىگە قوشقان تۆھپىسى ھېكمەتكە باي، قىممەتلىك ئامەت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ…. – يازغۇچىدىن
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: ياغاچ مېدال
تۈرى: تارىخى رومان
يازغۇچى: چوپانى
ھۆججەت شەكلى: PDF
(سۈزۈك نۇسخا)
ھۆججەت چوڭلۇقى: 10mb
بەت سانى: 292 (pdf)
بۇ كىتابنى ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى توردا ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەسلى مەنبەدىكى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى مۇرەككەپ بولغاچقا، بۇ يەرگە ئۇلىنىش قىلىندى. بۇ كىتاب ۋە بۇ كىتابقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار تۇرانىم تور بېكىتىدىن كۆچۈرۈلدى.
چۈشۈرۈش ئورنى »

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى