ياردەم

.

بىرھون قانداق توربېكەت؟
بىرھوندىن پايدىلىنىش كېلىشىمى
كىتابلارنى قانداق چۈشۈرىمەن؟
شۈنلېي قاتارلىق قوراللاردا چۈشۈرسەم بولامدۇ؟
بىرھوندىن چۈشۈرگەن كىتابلارنى قانداق ئوقۇيمەن؟
بىرھوندىن ئۆزۈمگە كېرەكلىك كىتابنى قانداق ئىزدەيمەن؟
ماڭا كېرەكلىك كىتاب بىرھوندا بولمىسا قانداق قىلىمەن؟
كىتابلارنى ھەقسىز ئېلان قىلساڭلار، نەشىر ھوقۇقى مەسىلىسىچۇ؟
بىرھون تورى توربەت چىقىملىرىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟
مەندە ئېلكىتاب بار ئىدى، بىرھوندا قانداق ئورتاقلىشىمەن؟
تەكلىپ بەرمەكچى بولسام قانداق قىلىمەن؟
تور بېتىڭلاردىكى رەسىم ۋە مەزمۇنلارنى ئىشلەتسەم بولامدۇ؟
بىرھوندىكى مەزمۇنلارنى مىكرو بىلوگ قاتارلىق ئىجتىمائىي – ئالاقە تورلىرىدا قانداق ئورتاقلىشىمەن؟
تور بېتىڭلارنى ئۇلىنىش قىلىۋالسام بولامدۇ؟
مەن بىر يازغۇچى. يېقىندا بىر كىتابىم نەشرىدىن چىقتى. سىلەر قانداق ياردەمچى بولالايسىلەر؟

.

بىرھون قانداق توربېكەت؟
بىز مەزمۇنى ساغلام، قولايلىق بىر كىتاب ئامبىرى بولسۇن ئۈچۈن، بۇ توربەتنى ياسىدۇق. كىتابلارنى باشقا داڭلىق بېكەتلەردىكىدەك مەجبۇرىي تىزىملىتىپ، ئېلان چېكىپ ياكى مەجبۇرىي ئىنكاس قالدۇرۇش ئارقىلىق چۈشۈرمەيسىز. ئامالنىڭ بارىچە چۈشۈرۈش ۋە پايدىلىنىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، مىكروسوفت مۇلازىمىتېرى، سىنا تورى بوشلۇقى قاتارلىق داڭلىق ۋە مۇقىم بوشلۇقلاردىن پايدىلاندۇق. كىتابلارنى ئۇزاق مەزگىل مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىككىدىن ئارتۇق مۇلازىمىتېرغا يۈكلىدۇق. تاسادىپپىي بىرىدىن چۈشۈرگىلى بولمىسا، يەنە بىرىدىن چۈشۈرەلەيسىز. كىتابلارنىڭ ئىسمى ئۆلچەملىك ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا بېرىلدى. شۇڭا كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ بۇ توربەت يوقاپ كەتسىمۇ، بۇ بەتتە ئېلان قىلىنغان كىتابلارنى يۇقىرىدىكى مۇلازىمىتېرىلاردىن ئىزدەپ تاپالايسىز.
توربەتنىڭ لايھەسىدە قولايلىق بولۇش بىرىنچى مەقسەت قىلىندى. يېتەرسىزلىكلەر بولسا، ئىنكاس قالدۇرۇپ تەكلىپ بېرىڭ.

باشقا قايتىش

.

بىرھوندىن پايدىلىنىش كېلىشىمى
بۇ توربەتتە تەمىنلەنگەن ئېلېكتىرونلۇق كىتابلارنى ھەرقانداق سودا پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇشقا بولمايدۇ. پەقەت ئىلمىي تەتقىقاتلارغا ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن توردا ئاشكارا تەمىنلەنگەن كىتابلارنىڭ ئىزدەش ئۇچۇرلىرى، چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى بۇ جايغا توپلاندى. ئەگەر كىتابلارنى ياقتۇرسىڭىز، ئەسلى نۇسخىسىنى سېتىۋېلىڭ. بۇ توربەتتىكى PDF كىتابلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى ھەقسىز ئورتاقلىشىش مەنبەلىرىدىن كەلگەن. ئالدى بىلەن شۇ تور بېكەتلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز.

باشقا قايتىش

.

كىتابلارنى قانداق چۈشۈرىمەن؟
بىرھوندىكى ماتېرىياللار ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە مۇقىملىقنى مەقسەت قىلىپ، كۆپلىگەن بوشلۇقلارغا يۈكلەنگەن بولۇپ، تۆۋەندە مىكروسوفت شىركىتى تەمىنلىگەن Skydrive بوشلۇقىدىن چۈشۈرۈشنى مىسال قىلىپ ماتېرىيال چۈشۈرۈشنى تونۇشتۇرىمىز:
بىرھونغا كىرگەندىن كېيىن باش بەت ياكى باشقا بەتلەردە كۆرسىتىلگەن كىتابلارنىڭ تونۇشتۇرۇلمىسىدا «چۈشۈرۈش» بېتىنىڭ ئۇلانمىسى بار. تۆۋەندىكى رەسىمدە قىزىل بويالغان ئورۇنغا ئوخشايدۇ. شۇ ئورۇننى چېكىپ داۋاملاشتۇرىسىز.

ئاندىن تۆۋەندىكىدەك چۈشۈرۈش ئۇلانما بېتى ئېچىلىدۇ:

يۇقىرىدىكى رەسىمدىكىدەك، بىرھوندىكى ماتېرىياللار كۆپلىگەن بوشلۇقلارغا يۈكلەنگەن بولۇپ، سىز خالىغان بوشلۇقتىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. قايسىلا بوشلۇقتىن چۈشۈرسىڭىز ئوخشاش ماتېرىيال چۈشىدۇ. تۆۋەندە Skydrive دىن چۈشۈرۈشنى مىسال قىلىمىز. يۇقىرىدىكى رەسىمدە قىزىل بويالغان «Skydrive دىن چۈشۈرۈش» دېگەن خەتنى چەكسىڭىز Skydrive چۈشۈرۈش بېتى ئېچىلىدۇ. ئەگەر كومپيوتېرىڭىزدا Adobe Reader بولسا، كىتابنى ئالدىن كۆرەلەيسىز. ھەمدە تۆۋەندە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئېكراننىڭ ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى «Download» دېگەن خەتنى چەكسىڭىز، ماتېرىيال چۈشىدۇ. (Download دېگەن خەت ئىنگلىزچە چۈشۈرۈش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. سىز قايسى دۆلەتتە بولسىڭىز، بۇ خەت شۇ دۆلەتنىڭ تىلىدا كۆرۈنۈشى مۇمكىن.) تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

ئەگەر كومپيوتېرىڭىزدا Adobe Reader بولمىسا، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. ۋە بۇ كۆزنەكتىن «Download» دېگەن خەتنى چەكسىڭىز، ماتېرىيال چۈشىدۇ. (Download دېگەن خەت ئىنگلىزچە چۈشۈرۈش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. سىز قايسى دۆلەتتە بولسىڭىز، بۇ خەت شۇ دۆلەتنىڭ تىلىدا كۆرۈنۈشى مۇمكىن.) تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

.

شۈنلېي قاتارلىق قوراللاردا چۈشۈرسەم بولامدۇ؟
دىققەت: بىرھوندىكى ماتېرىياللار يوللانغان SkyDrive قاتارلىق بوشلۇقلار شۈنلېي ۋە باشقا چۈشۈرۈش قوراللىرىنى قوللىمايدۇ. شۇڭا ئەگەر كومپيوتېرىڭىزدا شۇنداق قوراللار بولسا ۋاقتىنچە ئۆچۈرۈڭ ياكى ئېتىۋېتىڭ. ئەلۋەتتە، دۆلەت ئىچىدىكى بەزى بوشلۇقلار شۈنلېي ئارقىلىق چۈشۈرۈشنى قوللىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا، شۇ ماتېرىيالنى چۈشۈرۈش بېتىدە ئەسكەرتىلگەن بولىدۇ. باشقا ئەھۋاللاردا شۈنلېي ئارقىلىق چۈشۈرسىڭىز، چۈشۈرمەكچى بولغان ماتېرىيالنىڭ ئۆزى چۈشمەيدۇ، بەلكى سىزگە كېرەكلىك بولمىغان بىر قۇرۇق بەت چۈشىدۇ.

باشقا قايتىش

.

بىرھوندىن چۈشۈرگەن كىتابلارنى قانداق ئوقۇيمەن؟
بىرھوندىن چۈشۈرگەن كىتابلارنى ئوقۇش ئۈچۈن، كومپيوتېر ياكى يانفونىڭىزدا PDF ئوقۇغۇچ بولۇشى كېرەك. تۆۋەندىكى ئورۇنلاردىكى ئۆزىڭىزگە ماس كەلگىنىنى تاللاپ قاچىلاڭ:

باشقا قايتىش

بىرھوندىن ئۆزۈمگە كېرەكلىك كىتابنى قانداق ئىزدەيمەن؟
بىرھون تورىنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئىزدەش رامكىسىغا ئۆزىڭىزگە لازىملىق كىتابنىڭ ئىسمى ياكى يازغۇچىنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەڭ.
(ئۇيغۇر يېزىقى ياكى ئۆلچەملىك ULY دا يازسىڭىز بولىدۇ. قايسىلا يېزىقتا يازسىڭىز، ئىملا توغرا بولۇشى كېرەك.)
تۆۋەندە ئۆلچەملىك ULY بېرىلدى:

ULY دىكى «Éé, Öö, Üü» ھەرپلىرىنىڭ ئورنىغا ئۈستىدە چېكىتى يوق ماس ھەرپلەرنى، يەنى «Ee, Oo, Uu»لارنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

باشقا قايتىش

.

ماڭا كېرەكلىك كىتاب بىرھوندا بولمىسا قانداق قىلىمەن؟
ئەگەر سىزگە كېرەكلىك كىتاب بىرھوندىن تېپىلمىسا، توربېتىمىزنىڭ ئۈستىدىكى سەھىپە تىزىملىكىدە «ئۇلىنىش» دەپ بىر سەھىپە بار. شۇ سەھىپىدە بىرھوندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھەقسىز مەنبەلەرگە يول باشلاندى. شۇ مەنبەلەردىن ئاختۇرۇپ كۆرسىڭىز، بەلكىم چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.

باشقا قايتىش

كىتابلارنى ھەقسىز ئېلان قىلساڭلار، نەشىر ھوقۇقى مەسىلىسىچۇ؟
بىرھون تورى ئۆزى ئېلكىتاب ياسىمايدۇ. بىرھوندا ئېلان قىلىنغان بارلىق كىتابلار توردا ئاللىبۇرۇن ئېلان قىلىنغان. بىز پەقەت شۇلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسلىرىنى بىر يەرگە توپلاپ قويدۇق. ھەمدە بىرھون تورى باشتىن-ئاخىرى ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا ئائىت، بازاردىن قالغان، قايتا بېسىلمىغان، كىتابخانىلاردا نۆۋەتتە سېتىلمايۋاتقان كىتابلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تەمىنلىگەن بولۇپ، بازاردا ھېلىمۇ سېتىلىۋاتقان كىتابلار يوق. بەزى كىتابلارنىڭ ئىسمى بازاردىكى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، نەشرى پەرقلىنىدۇ. ئەگەر ئوخشاش كىتابنىڭ ھېلىمۇ بازاردىن قالمىغانلىقى بايقالسا، بىرھون تورىدىكىسى دەرھال ئۆچۈرۈلىدۇ.
ئېلكىتاب پەقەت ئىلمىي تەتقىقاتلاردا پايدىلىنىشقا قولايلىقتۇر. ئوقۇش ئۈچۈن ئېلكىتاب ئىشلىتىلسە كۆزگە زىيانلىق. ھەم ئوقۇغاندىكى تۇيغۇمۇ قەغەز كىتابنى ئوقۇغاندەك بولمايدۇ. بىرھون تورى ئوقۇش ئۈچۈن كىتاب ئىزدىگەنلەرنىڭ كىتابخانىلاردىن قەغەز كىتابنى سېتىۋېلىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىدۇ.

باشقا قايتىش

.

بىرھون تورى توربەت چىقىملىرىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟
ھەرقانداق توربېكەتنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى، نورمال يۈرۈشى ئۈچۈن بەلگىلىك چىقىم كېتىدۇ. كېتىدىغان چىقىملارنى توربېكەت ئۆزى ھەل قىلالىسا، بۇنداق توربەت ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم بولىدۇ. ئەمما بىرھون تورى تەمىنلىگەن ماتېرىياللار ئۈچۈن زىيارەتچىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايدۇ. بىرھونغىمۇ ئوخشاشلا بەلگىلىك چىقىم كېتىدۇ. بۇ چىقىملارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرھون تورى بەتنىڭ ئۆپچۆرىسىگە گۇگول ئېلانلىرىنى قويغان. بۇ ئېلانلارنىڭ كىرىمى بىرھوننىڭ ئاساسلىق چىقىملىرىنى كۆتۈرۈشكە يېتەرلىكتۇر.

باشقا قايتىش

.

مەندە ئېلكىتاب بار ئىدى، بىرھوندا قانداق ئورتاقلىشىمەن؟
ئەگەر pdf كىتاب تەمىنلىمەكچى بولسىڭىز، كىتابىڭىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىڭ. ھۆججەت 20 مېگابايتتىن چوڭ بولسا، تۆۋەندىكى تور بېكەتكلەرنىڭ ھەقسىز بوشلۇقىغا يۈكلەپ، ئاندىن بىزگە چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.
www.1000eb.com
www.dbank.com
www.skydrive.com
بىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىمىز:

باشقا قايتىش

.

تەكلىپ بەرمەكچى بولسام قانداق قىلىمەن؟
ئەگەر پىكىر-تەكلىپلىرىڭىز بولسا، مۇشۇ بەتكە ئىنكاس يېزىڭ. بىز سىز بەرمەكچى بولغان تەكلىپلەرگە ئېھتىياجلىق! ئەگەر تەكلىپىڭىز مۇشۇ تور بېكەتتىكى مەلۇم كىتاب توغرىسىدا بولسا، شۇ كىتاب بار بەتكە ئىنكاس يېزىڭ. رەھمەت. رەھمەت ئېيتماقچى بولسىڭىزمۇ مۇشۇ بەتكە ئىنكاس يازسىڭىز بولىدۇ.

باشقا قايتىش

.

تور بېتىڭلاردىكى رەسىم ۋە مەزمۇنلارنى ئىشلەتسەم بولامدۇ؟
بولىدۇ. ئەمما مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ. كىتاب رەسىملىرىنىڭ ھوقۇقى نەشرىيات ۋە يازغۇچىلارغا تەۋە. ئۇلىنىش قىلغاندا كىتاب ئۈستىگە تور نامى ۋە باشقا خەت،… دېگەندەكلەرنى تامغا قىلىپ باسماڭ، كىتاب مۇقاۋىسىنى قالايمىقان بويىماڭ! چۈنكى ئۇ كىتابقا پەقەت مەزكۇر كىتابنىڭ يازغۇچىسىلا ئۆز ئېتىنى يېزىشقا ھوقۇقلۇق.

باشقا قايتىش

.

بىرھوندىكى مەزمۇنلارنى مىكرو بىلوگ قاتارلىق ئىجتىمائىي – ئالاقە تورلىرىدا قانداق ئورتاقلىشىمەن؟
بىرھوندىكى ماتېرىياللارنىڭ چۈشۈرۈش بېتىنىڭ ئاستى تەرىپىدە پۈتۈن يەرشارىدىكى داڭلىق ئىجتىمائىي-ئالاقە تورلىرى ۋە ۋاستىلىرىنىڭ ئورتاقلىشىش ئۇلانمىسى بار. شۇلارنى چەكسىڭىزلا ئورتاقلىشالايسىز.

باشقا قايتىش

.

تور بېتىڭلارنى ئۇلىنىش قىلىۋالسام بولامدۇ؟
بولىدۇ. ئەمما بىز سىزنىڭ بېتىڭىزنى ئۇلىنىش قىلمايمىز. كەچۈرۈڭ، چۈنكى بۇ ئۇلىنىش تور بېتى ئەمەس.

باشقا قايتىش

.

مەن بىر يازغۇچى. يېقىندا بىر كىتابىم نەشرىدىن چىقتى. سىلەر قانداق ياردەمچى بولالايسىلەر؟
كىتابىڭىزنى تور بېتىمىزدە ئېلان قىلىپ، نامىنى ھەقسىز تەشۋىق قىلىپ بېرەلەيمىز. ئەمما سىز نەشرىدىن چىققان كىتابىڭىزنىڭ مۇقاۋىسى، قىسقىچە مەزمۇنى، مۇندەرىجىسى ۋە ئالدىنقى 50 بەتنىڭ PDF نۇسخىسىنى بىزگە ئەۋەتىشىڭىز كېرەك.

باشقا قايتىش

بۇ يازمىدا 17 ئىنكاس بار

  1. uygur نىڭ سۆزى:

    nima uqun man matiryal ezday sisam hatalik korditi qikiwalidu ?

  2. «ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش» ھەققىدىكى تېببىي كىتاپنىڭ ۋورد نۇسخىسى بىرھون ساندۇقىغا كەتتى. بۇ كىتاپ تەرجىمە ئەسەر بولۇپ، كەسىپچانلىقى يۇقىرى ھەم ئىقتىسادى ئۈنۈمى تۆۋەن بولغاچقا، نەشرىياتتىن چىقالمىدى. شۇنداقتىمۇ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشايلى دېدىم.
    «دۇنيادىكى دۆلەتلەر» ناملىق بىر كىتاپ يازغان ئىدىم، بۇمۇ نەچچە نەشرىياتقا كىرىپ ئاخىرى چىقالمىدى. مۇشۇنداق كىتاپ بولسىمۇ بىرھوندا چىقىرامسىلەر؟

  3. ھۇررا نىڭ سۆزى:

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، تور بېتىڭلارنىڭ قۇرۇلغىنى بىزدەك ئىچكىرى ئۆلكىلەرە ئوقۇپ ئويغۇرچە كىتاب ئوقۇش ئىمكانىيتىگە ئېرىشەلمىگەنلەر ئۈچۈن كاتتا مۇكاپات بۇلۇپتۇ، شۇ ۋەجىدىن ئالدى بىلەن سىلەرگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز . ئاندىن ئۆزۈمگە كەلسەم ئۇزاق بولغانتى ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ « داغ » ناملىق رومانىنى ئىزدەۋاتقىلى ، مۇمكىن بولسا بىرەر دوستمىز ھەمبەھىرلەپ قويسا ، ياكى بولمىسا مىنىڭ ئېلخەت ئادىرسىمغا ئەۋەتىپ بەرسىمۇ بولدۇ . ئېلخەت ئادىرسىم : 1448182860@qq.com ئاخىردا يەنە بىر قېتىم رەھمەت .

  4. salam نىڭ سۆزى:

    kitab qikmigili 2ay boldigu?

  5. نۇرتىكىن نىڭ سۆزى:

    يېڭىلانغان نۇسقىسى مىنېڭ كۈرەشلىرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تۇلۇق نۇسقىسىنى چۈشۈرۋېلىڭ!http://pan.baidu.com/share/link?shareid=177396&uk=1646658903

«ياردەم»گە ئىنكاس يېزىڭ

=3+8

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى