ماقالە ئەدەبىيات





ئەسەر نامى: چاڭموزا يۈسۈفخانchangmoza yusupxan molla bilal binni molla yusuf nazimi
تۈرى: ھېكايە
يازغۇچى: موللا بىلال بىن موللا يۈسۈف (نازىمى)
نەشىر ۋاقتى: 1909-يىلى
نەشىر قىلىنغان ئورۇن: تاتارىستان (رۇسىيە)
نەشىرگە تەييارلىغۇچى: نىكولاي پانتۇسوف
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى: دوكتور نىجات سوپى
بۇ ئەسەر 19-ئەسىردە ئىلى رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق رىئالىزىمچى ئەدىب موللا بىلال بىن موللا يۈسۈف (نازىمى) نىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىدىن بىرىدۇر. ئەسەرنىڭ بۇ نۇسخىسى پانتۇسوف تەرىپىدىن 1909-يىلى رۇسىيە تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدە نەشر قىلىنغان «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى ھەمدە شۇ ئاساستا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا قايتا نەشر قىلىندى.
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەر توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش
يازغۇچى: ئابدۇخېلىل راخمان لوپنۇرى Abduxelil Rahman Lopnuri
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتى ئىلمىي ژورنىلى» 2006-يىللىق 3-سانى
قىسقىچە مەزمۇنى: :مەزكۇر ماقالىدە ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى،ياسىلىش يوللىرى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى، نۇتۇق جەريانىدىكى قوللىنىلىشى، ئىپادىلەش ئۈنۈمى، ئۇلارنىڭ باشقا سۆز ياساش ئۇسۇللىرىدىن پەرقى ۋە ئۇلارنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىق تەرەپلەر ئەمەلى مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىستىلىستىكىلق يول، سۆز ياساش، ئۇيغۇر تىلى
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: كىنايە ۋە ئۇنىڭ ئىستىلىستىكىلق رولى توغرسىدا
يازغۇچى: ئابدۇخېلىل راخمان لوپنۇرى Abduxelil Rahman Lopnuri
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 2005-يىللىق 3- سانى
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە كىنايىنىڭ نامى ، تەبىرى ،شەكىللىنىش ئاساسى، تۈرلىرى ، ئۇنى قولانغاندا دىققەت قىلىشقا تىگشلىك نوقتىلار ، ئۇنىڭ ئاغزاكىي ۋە يازما نۇتۇقتىكى ئىستىلىستىكىلىق رولى قاتارلىق مەسىللەرئەمىلىي مىساللار ئاساسىدا يورۇتۇپ بېرىلدى.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە، كىنايە، ئىستىلىستىكىلىق رول
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: «قۇتادغۇبىلىك»تىكى مۇبالىغە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرسىدا
يازغۇچى: ئابدۇخېلىل راخمان لوپنۇرى Abduxelil Rahman Lopnuri
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «بۇلاق» 2011-يىللىق 6-سانى
قىسقىچە مەزمۇنى: مەزكۇر ماقالىدە «قۇتادغۇبىلىك» تە قوللىنىلغان مۇبالىغە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلدى. شۇ ئاساستا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسەر تىلىغاقانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، بۇ جەھەتتە بىزنىڭ قايسى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەكلىكى كۆرسىتىپ بېرىلدى.
ئاچقۇچلۇق سۆز: قۇتادغۇبىلىك، مۇبالىغە، ئالاھىدىلىك
چۈشۈرۈش ئورنى »

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى