2013- يىللىق يازمىلار





كىتاب نامى: مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى
جەمئىي 2 كىتاب
يازغۇچى: ناپالېئون خېئول\ناپالىيون ھىل
تۈرى: ئىقتىساد، ئىگىلىك تىكلەش
نەشىر ۋاقتى: 2001
ھۆججە شەكلى: PDF
سىغىمى: 20M
قىسقىچە مەزمۇنى: «ناپالېئون خېئول (Napoleon Hill) دېگەن ئىسىمنى ئامېرىكىدا ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدۇ. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئىلمىنى ئىجادىيلىق بىلەن ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقى ئۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت، بەرپاچىلىق، باشقۇرۇش، رەھبەرلىك ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردە دالى كارنىگدىنمۇ كاتتا ئورۇنغا ئىگە قىلدى…. ئۇنىڭ بۇ كىتابى مىليونلىغان كىشىنى دۆلەتمەن ۋە مەرتىۋىلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ قامۇسىغا ئايلانغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە خېئولمۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى نامى مەشھۇر ئالىم بولۇپ قالغان.

چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب نامى: ھۆكۈمدارلار دەستۇرى
خەنزۇچە: 君主论
ئىتالىيانچە: Il Principe
ئىنگلىزچە: The Prince
تۈرى: پەلسەپە
يېزىلغان ۋاقتى: 1513
نەشىر ۋاقتى: 1532
ھۆججەت شەكلى: PDF
يازغۇچى: نىككولو ماكياۋىللى (Nicolo Machiavelli)
ئۇيغۇرچە+خەنزۇچە+ئىنگلىزچە+ئىتالىيانچە جەمئىي 4 كىتاب.
بۇ كىتاب ئىتالىيەلىك ھەربىي ئالىم، سىياسىيون، يازغۇچى ۋە پەيلاسوپ نىككولو ماكياۋىللىنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى «ھۆكۈمدارلار دەستۈرى». ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئاران ئىككى باب، باشقا تىللاردىكى نۇسخىسى تولۇق. ئەگەر تولۇق ئۇيغۇرچە كۆرمەكچى بولسىڭىز، كىتابخانىدىن سېتىۋېلىڭ.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب نامى: ئىز
يازغۇچى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
تۈرى: تارىخى رومان
Abdurehim Ötkür Iz
شەكلى : PDF+MP3+APK
ھۆججەت چوڭلۇقى : 2.5M
ئىلكىتاب ئىشلىگۈچى : مەنزىل ئېلكىتاب گۇرۇپپىسى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى : مەزكۇر ئېلكىتاب «ئىز» رومانىنىڭ 1985-يىل 1- ئاي 1- نەشىرىنىڭ 1986-يىل 3-ئاي 2-بېسىلغان كىتابى ئاساسىدا مەنزىل ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن 2013-يىلى 12- ئايدا بېسىلدى ھەم ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەندى.
ياش ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشتى-چۆلدە قەبرىسىز.
قەبرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل چېچەككە پۈركىنۇر تاڭلا-باھاردا قەبرىمىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،
چىقسا بوران كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.
قايتماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئۇرۇق،
تاپقۇسى بۇ ئىزنى بىر كۈن، نەۋرىمىز-يا ئەۋرىمىز.
چۈشۈرۈش ئورنى »

تۆۋەندە 1901 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ ئىسىملىرى بېرىلدى. دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدىن بەھىر ئالماقچى بولغان ئادەم، ئەلۋەتتە بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىستىشى مۇمكىن. ئىزدەشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، يازغۇچىلارنىڭ ئىسىملىرى يازغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىدا ۋە ئىنگلىز تىلىدا يېزىلدى. شۇ ئىسىملار بويىچە ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن.
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى 1901 – يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلغان بولۇپ، نوبېل مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغۇچى ئالفرېد نوبېل (Alfred Nobel) نىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەرگە بېرىلىدۇ»غان مۇكاپات بولۇپ، بەش تۈرلۈك نوبېل مۇكاپاتىنىڭ بىرىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بىر مۇكاپات ئوردېنى، بىر مۇكاپات گۇۋاھنامىسى ۋە مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر نامزاتىنى شىۋېتسىيە ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىدار باشقا تەتقىقات ئورگانلىرى؛ ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ قارمىقىدىكى ئىنىستىتۇتلارنىڭ ئەدەبىيات ۋە تىلشۇناسلىق كەسپىدىكى پىروففېسسورلار؛ ئىلگىرى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باققانلار؛ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق كىشىلەر ۋە ئورۇنلار تەۋسىيە قىلالايدۇ….
«چۈشۈرۈش ئورنى» دېگەن خەتنى چېكىپ، تىزىملىكنى كۆرەلەيسىز.
چۈشۈرۈش ئورنى »

yehudilarning tijaret parasitiكىتاب نامى: يەھۇدىلارنىڭ تىجارەت پاراسىتى
باشقا نامى: aa
يازغۇچى: ۋىليام ھامىلتون William Hamilton
تەرجىمە قىلغۇچى: شۆھرەت مۇھەممىدى
ھۆججەت تىپى: PDF
سىغىمى: 4MB
بەت سانى: 235
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ كىتابتا: يەھۇدىلارنىڭ نامراتلىرى يوق، يەھۇدى سودىگەرلىرى قانداق بېيىغان، يەھۇدى سودىگەرلىرىنىڭ توختام تۈزۈش روھى، يەھۇدى سودىگەرلىرىنىڭ تەتۈر يۆلىنىشلىك تەپەككۇرى، ئىجتىمائىي ھەمكارلىق، يەھۇدى سودىگەرلىرىنىڭ خېرىدار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ھەممە جايدا ئۇچراتقىلى بولىدىغان ئاددىي ئەقىل-پاراسەت،… دېگەندەك مەزمۇنلار بار.
چۈشۈرۈش ئورنى »

2013- يىللىق نوبېل تېبابەت مۇكاپاتى ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروففېسسورى James E. Rothman، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىيولوگىيە پەنلىرى پىروففېسسورى Randy W. Schekman ۋە گېرمانىيەلىك بىيو-خىمىيە ئالىمى Thomas C. Südhof دىن ئىبارەت ھۈجەيرە ئىچكى توشۇش سىستېمىسدا يېڭى بايقاش ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ كىشىگە بېرىلدى.

كىتاب نامى: يەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن ھېكايىلەرyehudiy hekmetliridin hekayiler
باشقا نامى: 柯钧:犹太人的格言
يازغۇچى: كې جۈن
تەرجىمە قىلغۇچى: سىيىت تىلىۋالدى
ھۆججەت تىپى: PDF
سىغىمى: 12M
بەت سانى: 269
ئورتاقلاشقۇچى: NAPOLEON
قىسقىچە مەزمۇنى: مەشھۇر يازغۇچى مارك تۋېن مۇنداق دەپ يازغان: «دۇنيا ئاھالىسىنىڭ بىر پېرسەنتىگىمۇ يەتمەيدىغان يەھۇدىيلارئەسلىدە چەكسىز ساما يولىدىكى كۆزگەچېلىقىپ كەتمەيدىغان كىچىككىنە بىر يۇلتۇز توپى ئىدى. بىراق، ئۇلار ھەمىشە كىشىلەرنىڭ سۆھبەت تېمىسغا ئايلىنىپ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتىپ كەلدى. يەھۇدىي دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر دەرھاللا يەھۇدىيلار تۇغما پۇل تاپار مىللەت، پۇتۇن دۇنيانىڭ پۇلى ئامېرىكىلىقنىڭ يانچۇقىدا، بىراق ئامېرىكىلىقلارنىڭ پۇلى يەھۇدىيلارنىڭ يانچۇقىدا» دېگەنلەرنى يادىغائالىدۇ…
چۈشۈرۈش ئورنى »

يېقىندا جۇڭگۇ پەن-تېخنىكا ئۇنۋىستىتىنىڭ «يازما باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر ئانالىزى» ناملىق سىنلىق ئوچۇق دەرسى باشلاندى. بۇ دەرس ئاساسلىقى ماگىستېر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلارغا قارىتىلغان بولۇپ، دەرس مەزمۇنى ماتېرىيال  ئىزدەشتىن تارتىپ تەتقىقات تېمىسىنى بېكىتىشكىچە ناھايتى تەپسىلىي بايانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى شۇغۇللانماقچى بولغانلار ئۈچۈن تولىمۇ بەك ئەسقاتىدىغان تېخنىكىلىق بىلىملەر سۆزلىنىدۇ. ئادرېسى:
http://mooc.ustc.edu.cn/upload/default.php

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى