مۇكاپاتلار





تۆۋەندە 1901 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ ئىسىملىرى بېرىلدى. دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدىن بەھىر ئالماقچى بولغان ئادەم، ئەلۋەتتە بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىستىشى مۇمكىن. ئىزدەشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، يازغۇچىلارنىڭ ئىسىملىرى يازغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىدا ۋە ئىنگلىز تىلىدا يېزىلدى. شۇ ئىسىملار بويىچە ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن.
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى 1901 – يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلغان بولۇپ، نوبېل مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغۇچى ئالفرېد نوبېل (Alfred Nobel) نىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەرگە بېرىلىدۇ»غان مۇكاپات بولۇپ، بەش تۈرلۈك نوبېل مۇكاپاتىنىڭ بىرىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بىر مۇكاپات ئوردېنى، بىر مۇكاپات گۇۋاھنامىسى ۋە مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر نامزاتىنى شىۋېتسىيە ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىدار باشقا تەتقىقات ئورگانلىرى؛ ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ قارمىقىدىكى ئىنىستىتۇتلارنىڭ ئەدەبىيات ۋە تىلشۇناسلىق كەسپىدىكى پىروففېسسورلار؛ ئىلگىرى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باققانلار؛ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق كىشىلەر ۋە ئورۇنلار تەۋسىيە قىلالايدۇ….
«چۈشۈرۈش ئورنى» دېگەن خەتنى چېكىپ، تىزىملىكنى كۆرەلەيسىز.
چۈشۈرۈش ئورنى »

1. «536-بېكەتتىكى قار ناخشىسى» (ھېكايە) ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە «تارىم» ژۇرنىلى 2009-يىل 3-سانى
2.«تەنھا بۆرە» (پوۋېست) مامۇت داۋۇت «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى 2010-يىل6-سانى
3.«ئانا» (ھېكايە) نۇرگۈل ئەبەي «تارىم» ژۇرنىلى 2010-يىل 1-سانى
4.«سەھرالىق ئاتا» (پوۋېست) ئابدۇراخمان ئەزىز «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2009-يىل4-سانى
5.«مۇقام ھەققىدە» (ماقالە) سەمەت دۇگايلى «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى2009-يىل5-6-سانى
6.«ئاقسۇ خاتىرىلىرى» (شىئېر) ئىمىن ئەخمىدى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010-يىل4-سانى
7.«توققۇز باياۋان قەسىدىسى» (شىئېر) ئابدۇلئەھەد ئىسمايىل «قەشقەر» ژۇرنىلى2009-يىل4-سانى
8.«سەھەردىكى مونۇلۇگ» (تەرجىمە ئەسەر) ئاپتورى: ھاياتنوپۇس مۇھەممەت، ئەكبەر غۇلام تەرجىمىسى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010-يىل6-سانى

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى