ماقالە بىئولوگىيە





ماقالە تېمىسى: شىنجاڭنىڭ ياۋايى شورلۇق دورىلىق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ دورىلىق قىممىتى ۋە ئۇلارنى ئېچىش- قوغداش توغرىسىدا
يازغۇچى: ئامانگۈل ئابدۇكېرىم Amangul Abdukerim
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2012-يىللىق 4-سان
قىسقىچە مەزمۇنى: شىنجاڭنىڭ ياۋايى شورلۇق ئۆسۈملۈكلىرى 302 تۈرلۈك بولۇپ، ئىقتىسادىي قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلىرى 60 نەچچە خىلغا يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ دورىلىق قىممىتىدىن باشقا تالاسى مول بولۇش، تۇپراقنى ياخشىلاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگىمۇ ئىگە…
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شىنجاڭ، شورلۇق ئۆسۈملۈكلەر، دورىلىق قىممىتى، ئېچىش-قوغداش
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: دىئوكسى رىبو نوكلىك كىسلاتاسى (DNA) نىڭ تۈزۈلۈشى
يازغۇچى: جەيمىز ۋاتسون، فرانسىس كرىك (James Watson, Francis Crick)
تەرجىمە قىلغۇچى:
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «تەبىئەت» 1953-يىللىق 4 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىكى 171 – سان
قىسقىچە مەزمۇنى: بىز تۆۋەندە ئوكسېگىنسز يادرو قەنت يادرو كىسلاتاسى (Deoxyribonucleic acid) ياكى قىسقارتىلما نامى DNA نىڭ تۈزۈلۈش مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز. بۇ خىل مودېل ئىنتايىن مۇھىم بىئولوگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە….
تەرجىماندىن: بۇ ماقالە DNA نىڭ قوش بۇرمىلىق قۇرۇلمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ھاياتلىق مېخانىزىمىنى چۈشەندۈرىدۇ. جەيمىز بىلەن فىرانسىىس مۇشۇ بايقاش ئارقىلىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ماقالە گەرچە 1953 – يىلى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى چەكسىزدۇر. نۇرغۇن كىشى DNA نىڭ قوش بۇرمىلىق قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، تەتقىقات تارىخىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. مەن DNA نى تونۇشقا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، بۇ ماقالىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلدىم.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: كىسلاتا، DNA، تۈزۈلۈش
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: يىپسىمان تەنچە گېنىنىڭ پىرىمات ھاسىلاتى ۋە تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى كۆچۈرۈش
Mitochondrial gene replacement in primate offspring and embryonic stem cells
يازغۇچى: شۆھرەت مۇتەللىپ  قاتارلىقلار ( + Shoukhrat Mitalipov )
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «تەبىئەت» (Nature) ژۇرنىلى (461 – سان)
قىسقىچە مەزمۇنى: غول ھۈجەيرە: توقۇلما ۋە ئىچكى ئورگانلارغا تەرەققىي قىلىش ئالدىدىكى دەسلەپكى ھۈجەيرىدۇر. يەنى بىر تال ھۈجەيرە نۇرغۇن ھۈجەيرىگە كۆپىيىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كەتمەي ئەسلىدىكى ماھىيىتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىدىن ئىبارەت. تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى: ھەرقانداق توقۇلمىغىمۇ تەرەققىي قىلالايدىغان، كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇرۇق قوبۇل قىلغان تۇخۇمدا پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەس ھۈجەيرە ھەر خىل ھۈجەيرىگە تەرەققىي قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: غول ھۈجەيرە، كىلونلاش، تۆرەلمە
چۈشۈرۈش ئورنى »

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى