تۈرك تىلى





كىتاب ئىسمى: چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىchaghatay uyghur tili ablimit ehet bogu
تۈرى: تىل، تىلشۇناسلىق
يازغۇچى: ئابلىمىت ئەھەت بۆگۈ
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 10m
بەت سانى: 546
تەمىنلىگۈچى: لوپنۇرى
چۈشەندۈرۈش: ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە گۈزەل تىل. ئۇ ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات داۋامىدا قەدىمكى تۈركىي تىللار دەۋرى، ئورخۇن ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، ئىدىقۇت-خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى بېسىپ ئۆتكەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلى ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، بىراخما يېزىقى، مانى يېزىقى، سوغد يېزىقى، ئەرەب يېزىقى قاتارلىق يېزىقلار بىلەن خاتىرىلەنگەن(بەزى يېزىقلار ئومۇميۈزلۈك، بەزى يېزىقلار قىسمەن قوللىنىلغان)، شۇنداقلا خەنزۇ تىلى، سانسكرىت تىلى، ساك تىلى، تۇخار تىلى، سوغدا تىلى، ئەرەب تىلى، پارس تىلى، موڭغۇل تىلى قاتارلىق نۇرغۇرن تىللار بىلەن ئۇچرىشىپ ھەم بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىگە كىرگەن.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى
Türkler ansiklopedisi
جەمئىي 21 جىلد
ھۆججەت شەكلى: PDF
بەت سانى: تەخمىنەن 15 مىڭ بەت
سىغىمى: تەخمىنەن: 300m
«تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى» 1943 – يىلىدىن باشلاپ تۈزۈلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە، “yorgun ansiklopedi” (يورغۇن ئېنسىكلوپېدىيەسى)، “İnönü Ansiklopedisi” (ئىنۆنۈ ئېنسىكلوپېدىيەسى)، “Türk Ansiklopedisi” (تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى) ۋە “Türkler Ansiklopedisi” (تۈركلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى) دېگەندەك ناملاردا ئاتالغان. بۇ «Türkler» ئېنسىكلوپېدىيەسى نامىدىكى ئەڭ يېڭى نەشرىدۇر.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇرچە-تۈركچە ئەڭ گۈزەل مەسەللەر
ئۇيغۇرچە-تۈركچە ئەڭ گۈزەل ھايۋان ھېكايىلىرى
Turkce-Uygurca En Guzel Hayvan Hikayeleri
يازغۇچى: ئىرپان تاتلىق (تۈركىيە)
تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر
تەھرىرلىگۈچىلەر: مۇھەممەد ئابدۇللا ئابدۇقادىر، بۈۋىنۇر بەكرى
نەشرىيات: ماي چىچەك نەشىرىياتى (ئىستانبۇل)
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: www.Mahinur.Com
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 4mb
بەت سانى: 172
كىتاپ ئاپتۇرى، تەرجىمە ئاپتۇرى ۋە نەشىرىياتنىڭ رۇخسىتىسىز باستۇرۇپ سېتىشقا بولمايدۇ. ئەگەر باستۇرۇپ ساتماقچى بولسىڭىز كىتاپنىڭ تەرجىمە ئاپتۇرى بىلەن ئالاقىلاشقايسىز.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: خەنزۇچە – تۈركچە لۇغەت
Çince Türkçe sözlük
汉语 – 土耳其语词典
يازغۇچى: يۈسۈف قۇماش، سالىھ تىنماس
Yusuf Kumaş, Salih Tınmaz
تۈرى: لۇغەت
نەشرىيات: ئىستانبۇل Kaynak Kültür Yayın Grubu
نەشىر ۋاقتى: 2007-10
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 7mb
بەت سانى: 678
ئىزاھات: بۇ لۇغەت ئىنتايىن سۈزۈك ۋە سۈپەتلىك ئېلكىتاب بولۇپ، رەڭلىك بەلگىلەر بىلەن ئىزدەش – ئوقۇشقا قولايلىق يارىتىلغان. سۆزلۈك مىقدارى بىر قەدەر تولۇق.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: تۈرك تىلى
Türk Dili
تۈزگۈچى: رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا
مەسئۇل مۇھەررىر: ھاجى قۇتلۇق قادىرى
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشىر قىلىنغان ۋاقىت: 1996
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 32m
بەت سانى: 591
بۇ كىتاب ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى بۆلەك 36 دەرس، ئىككىنچى بۆلەك 32 دەرس. يەنە ھەر جۈپ دەرسنىڭ ئاخىرىدا گىرامماتىكىدىن ساۋات بېرىلگەن. كىتابنىڭ ئاخىرىدا كىتابتا ئىشلىتىلگەن سۆزلۈكلەرنىڭ ئىندېكسى كۆرسىتىلگەن. بۇ كىتابنى ئا ھۈسەيىن ئىسىملىك تورداش تەمىنلىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئا ھۈسەيىنگە كۆپ رەھمەت. يەنە شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مەزكۇر كىتاب 1990 – يىللاردا تۈزۈلگەن. ھازىردىن ئارىلىقتا 20 يىلغا يېقىن پەرق بار. شۇڭا بۇ كىتابتىكى ئاساسىي سۆزلۈك، ئاساسىي گىرامماتىكىلىق قائىدىلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلىكتە بىرھوندا تەمىنلەنگەن «يېڭى ھىتىت» ناملىق كىتابنى ئۆگىنىڭ.

چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: قەدىم تۈرك تىلى
قدیم تورک دیلی QEDIM TÜRK DILI
Qədim Türk Dili
يازغۇچى: گۈلخانىم ۋەلىيېۋا (Gulxanim Veliyeva)
كىتاب تىلى: ئازەرى تۈركچەسى
نەشىر قىلغان ئورۇن: نۇرلان نەشرىياتى (باكۇ)
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 13m
بەت سانى: 100
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: يېڭى ھىتىت (Yeni Hitit)
چەتئەللىكلەر ئۈچۈن تۈركچە
دەرسلىك ۋە مەشىق كىتابلىرى
جەمئى 3 قىسىم (6 كىتاب)
تۈزگەن ئورۇن: ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى
ھۆججەت شەكلى: PDF (رەڭلىك ۋە سۈزۈك)
تەمىنلىگۈچى: Tupraq ناملىق تورداش
بۇ كىتاب ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە چەت تىللار تەتقىقات – ئوقۇتۇش مەركىزى (تۆمەر Tömer) تەرىپىدىن تۈزۈلگەن Hitit ناملىك كىتابنىڭ يېڭى نۇسخىسى بولۇپ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا ئورۇنلاردا تۈرك تىلى ئوقۇتۇشىدا قوللىنىلىدىغان ياخشى دەرسلىك.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكى
تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئاپتورى مەھمۇد كاشغەرى
مەزكۇر كىتابنى تۈزگۈچى: تۈرك تىلى قۇرۇمى
كىتاب تۈرى: لۇغەت
ھۆججەت شەكلى: PDF (سۈزۈك)
ھۆججەت سىغىمى: 2.1 مېگابايت
بەت سانى: 261
مەزكۇر كىتابتا بۈيۈك تىلچى مەھمۇد كاشغەرىي يازغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسەرنى تەتقىقات ۋە پايدىلىنىشقا قولايلىقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، دىۋاندىكى بارلىق سۆزلۈكلەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە رەتلەپ چىقىپ، ھازىرقى زامان تۈرك تىلىدىكى مەنىسى بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا تور بېكىتىمىزدە يەن مەزكۇر سۆزلۈكلەرنىڭ ئۇيغۇر، خەنزۇ، تۈرك، ئىنگلىز تىللىرىدا رەتلىنىپ ئېلىكترونلۇق لۇغەتلەشتۈرۈلگەن نۇسخىسىمۇ بار. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دەپ ئىزدەپ تاپالايسىز.
چۈشۈرۈش ئورنى »

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى