ماقالىلەر





ماقالە تېمىسى: سالار تىلىدىكى سانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
撒拉语数词的特点及功能
ئاپتورى: مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللا
ئېلان قىلىنغان مەتبۇئات: جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى (暨南学报) نىڭ 2010-يىللىق 4-سانى
قىسقىچە مەزمۇنى: سالار تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس سان قۇرۇلمىسى بولۇپ، تۈركىي تىللار بىلەن ئورتاقلىقى بولغاندىن باشقا، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگىمۇ ئىگە…
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تۈركىي تىللار، سالار تىلى، سان
چۈشۈرۈش ئورنى »

ئەسەر نامى: چاڭموزا يۈسۈفخانchangmoza yusupxan molla bilal binni molla yusuf nazimi
تۈرى: ھېكايە
يازغۇچى: موللا بىلال بىن موللا يۈسۈف (نازىمى)
نەشىر ۋاقتى: 1909-يىلى
نەشىر قىلىنغان ئورۇن: تاتارىستان (رۇسىيە)
نەشىرگە تەييارلىغۇچى: نىكولاي پانتۇسوف
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى: دوكتور نىجات سوپى
بۇ ئەسەر 19-ئەسىردە ئىلى رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق رىئالىزىمچى ئەدىب موللا بىلال بىن موللا يۈسۈف (نازىمى) نىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىدىن بىرىدۇر. ئەسەرنىڭ بۇ نۇسخىسى پانتۇسوف تەرىپىدىن 1909-يىلى رۇسىيە تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدە نەشر قىلىنغان «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى ھەمدە شۇ ئاساستا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا قايتا نەشر قىلىندى.
چۈشۈرۈش ئورنى »

ئۇيغۇر بېيتلىرىradlof radlov toplighan uyghur beytliri
توپلىغۇچى: رادلوف
نەشىر ۋاقتى: 1886
نەشىر ئورنى: پېتىربۇرگ
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى: نىجات سوپى (دوكتور)
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: مىراس ژۇرنىلى 2011-يىللىق 4-سان
بۇ بېيىتلار رۇس ئالىمى رادلۇف تەرىپىدىن 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن خاتىرىلەنگەن ھەمدە 1886-يىلى سانكتپېتېربۇرگتا نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ قېتىم ئەسلى ئەسەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش ئاساسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاغدۇرۇلۇپ نەشر قىلىندى. بۇ بېيىتلار ئىچىدە سادىر پالۋان، نۇزۇكۇم قوشاقلىرى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئىلى خەلق ناخشىلىرىمۇ بار.
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: شىنجاڭنىڭ ياۋايى شورلۇق دورىلىق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ دورىلىق قىممىتى ۋە ئۇلارنى ئېچىش- قوغداش توغرىسىدا
يازغۇچى: ئامانگۈل ئابدۇكېرىم Amangul Abdukerim
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2012-يىللىق 4-سان
قىسقىچە مەزمۇنى: شىنجاڭنىڭ ياۋايى شورلۇق ئۆسۈملۈكلىرى 302 تۈرلۈك بولۇپ، ئىقتىسادىي قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلىرى 60 نەچچە خىلغا يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ دورىلىق قىممىتىدىن باشقا تالاسى مول بولۇش، تۇپراقنى ياخشىلاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگىمۇ ئىگە…
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شىنجاڭ، شورلۇق ئۆسۈملۈكلەر، دورىلىق قىممىتى، ئېچىش-قوغداش
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: ئۇيغۇر تىلىدىكى سىموۋوللۇق سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنىلىرى
يازغۇچى: پەرىدە ھامۇت Peride Hamut
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «تىل ۋە تەرجىمە» 1998-يىللىق 2-سان
قىسقىچە مەزمۇنى: سىموۋوللۇق سۆزلەر سىموۋوللۇق ۋاستىلەرنىڭ بىر تەركىبى قىسىمى بولۇپ، كونكرېت شەيئى-ھادىسىلەرنىڭ ناملىرى ياكى بەلگە-خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق مۇئەييەن كۆز-قاراش، پەلسەپىۋى پىكىر، ھېسىيات ياكى ئابستىراكىت ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدۇ. ھەم بۇنداق سۆزلەر بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا شەكىللەنگەن بولىدۇ…
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: سىموۋوللۇق سۆزلەر، ئۇيغۇر تىلى
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: ئۇيغۇرلاردىكى ناماقۇللۇق چېيى
يازغۇچى: مۇتەللىپ ئىقبال Mutellip Iqbal
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «مىراس» 2007-يىللىق 4-سانى
قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرنى ئىجاد قىلغان، شۇ ئارقىلىق تۇرمۇش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت بوستانى بەرپا قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك ئۆرپ – ئادەتلەر كۆپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئادەمىگەرچىلىك ئۆلچەملىرىنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرمۇ خېلى كۆپ…
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: چاي، ناماقۇللۇق
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: ئۇيغۇرلاردىكى تويلۇق
يازغۇچى: مۇتەللىپ ئىقبال Mutellip Iqbal
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «مىراس» 2011-يىللىق 4-سانى
قىسقىچە مەزمۇنى: مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلاردىكى تويلۇق ئادىتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تويلۇق
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: دىئوكسى رىبو نوكلىك كىسلاتاسى (DNA) نىڭ تۈزۈلۈشى
يازغۇچى: جەيمىز ۋاتسون، فرانسىس كرىك (James Watson, Francis Crick)
تەرجىمە قىلغۇچى:
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «تەبىئەت» 1953-يىللىق 4 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىكى 171 – سان
قىسقىچە مەزمۇنى: بىز تۆۋەندە ئوكسېگىنسز يادرو قەنت يادرو كىسلاتاسى (Deoxyribonucleic acid) ياكى قىسقارتىلما نامى DNA نىڭ تۈزۈلۈش مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز. بۇ خىل مودېل ئىنتايىن مۇھىم بىئولوگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە….
تەرجىماندىن: بۇ ماقالە DNA نىڭ قوش بۇرمىلىق قۇرۇلمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ھاياتلىق مېخانىزىمىنى چۈشەندۈرىدۇ. جەيمىز بىلەن فىرانسىىس مۇشۇ بايقاش ئارقىلىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ماقالە گەرچە 1953 – يىلى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى چەكسىزدۇر. نۇرغۇن كىشى DNA نىڭ قوش بۇرمىلىق قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، تەتقىقات تارىخىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. مەن DNA نى تونۇشقا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، بۇ ماقالىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلدىم.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: كىسلاتا، DNA، تۈزۈلۈش
چۈشۈرۈش ئورنى »

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى