2014- يىللىق يازمىلار





Microsoft شىركىتىنىڭ ئەسلىدىكى SkyDrive مۇلازىمىتىنىڭ نامىنى OneDrive دەپ ئۆزگەرتىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىرھوندىكى ماتېرىياللارنىڭ چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىدىمۇ ئۆزگىرىش كۆرۈلدى. شۇڭا كۆپىنچە كىتابلارنى چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. بىز بۇ مەسىلىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوڭشايمىز.

يانفون قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە زىيارەت قىلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، بۈگۈن بىرھون تورىنىڭ كۆچمە نۇسخىسىنى ئېلان قىلدۇق. كۆچمە نۇسخا ئۈچۈن مەخسۇس ئادرېس بېكىتىلمىدى. ئەگەر بىرھون تورى (www.birhon.com) نى يانفون، پەد قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئاچسىڭىز، ئاپتوماتىك ھالدا كۆچمە نۇسخا ئېچىلىدۇ. كۆچمە نۇسخا بىلەن ئەسلى (كومپيۇتېر) نۇسخىسىنىڭ مەزمۇن ۋە ئىقتىدارلىرى ئوخشاش. كۆچمە ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرجان تەمىنلىدى (كۆپ رەھمەت). كۆچمە نۇسخا تورىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئېقىم تېجەيدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن، شۇنداقتىمۇ WiFi ياكى باشقا ھەقسىز تور مۇھىتىدا زىيارەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كىتاب ئىسمى: سائادەت دەۋرىدىكى بالىلاردىن ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر
يازغۇچى: ھارۇن قىرقىل(تۈركىيە)
تەرجىمان: ئەي بالام بلوگى
ھۆججەت تىپى: PDF
مەنبەسى: ئىزدىنىش
قىسقىچە مەزمۇنى: ئەزىز دوستلار! كۆزلىرى كۆرۈشتىن مەھرۇم بولغان بىر ئىنسانغا بىر گۈلنىڭ رەڭگىنى ،چىچەك ئاچقان بىر دەرەخنىڭ گۈزەللىكىنى تەرىپلەپ بەرمەك قانچىلىك تەس بولسا، قۇلاقلىرى ئاڭلىمايدىغان بىرسىگە خەندان ئۇرۇپ ۋىچىرلاپ سايراۋاتقان، ناۋا ئەيلەۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاۋازىدىكى خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇرماق قانچىلىك مۈشكۈل بولسا،پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى ،ئۇنى كۆرەلمىگەن ،ھاياتىنى ئۇنىڭ ھاياتى بىلەن باغلىيالمىغان ئىنسانلارغا ھېس قىلدۇرۇشمۇ بەسى…
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: سالار تىلىدىكى سانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
撒拉语数词的特点及功能
ئاپتورى: مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللا
ئېلان قىلىنغان مەتبۇئات: جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى (暨南学报) نىڭ 2010-يىللىق 4-سانى
قىسقىچە مەزمۇنى: سالار تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس سان قۇرۇلمىسى بولۇپ، تۈركىي تىللار بىلەن ئورتاقلىقى بولغاندىن باشقا، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگىمۇ ئىگە…
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تۈركىي تىللار، سالار تىلى، سان
چۈشۈرۈش ئورنى »

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى