پوۋېست





كىتاب ئىسمى: ماغدۇر كەتكەندەmaghdur ketkende, zunun qadiri
تۈرى: ھېكايە
يازغۇچى: زۇنۇن قادىرى
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 1M
بەت سانى: 21
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ يازغۇچى زۇنۇن قادىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ھېكايىلىرىدىن بىرى بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى ئىلى دېھقانلىرىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى ھېكايىدە ناھايىتى جانلىق سۈرەتلەنگەن: «مانا قەبرىستانلىققا يېتىپ كەلدۇق،بۇيەردە بەخىتسىز ھاياتتىن خوشلاشقان مىڭلىغان ئادەملەرنى ئۆز قوينىغا ئالغان كونا تۇپراقلار دۈمچەك-دۈمچەك بولۇپ كۆرۈنىدۇ،ھەممە قەبرىلەر بىر خىل كۆرۈنۈشتە ئەمەس ئىدى،ھىمايىچىلىرىدىن ئايرىلغانلىرى ئويۇلغان ياكى ئىزنىسى تۈگەپ كىچىككىنە دۈمچەك بولۇپ قالغان،بەزىلىرىنىڭ ئۈستىگە تاش،ياغاچ،قوشقار مۈڭگۈزى قويۇلغان،ئاندا-ساندا سالاسۇن بىلەن ئورالغان ۋە گۈمبەز قىلىپ قاتۇرۇلغان مۆتىۋەر قەبرىلەر ئۈستىگە يوپۇرماقلىق شاخلار قادالغان ياكى ئۈستىگە گۈللەر تېرىلىپ ،سۇ قۇيۇلۇپ قويۇلغانىدى،مانا شۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېڭى توپا دۆۋىلەنگەن باقىنىڭ ئاددى قەبرىسى ئورۇن ئالدى،كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان قەبرىلەرگە يەنە بىر قەبرە قوشۇلدى….»
چۈشۈرۈش ئورنى »

ئەسەر نامى: چاڭموزا يۈسۈفخانchangmoza yusupxan molla bilal binni molla yusuf nazimi
تۈرى: ھېكايە
يازغۇچى: موللا بىلال بىن موللا يۈسۈف (نازىمى)
نەشىر ۋاقتى: 1909-يىلى
نەشىر قىلىنغان ئورۇن: تاتارىستان (رۇسىيە)
نەشىرگە تەييارلىغۇچى: نىكولاي پانتۇسوف
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى: دوكتور نىجات سوپى
بۇ ئەسەر 19-ئەسىردە ئىلى رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق رىئالىزىمچى ئەدىب موللا بىلال بىن موللا يۈسۈف (نازىمى) نىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىدىن بىرىدۇر. ئەسەرنىڭ بۇ نۇسخىسى پانتۇسوف تەرىپىدىن 1909-يىلى رۇسىيە تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدە نەشر قىلىنغان «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى ھەمدە شۇ ئاساستا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا قايتا نەشر قىلىندى.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: يۈز يىل غېرىبلىق
يۈز يىللىق غېرىبلىق
Cien años de soledad
One Hundred Years of Solitude
تۈرى: رومان
يازغۇچى: گارسىيە ماركوس
Gabriel García Márquez
ئۇيغۇرچە تەرجىمان: غوپۇر نۇرىدىن
كىتاب يېزىلغان ۋاقىت: 1967
گارسىيا ماركىۋېزنىڭ بۇ ئەسىرى 1982 – يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن
ھۆججەت ئەندىزىسى: PDF
بەت سانى: 622
سىغىمى: 100mb
بۇ كىتاب دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدىكى بىر نامايەندە بولۇپ، ئەسلى ئىسپان تىلىدا يېزىلغان. روماندا لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ يۈز يىللىق گۈللىنىش ۋە خاراپلىشىش ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: كروران
تىپى: پوۋېست
تۈرى: تارىخ، مەدەنىيەت
ئاپتورى: ئىنو ياسۇشى (Inoue Yasushi)
井上 靖 ياكى いのうえ やすし
ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغۇچى: غالىب ھەسەن
ھۆججەت ئەندىزىسى: PDF
سىغىمى: 8m
بەت سانى: 30
قىسقىچە مەزمۇنى:
ئاپتور ئىنو ياسۇشى (1907 – 1991) (いのうえ やすし) ياپونىيەدىكى مول ھوسۇللۇق يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، 1949 – يىلى «بۇقا سوقۇشتۇرۇش» (闘牛) ناملىق ئەسىرى بىلەن ئاكۇتاگاۋا (芥川龍之介賞) ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىرغىچە 44 پارچە رومان – پوۋىست، 100 پارچىدەك ھېكايە ۋە شېئىر يازغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە دۈنخۇاڭ (敦煌 1988)، كۆكبۆرە (蒼き狼 1980)، غەربىي يۇرت خاتىرىسى (1968 西域物語)،… قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار. ئاپتور 1959 – يازغان كروران (楼蘭) ناملىق بۇ ئەسەردە ھونلار (ھۇنلار) بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ تىركىشىشلىرى، كروران دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىدىيەت قاتارلىقلار تەسۋىرلەنگەن.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: ماتىتەي ۋە ئانارقىز پاجىئەسى
يازغۇچى: ئىمىر ھۈسىيىن قازىھاجىم
نەشىر ۋاقتى: 2002
تۈرى: تارىخ
ھۆججەت شەكلى: PDF
بەت سانى: 59
ھۆججەت شەكلى: 8m
تارقاتقۇچى: لوپنۇرى
ئىزاھات:
كىتاب 2 خىل نۇسخىدا ئېلكىتاب قىلىندى. بىر خىلى مەزكۇر كىتابنىڭ ئۆزى شۇ. يەنە بىرىگە «ماتىتەي ۋە ئانارقىز پاجىئەسى» ناملىق كىتابتىن باشقا مەزمۇنلارمۇ قوشۇلدى. ئېلكىتاب جەمئىي ئۈچ مەزمۇندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچىسى ماتىتەينىڭ قىسقىچە ئەھۋالى؛ ئىككىنچىسى ئىمىر ھۈسىيىن قازىھاجىم يازغان ”ماتىتەي ۋە ئانارقىز پاجىئەسى“ ناملىق كىتاب؛ ئۈچىنىسى ئابدۇمىجىت مەمتىلى يازغان ”ماتىتەي ۋە قەمبەرخان پاجىئەسى“ ناملىق ئوچېرىكتىن ئىبارەت. ئەسلىدە يالغۇز «ماتىتەي ۋە ئانارقىز پاجىئەسى» ناملىق كىتابلا سۇنۇلماقچى ئىدى، ئەمما ئوقۇرمەننىڭ ماتىتەينى چۈشىنىشى ئۈچۈن، تېخىمۇ تەپسىلىي بولغان باشقا مەزمۇنلار قوشۇلدى.
چۈشۈرۈش ئورنى »

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ، «ئەنجانباي» ، «مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى» نىڭ ئاپتۇرى نۇر روزى 2012-يىلى 9- ئاينىڭ 23 – كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 14:30 ئەتراپدا ئالەمدىن ئۆتتى. اللە مەرھۇمغا شاپائەت قىلسۇن. مەرھۇمنى ئەسلەش نىيىتىدە بۈگۈن ئۇنىڭ «مۆمىننىڭ مومغا چىقىشى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن «ئەنجەنباي» ناملىق رومانىنىڭ بىر بۆلىكىنى PDF قىلىپ سۇندۇق.
كىتاب ئىسمى: مۆمىننىڭ مومغا چىقىشى (ھېكايە)
ئەنجەنباي (روماندىن پارچە)
ئاپتورى: نۇر روزى
ھۆججەت شەكلى: PDF
بەت سانى: 50
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: جەڭگاھ خاتىرلىرى
يازغۇچى: ئەخمەت تۇردىيوف
تۈرى: ئەسلىمە
نەشرىيات: خەلق نەشرىياتى
ۋاقتى: 2000
بەت سانى: 265
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 33mb
تارقاتقۇچى: www.lopnuri.com
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: كەچكۈز
يازغۇچى: زوردۇن سابىر
تۈرى: پوۋېست
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1990
شىنجاڭ مەدەنىيىتى 1990 – يىللىق 1 – ساندىن
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 6m
يازغۇچى مەزكۇر كىتابنى كۆرەش قەھرىمانى نادىروف زىخرۇللاغا بېغىشلىغان.
قىسقىچە مەزمۇنى: «بىز 1944 – يىلى كەچكۈزدە ئىنقىلاب باشلاپ، 1945 – يىلى كۈزدە ماناس دەرياسى بويىغا كەپتىمىز. بۇ ۋاقىتتا دۇنيادا مىلتىق ئاۋازى ئۆچكەن، 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان ئىكەن. 1945 – يىلى يالتا يىغىنىدا سىتالىن، روۋزوۋېلت، چېرچىل بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى بەلگىلەپ بولغانىكەن….»
چۈشۈرۈش ئورنى »

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى