تۈركولوگىيە





ماقالە تېمىسى: سالار تىلىدىكى سانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
撒拉语数词的特点及功能
ئاپتورى: مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللا
ئېلان قىلىنغان مەتبۇئات: جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى (暨南学报) نىڭ 2010-يىللىق 4-سانى
قىسقىچە مەزمۇنى: سالار تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس سان قۇرۇلمىسى بولۇپ، تۈركىي تىللار بىلەن ئورتاقلىقى بولغاندىن باشقا، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگىمۇ ئىگە…
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تۈركىي تىللار، سالار تىلى، سان
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرىshinjang tarix materiyalliri
جەمئىي 50 قىسىم كىتاب
تۈزگۈچى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى… قاتارلىقلار
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: تەخمىنەن 1.5GB
بەت سانى: 50X500
تەمىنلىگۈچى: ئەجداد تورى
قىسقىچە مەزمۇنى: مەزكۇر ئەسەر جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تارىخ ماتېرىياللىرى تەتقىقات ھەيئىتى قاتارلىق ئورۇنلار 1980-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلىغىچە 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تۈزگەن «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» ناملىق 50 توملۇق كىتابنىڭ بارلىق قىسىملىرىدۇر. كىتاب سىغىمى چوڭ بولغاچقا ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ياساپ تەمىنلىگەنلەر كەتكۈزۈپ قويغان تېخنىكىلىق خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن. خاتالىق بايقىغۇچىلارنىڭ ئىنكاس قالدۇرۇپ قويىشىنى سورايمىز. بىز ئىنكاسقا ئاساسەن ئوڭشاپ قويىمىز، رەھمەت.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: بدايع البدايەalishir nawayi alishir newa'i alishir novo'i
يازغۇچى: ئەلىشىر نەۋائىي، ئەلىشىر ناۋايى، ئەلىشىر نەۋايى، ئەلىشىر ناۋائىي
تىلى: چاغاتايچە
ھۆججەت ئەندىزىسى: PDF
سىغىمى: 1M
بەت سانى: 26
تەپسىلاتى: مەزكۇر كىتاب ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «بدايع البدايە» (بەدايىئۇلبەدايە) ناملىق ئەسىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا ئاساسەن چاغاتايچە قايتىدىن بېسىپ، لاتىنچە تىرانسكىرىپسىيەسى بېرىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، تەتقىقاتلاردا پايدىلىنىش ئىنتايىن قولاي.
چۈشۈرۈش ئورنى »

ئەسەر نامى: چاڭموزا يۈسۈفخانchangmoza yusupxan molla bilal binni molla yusuf nazimi
تۈرى: ھېكايە
يازغۇچى: موللا بىلال بىن موللا يۈسۈف (نازىمى)
نەشىر ۋاقتى: 1909-يىلى
نەشىر قىلىنغان ئورۇن: تاتارىستان (رۇسىيە)
نەشىرگە تەييارلىغۇچى: نىكولاي پانتۇسوف
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى: دوكتور نىجات سوپى
بۇ ئەسەر 19-ئەسىردە ئىلى رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق رىئالىزىمچى ئەدىب موللا بىلال بىن موللا يۈسۈف (نازىمى) نىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىدىن بىرىدۇر. ئەسەرنىڭ بۇ نۇسخىسى پانتۇسوف تەرىپىدىن 1909-يىلى رۇسىيە تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدە نەشر قىلىنغان «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى ھەمدە شۇ ئاساستا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا قايتا نەشر قىلىندى.
چۈشۈرۈش ئورنى »

ئۇيغۇر بېيتلىرىradlof radlov toplighan uyghur beytliri
توپلىغۇچى: رادلوف
نەشىر ۋاقتى: 1886
نەشىر ئورنى: پېتىربۇرگ
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى: نىجات سوپى (دوكتور)
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: مىراس ژۇرنىلى 2011-يىللىق 4-سان
بۇ بېيىتلار رۇس ئالىمى رادلۇف تەرىپىدىن 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن خاتىرىلەنگەن ھەمدە 1886-يىلى سانكتپېتېربۇرگتا نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ قېتىم ئەسلى ئەسەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش ئاساسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاغدۇرۇلۇپ نەشر قىلىندى. بۇ بېيىتلار ئىچىدە سادىر پالۋان، نۇزۇكۇم قوشاقلىرى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئىلى خەلق ناخشىلىرىمۇ بار.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتەgheyretjan osman gheyret osman gayrat osman utghur gheyret osman utghur
تۈرى: تارىختەتقىقاتئۇيغار
يازغۇچى: غەيرەت ئوسمان ئۇتغۇر
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 7m
بەت سانى: 420
ئاپتور بۇ كىتابنى 2013.3.16 بىرھوندا ئورتاقلاشتى.
قىسقىچە مەزمۇنى: «ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر بۆلۈك قەبىلە-ئايماقلىرى، ئۇرۇق-جەمەتلىرى، سودىگەر، جاھانكەزدىلەر، ئالىملار ۋە مۇساپىرلار، ھەربىيلەر ۋە ئەمەلدارلار خىلمۇخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز مىللىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىي ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، ياقا يۇرتلارغا چىقىپ جاھاندارچىلىق قىلغان. بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزى ياشاپ تۇرغان جايدىكى مىللەتلەرگە سىڭىپ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن، بەزىلىرى يېڭى مىللىي گەۋدىلەرنى ھاسىل قىلغان، يەنە بەزىلىرى مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ، ئۆزىنى ۋە مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى تەرەققىي…»
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىchaghatay uyghur tili ablimit ehet bogu
تۈرى: تىل، تىلشۇناسلىق
يازغۇچى: ئابلىمىت ئەھەت بۆگۈ
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 10m
بەت سانى: 546
تەمىنلىگۈچى: لوپنۇرى
چۈشەندۈرۈش: ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە گۈزەل تىل. ئۇ ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات داۋامىدا قەدىمكى تۈركىي تىللار دەۋرى، ئورخۇن ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، ئىدىقۇت-خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى بېسىپ ئۆتكەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلى ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، بىراخما يېزىقى، مانى يېزىقى، سوغد يېزىقى، ئەرەب يېزىقى قاتارلىق يېزىقلار بىلەن خاتىرىلەنگەن(بەزى يېزىقلار ئومۇميۈزلۈك، بەزى يېزىقلار قىسمەن قوللىنىلغان)، شۇنداقلا خەنزۇ تىلى، سانسكرىت تىلى، ساك تىلى، تۇخار تىلى، سوغدا تىلى، ئەرەب تىلى، پارس تىلى، موڭغۇل تىلى قاتارلىق نۇرغۇرن تىللار بىلەن ئۇچرىشىپ ھەم بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىگە كىرگەن.
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: ئۇيغۇر تىلىدىكى سىموۋوللۇق سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنىلىرى
يازغۇچى: پەرىدە ھامۇت Peride Hamut
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «تىل ۋە تەرجىمە» 1998-يىللىق 2-سان
قىسقىچە مەزمۇنى: سىموۋوللۇق سۆزلەر سىموۋوللۇق ۋاستىلەرنىڭ بىر تەركىبى قىسىمى بولۇپ، كونكرېت شەيئى-ھادىسىلەرنىڭ ناملىرى ياكى بەلگە-خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق مۇئەييەن كۆز-قاراش، پەلسەپىۋى پىكىر، ھېسىيات ياكى ئابستىراكىت ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدۇ. ھەم بۇنداق سۆزلەر بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا شەكىللەنگەن بولىدۇ…
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: سىموۋوللۇق سۆزلەر، ئۇيغۇر تىلى
چۈشۈرۈش ئورنى »

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى