ئۇيغۇرچە ماقالە ئامبىرى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

تەتقىقاتچىلار، ئىزدەنگۈچىلەر ۋە بارلىق كىشىلەرگە:
بىرھون تورى ئۇيغۇرچە ماقالە ئامبىرى قۇرماقچى. ئۆز كەسپىڭىز (ساھەيڭىز)دە، ئۆزىڭىز يازغان ماقالىنى بىزگە ئەۋەتسىڭىز، بىرھون ماقالە ئامبىرىغا قوشۇپ، مەزكۇر توربەتتە ئېلان قىلىمىز. بۇ ئارقىلىق ماقالىڭىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشى ئوقۇپ، تېخىمۇ كەڭ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. بىرھون ئامبىرىدىكى ماتېرىياللار Google، مىكروسوفت ۋە بەيدۇ شىركىتىنىڭ بوشلۇقىغا يۈكلەنگەن بولۇپ، IT ساھەسىدىكى بۇ ئۈچ كاتتىباشنىڭ ھۆججەت ساقلاش مۇلازىمىتى بىرقەدەر ئىشەنچىلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك. سىز بىرھون ماقالە ئامبىرىغا ماقالىڭىزنى قوشۇش ئارقىلىق، ئىلىم – پەن ساھەسىدە قازانغان نەتىجىلىرىڭىزنى ھەممىگە ئۇقتۇرالايسىز، كېيىنكىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىسىز. سىز پەقەت ماقالىنىڭ ئەسلى تېكست ھۆججىتى ياكى رەسىمگە تارتىلغان نۇسخىسىنى ئەۋەتسىڭىز، چىرايلىق PDF نۇسخىسىنى ئۆزىمىز ياساپ چىقىرىپ قويىمىز.
شەرتلەر:
ماقالە چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ بولۇشى كېرەك.
ھەرقانداق بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بولۇشى كېرەك (ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ماقالىسىگە پىروففېسسور تەكشۈرۈپ نومۇر قويغان بولسا، ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ بولىدۇ).
ماقالە بىلەن بىرلىكتە ئاپتور نامى، ماقالە نومۇرى، ژۇرنال ئۇچۇرلىرى تەمىنلىنىشى كېرەك. (ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ماقالىسىگە ئىمزا قويغان پىروففېسسورنىڭ نامى – شەرىپى تەمىنلىنىشى كېرەك.)
ماقالىنى تۆۋەندىكى ئېلخەتكە ئەۋەتىڭ:

بۇ يازمىدا 11 ئىنكاس بار

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا 2 كىتاپ بار ئىدى شۇنى يوللاپ قويدۇم، تور بەتكە چىقارغۇچىلىكى بولسا چىقىپ قويارسىز

  2. ۋەھشىي كىتاپ يازغۇچى بالىلار بار ئىكەن.
    مېنىڭ ساپلا بىرەر مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغان (ھەم ۆزەممۇ مەتبۇئاتقا بەرمىگەن) ماقالىلار ئىكەن. بۇ قانداق بولار؟!

  3. Anonymous نىڭ سۆزى:

    18-قۇرۇلتاي ھەققىدە ماقالە كىرەك ئىدى.بولسا ياردەم قىلساڭلار

  4. ئارال52 نىڭ سۆزى:

    ماقالە تۈرى مۇزىكىغا ئائىت ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئائىت ،فىزىكىغا ئائىت،رەسساملىققا ئائىت ماقالىلەر باركەن مەندە….
    ئاۋۋال مەن بىلەن بىر كۆرشۇڭ بولامدۇ…ماقالىنىڭ ئالدىغا 5يىل بوپتۇ قۇلۇمدا تۇرغىلى…893912905كىيۇ كىيۇ…
    ھەراسىت پات ئارىدا ئككى كىتاپ تەييا بولىدۇ .مىسرانىم تورىغا دىىققەت قىلىپ قويغايسز…..

«ئۇيغۇرچە ماقالە ئامبىرى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش»گە ئىنكاس يېزىڭ

=1+5

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى