تور دەرسى: ئىنسانشۇناسلىق

مىننۇسىتا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى: «بوۋاقلارنىڭ يېتىلىش مۇساپىسى»
بىر نەچچە داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتى: «60 سېكونت نامىدىكى يۈرۈشلۈك دەرسلەر»
بىڭھامتون ئۇنىۋېرسىتېتى: «كەسپىي تەرەققىيات مەركىزى»
چوڭ جىلغا ئۇنىۋېرسىتېتى: «LGBT قۇرۇلتىيى»
نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى: «جەمئىيەتشۇناسلىق ئاساسلىرى»
سىياتىل تىنچ ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتى: «يۈزتۇرانە ئىمتىھان بىلىملىرى»
ۋېرجىنىيە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى: «دۇنيادىكى رايونلار»
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى: «مۇھەببەت ھەققىدە مىكرو سۆھبەت»

بۇ يازمىدا 1 ئىنكاس بار

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىر ھون تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى:
    سىزلەرنىڭ بۇ تور بېتىڭىزلەر بىلەن تونۇشقىلى ئاز كەم 3 يىلدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا تورغا يوللىغان ماتېرىيال، كىتاب ۋە قوراللاردىن بەكمۇ جىق پايدىلاندىم. ئەمدى ئويلاپ باقسام، سىزلەرگە بىر ئېغىزمۇ «رەھمەت قېرىندىشىم» دەپ باقماپتىمەن. بۇنى ئويلاپ يېتىپ يۈزۈم ئاناردىن بەكرەك قزىل، لازىدىن بەكرەك ئاچچىق ئېچىشىپ كەتتى. بىر كىمدىن ياردەمگە ئېرىشسەك «رەھمەت» دېيىشنى ئۇنتۇمايمەن-يۇ، سىزلەرگە بۇ قەدەر ئەدەبسىزلىك قىلغانلىقىمدىن ئۇيۇلۇپ قالغان سۈتكە ئوخشاپ قالدىم. نىھايەت، مانا بىر پۇرسەتتە مەن ئۆزۈمنى بۇ خىجىلچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئىگەم مېنى بۇ ئوياڭسىزلىقتىن خالاس قىلغاي!…
    مەۋھۇم تور دۇنياسىدا سىزلەردەك جان-دىلى بىلەن خەلقىمىز ئۈچۈن دەپ تىرىشىۋاتقانلىقىڭىزلەرنى كۆرگەندە، مەندەك ئاددى بىر ئىنسانمۇ «ئاپىرىن!…» دېيەلمەي تۇرالمايدۇ. چۈنكى سىزلەردە ئاتەش كەبى بىر ئوت باركى، ئۆز غايىڭىزلەر ئۈچۈن كېچە-يۇ كۈندۈز يانغىندۇرسىزلەر. كىملەرنىڭ بۇ تور بەتتىن غايەت ئۇلۇغ ئىلىملەرگە ئېرىشكەنلىكىنى كەمتۈك ئەقلىم پەرەز قىلىپ بولالمادى. ئەمما ئۇلۇغلۇق ۋە مەرھەمەت ئىگىسى ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئىلىم-ئېرپان ئۈچۈن سىزلەرنىڭ باسقان ھەربىر قەدىمىزلەرگە، مەرىپەت ئۈچۈن تىنىمسىز تەر تۆككەنلىرىڭىز، مېھنەت قوللىرىڭىز بىلەن مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىپ قويغالىرىڭىز كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئەڭ ساۋابلىق ئىشلاردۇر. رىزىق بەرگۈچى ئىگەم سىزلەرگە كۆپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن، قورام تاشتەك ۋۇجۇدلىرىڭىزنى ئۇيۇلتاشتەك مەزمۇت قىلسۇن! كۆڭۈللىرىڭىز شادلىققا تولسۇن، تۇرمۇشلىرىڭىز شاد-خۇراملىققا تولسۇن!
    ئاللاھقا ئامانەت، قېرىنداشلىرىم!

«تور دەرسى: ئىنسانشۇناسلىق»گە ئىنكاس يېزىڭ

=0+8

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى