ماقالە مەدەنىيەت





كىتاب ئىسمى: شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرىshinjang tarix materiyalliri
جەمئىي 50 قىسىم كىتاب
تۈزگۈچى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى… قاتارلىقلار
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: تەخمىنەن 1.5GB
بەت سانى: 50X500
تەمىنلىگۈچى: ئەجداد تورى
قىسقىچە مەزمۇنى: مەزكۇر ئەسەر جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تارىخ ماتېرىياللىرى تەتقىقات ھەيئىتى قاتارلىق ئورۇنلار 1980-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلىغىچە 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تۈزگەن «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» ناملىق 50 توملۇق كىتابنىڭ بارلىق قىسىملىرىدۇر. كىتاب سىغىمى چوڭ بولغاچقا ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ياساپ تەمىنلىگەنلەر كەتكۈزۈپ قويغان تېخنىكىلىق خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن. خاتالىق بايقىغۇچىلارنىڭ ئىنكاس قالدۇرۇپ قويىشىنى سورايمىز. بىز ئىنكاسقا ئاساسەن ئوڭشاپ قويىمىز، رەھمەت.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى
تىپى: تەتقىقات
تۈرى: تارىخ، مەدەنىيەت، سەنئەت
ئاپتورى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن
ھۆججەت ئەندىزىسى: PDF
سىغىمى: 56m
بەت سانى: 103
تارقاتقۇچى: لوپنۇرى
قىسقىچە مەزمۇنى:
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ ”شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى“ناملىق بۇ كىتابى 1980-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ،خەلقىمىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سەنئەت تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى، ئەينى ۋاقىتتىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخى ھەققىدە بىزنى خېلى ئەتىراپلىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلالايدۇ.
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: ئۇيغۇرلاردىكى ناماقۇللۇق چېيى
يازغۇچى: مۇتەللىپ ئىقبال Mutellip Iqbal
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «مىراس» 2007-يىللىق 4-سانى
قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرنى ئىجاد قىلغان، شۇ ئارقىلىق تۇرمۇش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت بوستانى بەرپا قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك ئۆرپ – ئادەتلەر كۆپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئادەمىگەرچىلىك ئۆلچەملىرىنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرمۇ خېلى كۆپ…
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: چاي، ناماقۇللۇق
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: ئۇيغۇرلاردىكى تويلۇق
يازغۇچى: مۇتەللىپ ئىقبال Mutellip Iqbal
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «مىراس» 2011-يىللىق 4-سانى
قىسقىچە مەزمۇنى: مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلاردىكى تويلۇق ئادىتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تويلۇق
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە
يازغۇچى: ئابدۇخېلىل راخمان لوپنۇرى Abduxelil Rahman Lopnuri
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكۇم ئىلمىي ژورنىلى» 2003-يىللىق 1-سانى
قىسقىچە مەزمۇنى: : كىشى ئىسىملىرى روشەن دەۋىر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ماددي-مەنىۋىي ھاياتى،دىنى ئېتىقادىي ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن زىچ باغلانغان. ھەر قايسى تارىخى دەۋىرلەردىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆز مىللىتىنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ…
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: كىشى ئىسىملىرى ،ئۇيغۇر
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: تارىم رايونىنىڭ ئەسلى ئاھالىسى توغرىسىدا مۇلاھىزە
يازغۇچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدىن ئەخمەت مۆمىن تارىمى
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال:«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى»نىڭ 2000- يىللىق 1- سانى
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە،  5 – 6 مىڭ يىللار ئىلگىرى تارىم رايونىدا ئاق ئىرققا مەنسۇپ، دېھقانچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلغان، توخرى تىلىغا كېلىت ۋە غەربىي شىمال پراكرىت تىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن، مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ ياشىغانلىقى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. تارىم ئاھالىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ كەلگەن ساكلار ۋە ئارىيانلار دېگەن قارشنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكى ئېچىپ بېرىلىدۇ
چۈشۈرۈش ئورنى »

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى