كىتاب نامى: ئىز
يازغۇچى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
تۈرى: تارىخى رومان
Abdurehim Ötkür Iz
شەكلى : PDF+MP3+APK
ھۆججەت چوڭلۇقى : 2.5M
ئىلكىتاب ئىشلىگۈچى : مەنزىل ئېلكىتاب گۇرۇپپىسى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى : مەزكۇر ئېلكىتاب «ئىز» رومانىنىڭ 1985-يىل 1- ئاي 1- نەشىرىنىڭ 1986-يىل 3-ئاي 2-بېسىلغان كىتابى ئاساسىدا مەنزىل ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن 2013-يىلى 12- ئايدا بېسىلدى ھەم ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەندى.
ياش ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشتى-چۆلدە قەبرىسىز.
قەبرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل چېچەككە پۈركىنۇر تاڭلا-باھاردا قەبرىمىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،
چىقسا بوران كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.
قايتماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئۇرۇق،
تاپقۇسى بۇ ئىزنى بىر كۈن، نەۋرىمىز-يا ئەۋرىمىز.
PDF كىتاب (كونا نۇسخا) | PDF كىتاب (سۈپەتلىك نۇسخا) |
MP3 ئاۋازلىق ھۆججىتى | APK ئەپ ھۆججىتى |
كۆپ رەھمەت مەن مۇشۇ كىتاب ۋە ئاۋازلىق ئەسىرنى ئىزدەۋاتقان ئىدىم
مەن چۈشىرەلمىدىم ماڭا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز
تىلفۇنغا چۈشۈرگىنى بولمامدۇ؟
مۇنداق قىلىڭ : ئاۋال كومپىيوتېر نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ، ئاندىن تىلفۇنغا قاچىلىۋالسىڭىز ۋە ياكى ھازىر بىر ھون تورىنىڭ تىلفۇن نۇسخىسى چىقىپ بولدىغۇ ، تىلفۇن تور كۆرگۈچى بىلەن سىناپ بېقىڭ بولمىسا …
بەك ياخشىكەن رەھمەت !