تېبابەت





كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە-خەنزۇچە تېببىي ئەمەلىي قوللانماexmetjan ismayil, adiljan turaq tebbiy emeliy qollanma inglizche xenzuche uyghurche
تۈزگۈچى: ئەخمەتجان ئىسمايىل
ئېلكىتاب ئىشلىگۈچى: ئادىلجان تۇراق
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 8M
مەزكۇر كىتاب 60 نەچچە بەتلىك بولۇپ، كىتابتا دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر، دورىلار ۋە داۋالاش جەريانىدا دوختۇر-بىمار ئوتتۇرىسىدا دائىم قوللىنىدىغان دىيالوگلار ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە-خەنزۇچە لۇغەت شەكلىدە بېرىلگەن.
بىرھوندا ئورتاقلاشقۇچى: pantkn
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: تېببىي ھۈجەيرە بىيولوگىيەسىhemdulla memet tebbiy hujeyre biyologiyesi
تىببىي ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى
تېببىي مەكتەپلەردە ئۆتۈلىدىغان داۋالاش ۋە دورىگەرلىك دائىرىسىدىكى كەسىپلەر ئۈچۈن زۆرۈر دەرسلىك
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: دوكتور ھەمدۇللا مەمەت
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 5M
مەزكۇر كىتاب ۋاڭ پېيلىن، ياڭ كاڭجۈەن قاتارلىقلار تۈزگەن «تېببىي ھۈجەيرە بىيولوگىيەسى 医学细胞生物学 ناملىق كىتاب ئاساسىدا تەييارلاندى.
بىرھوندا ئورتاقلاشقۇچى: دوكتور ھەمدۇللا مەمەت
چۈشۈرۈش ئورنى »

ماقالە تېمىسى: شىنجاڭنىڭ ياۋايى شورلۇق دورىلىق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ دورىلىق قىممىتى ۋە ئۇلارنى ئېچىش- قوغداش توغرىسىدا
يازغۇچى: ئامانگۈل ئابدۇكېرىم Amangul Abdukerim
ئېلان قىلىنغان ژۇرنال: «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2012-يىللىق 4-سان
قىسقىچە مەزمۇنى: شىنجاڭنىڭ ياۋايى شورلۇق ئۆسۈملۈكلىرى 302 تۈرلۈك بولۇپ، ئىقتىسادىي قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلىرى 60 نەچچە خىلغا يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ دورىلىق قىممىتىدىن باشقا تالاسى مول بولۇش، تۇپراقنى ياخشىلاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگىمۇ ئىگە…
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شىنجاڭ، شورلۇق ئۆسۈملۈكلەر، دورىلىق قىممىتى، ئېچىش-قوغداش
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: شىنجاڭ جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى
نەشىر قىلغان ۋاقىت:1973
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 25mb
بەت سانى: 808
تەمىنلىگۈچى: ئىستىقبال مۇنبىرى
نەشىر قىلغان ئورۇن: شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى
تۈزگەن ئورۇنلار: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت سەھىيە ئىدارىسى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت پەن – تېخنىكا ئىدارسى
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئارقا سەپ بۆلۈمى سەھىيە بۆلۈمى
شىنجاڭ ئىشچى – دېھقان-ئەسكەرلەر باسما زاۋۇتى باستى
كىتابنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى: 400 خىلدىن ئارتۇق ھەرخىل ئۆسۇملۈكلەرنىڭ شىپالىق رولى ناھايتى تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇر مومايلارنىڭ رىتسىپلىرى
تۈرى: ماقالىلەردىن تاللانما
مىراس ژۇرنىلىدىن ئېلىنغان
2003 – يىلى 4 – سان
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 3m
بەت سانى 14
مەزكۇر كىتابنى تەمىنلىگەن قۇتلان ئەپەندى بىلىك كۇلۇبىدا مۇنداق دەيدۇ: كىچىك چاغلىرىمدا مومامنىڭ نۇرغۇن “خوراپىي” ئىشىلىرىنى ئۇچرىتاتتىم، چوڭ ئانام قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇ “خۇراپىي”لىقلارنىڭ ھەممىسى بىر ئەسلىمىلا بولۇپ قالدى، ئەپسۇس كىچىك چاغلىرىمدىكى مائارىپ ماڭا كونا ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خوراپاتلىق دەپ ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن، تاكى 2003 – يىلىغىچە مىراس ژورنىلىدا ئاشۇ “خوراپاتلىق”لارنى كۆرگەندىن كېيىنلا، ئۆزەمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى، ئاشۇ سۆيۈملۈك “خوراپاتلىق”لارنى خاتىرىلەپ قويمىغانلىقىمنى، ھىچ بولمىغاندا ياخشىراق دىققەت قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئەستە ساقلىۋالمىغانلىقىمنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھىس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئانىسى ھايات بولغان تەلەيلىك تورداشلارنىڭ مومىلارلا قىلىپ كىلىۋاتقان ئاشۇنداق “خوراپات”لىقلارغا سەل قارىماسلىقىنى، خاتىرلەپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىپ، مىراس ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىككى ئەسەرنى ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ قويدۇم.
چۈشۈرۈش ئورنى »

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى