Typecho تەھرىرلىگۈچى ھەققىدە ئىزدىنىشلەر

Typecho بىلەن ئازراق ھەپىلەشكەندىن كېيىن بۇنىڭ بەزىبىر يېتەرسىز تەرەپلىرىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم، ئەمما كۆڭۈلدىكى گەپنى دېگەندە ھاجەتتىن چىققۇدەك دەرىجىدە بولۇپ، بىز ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان بىر تالاي ئىقتىدارى بار ئالىي تەھرىرلىگۈچلەر بىلەن پەرقلىق بولغاچقا سەل كۆنەلمەيۋاتقان يەرلىرىملا بار ئىدى. ئۇنداق بۇ تەھرىرلىگۈچنى بىز ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان تەھرىرلىگۈچكە ئوخشاش كۆپ ئىقتىدارلىق قىلغىلى بولامدۇ؟

Editor.md

«بۇ تەھرىرلىگۈچنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟» دەۋاتقان چېغىمدا، ماڭا Editor.md دېگەن تەھرىرلىگۈچ ئۇچراپ قالدى. بۇ تەھرىرلىگۈچ تېخىمۇ ئىقتىدارلىق بولۇپ، ئاساسىي بېقىنىدىغان نەرسىلىرى سۈكۈتتىكى تەھرىرلىگۈچ بىلەن ئوخشاش ئىدى. Editor.md تەھرىرلىگۈچ يېڭىدىن بەزىبىر ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە قوشقان بولۇپ، يېزىش جەھەتتە ئارتۇقچە كود قوشمىسىڭىزمۇ، يازغانلىرىڭىزنى چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
ھەر دەرىجىلىك ماۋزۇ پەقەت #نىڭ سانى ئارقىلىق قايسى دەرىجىلىك ماۋزۇ ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىقتىدارلارمۇ بار، ئەمما شۇ بىز كۆنەلمەيۋاتىمىز. دەل شۇ سەۋەبتىن مەن ماۋۇ يېڭى تەھرىرلىگۈچ بىلەن ھەپىلىشىپ باقماقچى بولىۋاتىمەن. بۇ جەرياندىكى ئىشلار مۇشۇ يازما ئاستىغا خاتىرىلىنىدۇ.

خەتكۈش: none

جەمئىي 7 دانە باھا بار

  1. نەقىل: ھەر دەرىجىلىك ماۋزۇ پەقەت #نىڭ سانى ئارقىلىق قايسى دەرىجىلىك ماۋزۇ ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ.

    بۇ قايسى جايلارنى كۆرسىتىدۇ؟ تازا چۈشەنمەي قالدىمغۇ...

    1. يېڭى قۇردىن باشلاپ «#بۇ h1 ماۋزۇ»، «##بۇ h2 ماۋزۇ»، «###بۇ h3 ماۋزۇ» دېگەندەك يازسىڭىزلا ئەمەلىي ئۈنۈمى ئاشۇنداق چىقىدۇ دېمەكچى.

      1. ھەقىقەتەن بولىدىغان تەھرىرلىگۈچكەن بۇ جۇمۇ، ماقالە بەتكە بەكراق ماس كېلىدىكەن.

  2. ئالىم

    ھازىر نۇرغۇن جايلاردا markdown نى ئىشلىتىدۇ. ئىشلىتىشچانلىقى ياخشى، ھەم بەتنىڭ كۆركەملىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ھەم كود نى ياخشى قوللايدۇ . بىزدەك پروگىراممىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئەڭ ماس كېلىدۇ.

    1. بەلكىم مۇرەككەپلىكتىن زېرىككەنلەرنىڭ ياخشى تاللىشى بولسا كېرەك

  3. بلوگ ئۇسلۇبى بەك كۆركەم چىقىپتۇ، Typecho يازما تەھرىرلىگۈچىنى كۆرۈنمە ھالەتتە ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى چىقاركەن ئەسلى.

    1. ئەسلى ئۇسلۇبنى Bootstrap ئىشلىتىپ ئازراق تەڭشىدىم، باشقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىدى. تەھرىرلىگۈچ مېنىڭچە بارا-بارا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، ۋاقتىنچە ھاجەتتىن چىققاندىكىن ئىشلىتىپ تۇراي. بۇ سىستېمىنىڭ يېنىك ئىجرا بولىدىغان يېرىنى بەك ياقتۇردۇم.

باھا يېزىشقا بولمايدۇ

باھا يېزىشقا بولمايدۇ