يانفون ئارقىلىق يېزىلغان تۇنجى يازما

ماسلىشىشچان تور بەت دەپ كوتۇلداۋاتقىلى مانا خېلى بولدى، ماۋۇ بىلوگنىمۇ خېلىدىن بىرى ئاز جاپا بىلەن يازمىدىم. مانا ئەمدى بىر قاتار پۈتكۈزۈپ بولدۇم. ئەمدى يانفوندا بىر نەرسە يېزىپ باقاي.
يانفوندا ئۇقۇشقا بەك ماس كېلىدىكەن، ئەمما بىر كەمچىلىكى بىزنىڭ يانفوندىكى كىرگۈزگۈچلىرىمىزنى يېڭىلىسا بولغۇدەك، بولۇپمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزۈش قىسمىنى. يانفوندابىر نەرسە يېزىۋېتىپ ھېس قىلغان كەمچىلىك تۆۋەندىكىچە:
1، يانفوندىكى خەت نۇسخىسىنى سەل چوڭايتىش كېرەكمۇ قانداق؟
2، ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان ئشتا سەل كەمتۈكلۈك بار، بولۇپمۇ ئاپتوماتىك ھەمزە.
3، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈزنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قىلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟
ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىلوگقا خاتىرىلەندى.

خەتكۈش: none

جەمئىي 10 دانە باھا بار

  1. ئارقا سەپتە يانفوندا يېزىش يەنىلا قولايسىزكەن. قارىغاندا ئارقا بەتكىمۇ سەل كۈچىسەم بولغۇدەك جۇمۇ

  2. ۋاي بەك چاققانغۇ !؟ ئۈلۈشكۈن بۇ خەتلەر سولدىن ئوڭغا چىقىۋاتاتتى ، تۈنۈئۈن قارىسام ئۇسلۇب قۇرۇلمىسى ھاسىل بوپتىكەن ، مانا بۈگۈن ئوبدانلا تۈس كىرىپ كۆركەملىشىپ كىتىپتۇ جۇمۇ ! مۇبارەك بولسۇن !

    1. رەھمەت. «تىرىشقان تاغ ئاشار» دەپتىكەن كونىلار. شۇڭا ھەرھالدا يامان ئەمەس بوپقالدى دەپ ئويلىدىم

  3. مەن ios8 گە يەلتاپان شىركىتى ياسىغان كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىۋاتىمەن، بۇ كىرگۈزگۈچ ھەقىقەتەن ياخشى ياسىلىپتۇ، سۆز ئەسكەرتمىسىمۇ شۇنداق قولايلىق بولۇپتۇ، خەتلىرىمۇ چوڭ، راۋان كۆرۈنىدىكەن.

    1. ئۇنىڭ Android نۇسخىسى يوقمىكەن؟ ئادرېسىنى قالدۇرۇڭە، مەنمۇ بىر كۆرۈپ باقاي

      1. http://ime.yeltapan.com/m/
        مانا ماۋۇ ، ئاندرويىد نۇسقىسى يوق ئىكەن

  4. مەن Nurqut نىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ھالىتىدىن ھېس قىلىشىمچە نۇرقۇتجان پەۋەت ۋە پەقەت bootstrap نىلا تەتقىق قىلىۋاتقاندەكلا تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم.

    1. ھەممىنى تەڭ قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ-دە، ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى بار. سىزنىڭ تۇيغۇڭىز توغرا، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە مەن شۇ Bootstrap بىلەنلا ھەپىلىشۋاتىمەن، بۇنىڭدىن سىرت ئىملا تۈزەتكۈچنىڭ ئىشىمۇ بار.

  5. FinalFantasy

    " 2، ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان ئشتا سەل كەمتۈكلۈك بار، بولۇپمۇ ئاپتوماتىك ھەمزە."

    قانداق كەمتۈكلۈكلەرنى بايقىغان بولغىيىدىڭىز؟ GitHub دا bug دوكلات قىلدىڭىزمىكىن؟

    1. راست مەسىلىمۇ ياكى باشقا ئىشمۇ بىلمىدىم، ئەمما يانفوندا ئاپتوماتىك ھەمزە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن نۇربەلگە ئاخىرىغا قايتمايدىكەن، ھەمزە بىلەن ھەرپ ئارىسىدا تۇرىۋالىدىكەن، مەن مۇشۇ مەسىلىنى دېمەكچى.

باھا يېزىشقا بولمايدۇ

باھا يېزىشقا بولمايدۇ