Nurqut يوللىغان ماقالىلەر

«نۇرقۇت تەرەققىيات مۇنبىرى»نى تەشكىللەش جەريانىدىكى ھېسلار

بىز 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى «نۇرقۇت تەرەققىيات مۇنبىرى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدۇق. ئارقىدىنلا 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا ئەسەر قۇبۇل قىلىشنى باشلىدۇق. مانا بۈگۈن ھەپتە بولدى، بۈگۈن ئەتتىگەنگە قەدەر پائالىيەتكە چۈشكەن ئەسەر جەمئىي 11 پارچە بولدى، ئەمما بۇ يازمىدا مەن بۇ ھەقتە توختالمايمەن.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى تەشكىللەش جەريانىدا بىزنى قوللىغان شىركەتلەر ۋە تور بېكەتلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. بىزنى قوللىغانلاردىن مىننەتدار بولغان بولسام، ئاز بىر قىسىم بېكەت باشلىقلىرىدىن ئۈمىدسىزلەندىم، ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇلارنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىمەن. ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇ بولدىكى، بىزگە «ماقۇل» دەپ قويۇپ، ۋەدىسىدە تۇرمىدى، پائالىيەتكە ئائىت كىچىككىنە ئۇچۇر ياكى يازمىنى بېكىتىدە چىقىرىشقا ئۇنىمىدى، بىزدىكى تېخنىكىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئازدۇر-كۆپتۇر ياردىمى تېگىدۇ دەپ قارىغان بۇ پائالىيەت كەڭ دائىرىدىكى تەشۋىقاتتىن مەھرۇم قالدى. كونىلارنىڭ «ھەركىم چوڭ بولسا ئۆزىگە چوڭ بولىدۇ» دېگىنى راست ئىكەن. مەيلى، بۇنىڭسىزمۇ بۇ پائالىيىتىمىزمۇ ئوڭۇشلۇق تامام بولغۇسى.

بۇ پائالىيەت بىزگە شۇنداق بىر ئەينەك بولۇپ قالدى، كىملەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئازدۇر-كۆپتۇر بىلىۋالدۇق. رەھمەت ساڭا «نۇرقۇت تەرەققىيات مۇنبىرى»

Typecho تەھرىرلىگۈچى ھەققىدە ئىزدىنىشلەر

Typecho بىلەن ئازراق ھەپىلەشكەندىن كېيىن بۇنىڭ بەزىبىر يېتەرسىز تەرەپلىرىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم، ئەمما كۆڭۈلدىكى گەپنى دېگەندە ھاجەتتىن چىققۇدەك دەرىجىدە بولۇپ، بىز ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان بىر تالاي ئىقتىدارى بار ئالىي تەھرىرلىگۈچلەر بىلەن پەرقلىق بولغاچقا سەل كۆنەلمەيۋاتقان يەرلىرىملا بار ئىدى. ئۇنداق بۇ تەھرىرلىگۈچنى بىز ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان تەھرىرلىگۈچكە ئوخشاش كۆپ ئىقتىدارلىق قىلغىلى بولامدۇ؟

- تولۇق كۆرۈش -

Windows 10 يانفون نۇسخىسى تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسى

يەنە شۇ يانفوننىڭ پارىڭى دەپ قالدىڭىز ھەقىچان! ئامال يوق! ئىككى يىل بۇرۇن ئالغان يانفونۇم كونىراپ قالدى، يېڭىدىن بىرنى ئېلىشىم كېرەك-تە! شۇنداق قىلىپ خېلىدىن بېرى يانفونغا قىزىقىپ كېلىۋاتىمەن. Android, Windows يانفونىدىن بىرنى تاللىشىم كېرەك، ئالمىنىڭ گېپىنى قىلماڭ، ئۇنى ئىشلەتمەيمەن.

ئۇنداقتا بۈگۈنكى يېڭىلىق نېمە؟ شۇ يانفون سىستېمىسىنىڭ پارىڭى! Windows 10 يانفون نۇسخىسى تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسى چىقتى! بۇ يانفون سىستېمىسىغا قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن بىر يېڭىلىق ئەلۋەتتە! ناۋادا يېقىپ قالسا، پايلاپ تۇرۇپ يېڭى يانفوندىن بىرسى چىقسا گۈپلا قىلىپ سېتىۋالىمەن.(سەت ھېجايغان چىراي ئىپادىسى)

ئاڭلاشلارغا قارىغان مۇنداق يېڭىلىقلار بار ئىكەن:
1، ئېكران ۋە تەگلىكتە زور يېڭىلىق بارمىش.
2، ئۇقتۇرۇش مەركىزى دەھشەت نوچىمىش.
3، ھۆججەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى نوچىمىش.
4، MKV ۋە FLAC فورماتىنى قوللايدىكەن.
5، كومپيۇتېر بىلەن ئوخشاش ئۈنۈمدىكى ئەپلەرمۇ يېڭىلىق.
چۈشەندۈرۈش قىسقا فىلىمى:
سوخۇ تورىغا كىرىپ كۆرۈڭ

يانفون ئارقىلىق يېزىلغان تۇنجى يازما

ماسلىشىشچان تور بەت دەپ كوتۇلداۋاتقىلى مانا خېلى بولدى، ماۋۇ بىلوگنىمۇ خېلىدىن بىرى ئاز جاپا بىلەن يازمىدىم. مانا ئەمدى بىر قاتار پۈتكۈزۈپ بولدۇم. ئەمدى يانفوندا بىر نەرسە يېزىپ باقاي.
يانفوندا ئۇقۇشقا بەك ماس كېلىدىكەن، ئەمما بىر كەمچىلىكى بىزنىڭ يانفوندىكى كىرگۈزگۈچلىرىمىزنى يېڭىلىسا بولغۇدەك، بولۇپمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزۈش قىسمىنى. يانفوندابىر نەرسە يېزىۋېتىپ ھېس قىلغان كەمچىلىك تۆۋەندىكىچە:
1، يانفوندىكى خەت نۇسخىسىنى سەل چوڭايتىش كېرەكمۇ قانداق؟
2، ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان ئشتا سەل كەمتۈكلۈك بار، بولۇپمۇ ئاپتوماتىك ھەمزە.
3، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈزنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قىلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟
ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىلوگقا خاتىرىلەندى.

يۇمشاق دېتال ئارقىلىق جىنايەت يۈز بېرىشنى ئالدىن بايقاش

كىنودىكى ئەسلىمىلەر

ئېسىڭلاردا بارمۇ؟ بۇرۇن بىر كىنولار بولىدىغان، ئۇنىڭدا مەلۇم ئۈسكىنىلەر بىلەن جىنايەت يۈز بىرىدىغان ۋاقىتنى ئالدىن پەملەيدىغان، جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان كىشىنى ئالدىن بايقاپ جىنايەت ئۆتكۈزمەستە تۇتۇپ كېلىدىغان، بۇ ئارقىلىق جىنايەت زور دەرىجىدە ئازلايدىغان ...

رېئاللىقىمىزدا

مېنىڭ شۇنداق بىر ئادىتىم بار. ھەركۈنى ئەتتىگەندە تۇرۇپلا خەۋەر كۆرىمەن، بولۇپمۇ پەن-تېخنىكىغا ئائىت خەۋەرلەرنى، بۇنىڭ ئىچىدە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا ئائىت خەۋەرلەرگە تېخىمۇ بەكرەك قىزىقىمەن. بۈگۈنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش خەۋەرلەرنى كۆردۈم. دەسلەپتە كۈزۈمنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭىلىق يانفون S6 ھەققىدە خەۋەرلەرنى كۆردۈم، كېيىن باشقا بىر خەۋەر دىققىتىمنى تارتتى. خەۋەرنىڭ تېمىسى «كىنودىكى كۆرۈنۈشلەر رىئاللىققا ئايلاندى __ ساقچىلار يۇمغاق دېتال ئارقىلىق جىنايەتنى ئالدىن بايقىدى» دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇ زادى قانداق گەپ؟

PredPol

خەۋەردە دېيىلىشىچە، PredPol ناملىق يۇمشاق دېتالدا جىنايەت يۈز بېرىدىغان ئورۇننى پەرەز قىلىش ئىقتىدارى باركەن. ھازىر بۇ يۇمشاق دېتال 亚特兰大, 洛杉矶 ۋە 圣克鲁斯 قاتارلىق شەھەرلەردە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلگەنمىش، ھەم بۇ رايونلاردا جىنايەت يۈز بېرىش نىسبىتىمۇ چۈشكەنمىش، ئەمما بۇ ھەقتە ئىلىمىي بولغان ئىستاتىستىكا نەتىجىسى يوقكەن.

بۇ يۇمشاق دېتال «زور ئۇچۇر ئانالىزى» ئارقىلىق تولا جىدەل چىقىدىغان جايلار، تولا ئوغرى-بۇلاڭچىلىق يۈز بېرىدىغان جايلار ۋە لۈكچەكلەر تولا ھەرىكەت قىلىدىغان جايلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بۇنداق بولغاندا ساقچىلار شۇ ئەتراپنىلا كۆپرەك چارلاپ بەرسە، جىددىي ئەھۋالغا تېز ئىنكاس قايتۇرالايدىكەن، ياكى بەزىبىر جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن.

مېنىڭ ئويلىرىم

ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ گېپگە كەلسەك، يۇقىرىقى يۇمغاق دېتال ھەققىدە كۆپچىلىكنىڭ قارىشىمۇ ھەرخىل، بۇنى بىر قىسىم كىشىلەر ياخشى دەپ قارىغان بولسا، بىر قىسىم كىشىلەر بۇ جىنايەتنى ئازلىتىشنىڭ تۈپ چارىسى ئەمەس دەپ قارايدىكەن. نېمىلا بولسۇن، بۇ يۇمشاق دېتال ھازىر مۇدا بولىۋاتقان «زور ئۇچۇر ئانالىزى»نىڭ قىممىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى دېسەك ئارتۇق كەتمەس. ياشانغانلار ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرىدە باشتىن كەچۈرگەنلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىش ئارقىلىق باشقىلارغا يول كۆرسىتىدۇ، ماۋۇ «زور ئۇچۇر ئانالىزى» بولسا خاراكتىش جەھەتتىن شۇنىڭغا ئوخشىشىدۇ، ناھايىتى زور مىقداردىكى ئۇچۇر تەھلىلىدىن ئېرىشكەن بۇ نەتىجە ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىن بولىدۇ. بىزمۇ «زور ئۇچۇر ئانالىزى» دەۋرىگە كىرىشكە تەييارلىق قىلايلى، گەرچە قۇلىمىزدا «زور ئۇچۇر» بولمىسىمۇ...

Typecho ئىشلىتىشتىن تۇنجى تەسىرات

قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي. بۇ بىرنەچچە كۈنلۈك ئىشلىتىشتىن كېيىنكى تەسىرات تۆۋەندىكىدەك:
1، [+] سىستېما بەك يېنىڭ، بۇ بەلكىم ئارتۇقچە كود ياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ ئازلىقىدىن بولسا كېرەك.
2، [+] سىستېما بەك ئاددىي، ئىشلىتىش ئاسان.
3، [+] كودى بەك رەتلىك يېزىلغان، قايتا ئېچىشتا قىينالمايسىز.
4، [+] باشقۇرۇش بېتى ئاددىي بولغان بىلەن زۆرۈر ئىقتىدارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار.
5، [+] ساختا تىنچ بەت ئىقتىدارى بار، ئارقا بەتتىن ھەر-خىل تاللىيالايسىز.
6، [-] ماقالە يوللاش تەھرىرلىگۈچى بەكلا ئىپتىدائىي.
7، [-] ئۇسلۇب، قىستۇرمىلار خېلىلا ئاز.
8، [-] قىسمەن ئىقتىدارىدا كەمتۈكلۈك بار، مەسىلەن: نەقىل ئادرېسلىرى، باش بەتتە ئۈزۈندى كۆرسىتىش تەڭشىكى قاتارلىقلار

Typechoنىڭ سۈكۈت ئۇسلۇبىنى Bootstrap ئىشلىتىپ قايتا يېزىش(1)

ئەمىسە باشلىدۇق!
Typechoنىڭ سۈكۈتتىكى ئۇسلۇبى زىيادە ئاددىي بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۆزىمىزگە ياققۇدەك قىلىپ ئۆزگەرتىشىمىز زۆرۈر بولىدۇ. Bootstrapكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم سەۋەبى بىلەن بۇ ئۇسلۇبنى قايتا يازماقچى بولدۇم. ئۇسلۇب ھۆججەتلىرىنى بىر قۇر كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇسلۇب كودلىرىنىڭ خېلىلا ئۆلچەملىك ۋە رەتلىك يېزىلغانلىقىنى، خېلى جايلىرىنىڭ Bootstrapكە ئوخشاش قېلىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىشنى رەسمىي باشلاپ كەتتىم.

1-قەدەم: ئۇدۇللا header.php ۋە footer.php ھۆججىتىنى ئېچىپ ئەسلى ئۇسلۇبنىڭ CSS ۋە JS كودلىرىنى پاكىز يۇيۇپ تاشلىدىم.
2-قەدەم: ئاندىن Bootstrapكە ئائىت دەرسلىكىمىزدە تىلغا ئالغان CSS ۋە JS ھۆججەتلىرىنى ئۇلىدىم.
3-قەدەم: بەت قارىماققا نورمالدەك تۇرغان بىلەن ئايرىم مەسىلىلەر ساقلانغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئايرىم جايلاردا container بېكىتىلمىگەن ئىدى، مۇناسىۋەتلىك كودلارنى قوشتۇم. شۇنىڭ بىلەن بەت قۇرۇلمىسى نورماللاشتى.
4-قەدەم: ئېكرانغا ماسلىشىش قىسمىنى class ئىسىملىرىغا col-md, col-sm قاتارلىق مۇۋاپىق بەلگىلەپ نورماللاشتۇردۇم.
5-قەدەم: بەت يۈزى ماسلىشىپ بولغاندىن كېيىن باش-ئايىغىغا رەڭلىك تىزىملىك قوشتۇم.

شۇنداق قىلىپ ھازىرقى ھالىتى بارلىققا كەلدى. بەتنىڭ چوڭ قۇرۇلمىسى نورماللاشتى، لېكىن ئىچكى قىسمىنىڭ رەڭ تەڭشەش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈم قوشۇش ئىشلىرى داۋاملىشىدۇ. بۇ تېمىدا تىلغا ئالغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى HTML كودى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان، شۇڭا كودقا قىزىقسىڭىز بىلوگۇمغا كىرىپ ئەسلى كودىنى كۆرسىڭىزلا بولىدۇ.

تىرىلگەن نۇرقۇت بىلوگى ۋە Typecho

ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى مېنىڭمۇ بىلوگۇم بولغان، ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ بىلوگۇم بىر قېتىملىق تاسادىپىي ئاپەتتە ئېچىنىشلىق ھالدا قۇربان بولغان ئىدى. Mysql جەدۋىلى پۈتۈنلەي بۇزۇلغانلىقتىن، شۇنداقلا زاپاز ساندان بولمىغانلىقتىن مېنىڭمۇ بىلوگ يېزىشتىن رايىم يانغان ئىدى. مانا كۈنلەر ئۆتۈپ بۈگۈنگە كەلگەندە، مەندىكى بىلوگ يېزىش قىزغىنلىقى بارا-بارا ئەسلىگە كەلدى، ئەمما بەزى مەزمۇنلارنى نۇرقۇتقا يوللاش تازا مۇۋاپىق بولمىغاچقا كونا بىلوگۇمنى قايتىدىن ئېچىش يولىغا قەدەم ئالدىم.

دەسلەپتە يەنىلا Wordpress ئىشلىتىشنى ئويلىغان ئىدىم، ئەمما @Alim بۇرادەرنىڭ تەكلىپى بويىچە Typecho دېگەن سىستېمىنى ئىشلىتىش قارارىغا كەلدىم. مۇنبەرگە قارىسام بۇ سىستېما ھەققىدە بۇرۇنمۇ بەزى تېمىلار يوللىنىپتىكەن. ئەمدى مەنمۇ ھەپىلىشىپ باقاي. قىزىقىدىغانلار بىرلىكتە كۆرۈپ باقارمىز.

ئالدىنقى ئايدا دوغاپ ئەپەندىم تارقاتقان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى: يېڭى يىللىق سوۋغا: Typecho ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 1.0

مەن بۈگۈن github تورىدىكى ئەڭ يېڭى ھۆججەتلەرنى چۈشۈردۈم، ئاخىرىدا 2015.01.20 يېڭىلانغان ھۆججەتلەر بار ئىكەن. شۇڭا بۇ يەردە سىستېمىنى ئورنىتىش ھەققىدە قىسقىچە خاتىرە قالدۇرۇشنى توغرا تاپتىم. قېنى ئەمىسە كۆپچىلىك بىرلىكتە داۋاملاشتۇرايلى:

ئورنىتىش جەريانى:
1-قەدەم: ھۆججەتلەرنى بوشلۇققا چىقىرىمىز.
2-قەدەم: install.php ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىمىز.
1) «ئىشلىتىش كېلىشىمى »گە قوشۇلۇپ داۋاملاشتۇرىمىز.
2) ساندان ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ داۋاملاشتۇرىمىز.
3) كۆز يۇمۇپ-ئاچقۇچە تامام بولىدۇ.
3-قەدەم: index.php ئارقىلىق باش بەتكە كىرىسىز، admin/index.php ئارقىلىق باشقۇرۇشقا كىرىسىز.
تامام.