قۇتبىلىك يوللىغان ماقالىلەر

ئىزدىنىش يولىدا (2)

ئىزدىنىش يولىدا (1) نىڭ داۋامى
شۇڭا دەيمەن، ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى چوقۇم ياسىلىشى كېرەك. ئىزدە، ئىزدەش...لەردەك ئەمەس، مۇستەقىل ئىزدەش ماتورى.
مەن بىر ئوقۇتقۇچى، ئىدىيە تارقاتقۇچى، ئوقۇغۇچىللىرىمغا تەرەققىياتنى كومپيۇتېر نۇقتىسىدىن، تور نۇقتىسىدىن تۇرۇپ يىشىپ بەرگۈچى. ئۇلارنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرغۇچى. شۇڭا ئۇلارنى قايىل قىلىپ پىروگراممىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش، لوگىكىلىق تەپەككۇرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرخىل تېمىلاردا پاراڭ قىلىپ بىرىمەن. شۇ پاراڭلارنىڭ بىرى دەل ئىزدەش ماتورى. بۈگۈن سىلەرگە شۇنى سۆزلەپ بېرەي.
تور بېكەتلەر ئانچە كۆپ بولمىغان دەۋردە كىشىلەر بېكەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئېسىدە تۇتالايتى، كىيىن كۆپىيىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلىنىش خاراكتېردىكى بېكەتلەر پەيدا بولدى، بېكەتلەر تېخىمۇ كۆپىيىپ كىتىۋىدى، ئۇلىنىش بېكەتلىرى ئېھتىياجنى قامدىيالماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىزدەش ماتورى پەيدا بولدى.
ئىزدەش ماتورىنىڭ پەيدا بولۇشى بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىنى ھەسسىلاپ ئاشۇردى.
خوپ قۇرۇق گەپنى جىق قىلمايلى. ئىزدەش ماتورى دېگەن نېمە؟

- تولۇق كۆرۈش -

ئىزدىنىش يولىدا (1)

بەش يېرىم يىل بۇرۇن تۇرمۇشۇمدا ئاندرويىدنىڭ پەيدا بولۇشى مەندە تېلېفون ساھەسىدىلا ئەمەس، تۇرمۇشنىڭ ھەرقانداق ئورنىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقى ھەققىدە خىيال ۋە ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغان. مەسىلەن: ئاندرويىدلىق تېلېۋىزور، سائەت، توڭلاتقۇ، روتېر، كىرئالغۇ، ئويۇنچۇق...
مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ نەرسىلەر پەيدا بولىدى، مەن نېمىشقا مۇشۇ نەرسىلەنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئويلاپ يىتەلىدىم؟
ئەينى چاغدا مەن توردا بىر يانفوندا باشقۇرۇپ ئوينايدىغان ئۇيۇنچۇقنىڭ بارلىقى كۆرگەن. باھاسى 2000 سوم ئەتراپىدا ئىدى. مەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە قىزىققاچقا چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلدىم. دەل مۇشۇ پەيتتە پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان، ئاندرويىد سىستېمىسى مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى، شۇنىڭ بىلەن گوگېلنىڭ G1 يانفونىدىن بىرنى سېتىۋالدىم، تەتقىق قىلدىم. خياللىرىم بەك قالتىس ئىدى.
بىر ماشىنا بولسا، مەن ئۇنى G1 تېلېفونۇمغا باغلاپ قويسام، ئاندىن G1 تېلېفونۇمنى كومپيۇتېردا تۇرۇپ كونترول قىلسام، تېلېفوننىڭ كامىراسى ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرۇپ ماشىنىنى ھەيدىسەم...
يەنە بىر ئۇچىدىغان ئۈسكۈنىدىن بىرنى ئالسام، ئاندىن تېلېفونۇمغا باغلاپ بۇنىمۇ ئۇچۇرسام، بوشلۇقتا تۇرغاندىكى كۆرۈنشلەرنى مەن ساقلاپ ماڭسام...
بۇ چاغلاردا تېخى 3G تورى يوق چاغلار بولۇپ تېلېفون كارتىسى ئارقىلىق تورغا چىقسا ۋوجون بەك ئاستا ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن كاللامدا تېلېفوننىڭ بۇ تور سۈرئىتى چ چ دا سۈرەتلىك پاراڭلىشىشقا يەتمەيدىغان تۇرسا سۈرئەتلەرنى قانداق يوللاپ بىرەر دەپ بېشىم قاتتى.
شۇنىڭ بىلەن ۋايفاي دېگەن ئوقەتنى تەتقىق قىلىشىمغا توغرا كەلدى. ۋايفايدا سۈرئەت نوچى ئىدى، بۇنىڭدا مەن ئويلىغان ئىشلار ئەمەلگە ئاشاتتى، شۇنىڭ بىلەن بەك خوش بولدۇم.
ئاندرويىد تېلېفوننى تەتقىق قىلىش جەريانىدا بۇنىڭ ناھايىتى قالتىس بىر مۇنبەت تۇپراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، تور تاقالغان مەزگىللەردە بار شارائىتتىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىپ تۇردۇم، تور ئېچىلغاندا ئانچە مۇنچە تورلاردا ئاندرويىد توغرىسىدا يازما يوللاپ تۇردۇم. دەل مۇشۇ پەيتلەردە بىلكاندىكى سارۋان ئاكىمىز تۇيۇقسىزلا مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى ۋە شىركەت قۇرۇش ئىشلىرىنى تونۇشتۇردى. مېنى كېلىپ بىللە ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرشكە بىر يىل ۋاقىت قالغان چاغ بولۇپ مەكتەپنى تاشلاپ قويۇپ كېلىشىم مەنچە مۇمكىن ئەمەس ئىدى(مۇمكىن بولمايدىغان نېمە ئىش بار). شۇڭا چىرايلىقچە رەت قىلدىم. خىيالمىدا ماڭا ئوقۇشنى تاشلاپ خىزمەت قىلىش بالدۇر ئىدى، مەكتەپ مۇھىم ئىدى، مەكتەپتىكى ۋاقتىمنى قەدىرلەپ جىق ئۆگۈنىۋالساملا بۇنداق خىزمەتلەر جىق ئىدى ئۆزمچە...

- تولۇق كۆرۈش -