كۆمۈرچى بالا

سەھپە: كىتاپلار باھا:0

كۆمۈرچى بالا

مۇقەددىمە

2004- مەن ئۈچۈن تولىمۇ خاسىيەتلىك بىر يىل بولدى.بوستان شەھەر-غۇلجا گۈل-چىچەكلەرگە راسا پۈركەنگەن ماي ئايلىرى ئىدى.سۇس سۆسۈن رەڭ ئىچىلغان سېرىن گۈللەر پاكىز باغ-ھويلىلارنى يېڭى كىلىندەك بېزىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ خوش پۇراق ھىدىلىرى دەممۇدەم دىماقلارغا ئۇرۇلاتتى. قۇشلار گويا بەزمە مەشرەپكە چۈشكەندەك ھەممىلا يەردىن بۇلبۇللارنىڭ چاڭىلداپ سايراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالىلىقىمدىن تارتىپ بىرگە چوڭ بولغان ،باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بىرگە ئوقۇش جەريانىدا شۇ دەۋرلەردىكى ئاچارچىلىق ئازاپلىرىنى بىللە تارتقان جان جىگەر ئاغىنەم ھەم ساۋاقدىشىم ماڭا تېلفۇن بېرىپ:

-غۇلجىغا 20-مايغىچە كىلىپ بولغىن! ھەممە ساۋاقداشلار يىغىلماقچى…..،-دەپ ئۇقتۇردى.«ساۋاقداشلىق مىھرى شۇنداق بۇلامدۇ نېمە؟!……»پۈتۈن ۋوجودىمنى ئوتۇلق بىر ھاياجان چىرمىۋالدى يېزىۋاتقان تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تاشلىدىم-دە ، ئەتىسىلا يولغا چىقتىم . دەرۋەقە 23-ماي كۈنى غۇلجا«يىشىلنۇر» رېستۇرانىغا  پۈتۈن ساۋاقداشلار جەم بولدۇق،……ئۇزۇن يىللىق جۇدالىق سېغىنىشتىن كېيىنكى ۋىسال شاتلىقىمۇ ئەجەپ بولىدىكەن………….

2010.12.18 ئاپتور: ئوغۇز
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati

Related Posts

يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se