نەشىرىياتتىن
ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» ناملىق بۇ ترولوگىيىسىدە 1940-يىللاردا شىنجاڭ تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەڭ زور ۋەقە-«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ئاساسى تېما قىلىنغان. بۇ ئەسەردە بۇ ئىنقىلابنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ، ئەگرى-توقاي ، مۇرەككەپ تارىخى مۇساپىلىرى ، ئاخىرىدا جۇڭگو كوممونىسىتىك پارتىيىسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىنى قۇبۇل قىلىپ شانلىق غەلبىگە ئېرىشكەنلىكى ماركىسىزىملىق تارىخى قاراش ئاساسىدا يۈكسەك بەدئىي ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن ھەمدە داھىي ماۋزىدوڭنىڭ:«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پۈتۈن جۇڭگو خەلق دىموكىراتىك ئىنقىلابى ھەركىتىنىڭ بىر قىسىمى»دىگەن يۈكسەك باھاسى ئەينەن تارىخى پاكىتلار بىلەن دەلىللەنگەن.ئاپتورنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە پۈتكەن بۇ بۈيۈك ئابىدە ئاجايىپ يارقىن تارىخى ۋە بەدىئى چىنلىق تۇيغۇسى،مۇرەككەپ ھىس تۇيغۇلارغا باي ئىنچىكە تەسۋېرلىرى يىقىملىق بەدىئىي ئۇسلۇبى ، راۋان ، مەنىلىك تىل سەنئىتى بىلەن بىر پۈتۈن دەۋرنىڭ تارىخى ئوبرازىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك سىزىپ بەرگەن.
تېپىلمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ،سېتىپ قويۇڭلار دەپ ئەكىلىدىغانلار چىقىپ قىلىشى مومكىن!
بۇ قانچىنچى بېسىلىشى؟ نەچچە پۇل؟
بۇ كىتاب 2010-يىلىدىكى بېسىلىشى،،،ھازىر 20% ئېتىبار قىلىۋاتىمىز! 10- فېۋرالغىچە!
4:49 چ ب
سوراپ باقسام مۇشۇ كىتاپنىڭ تۇنجى نۇسقىسىنى تاپقىلى بولارمۇ ؟ بولسا بىكەتلىرىمىزنى ئۇلىنىش قىلىشىۋالايلى