مۇكاپاتلىق كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى

0 comments

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ياخشىمۇ سىز!

ھەقسىز كىتاپقا ئىگە بولۇشنى خالامسىز؟

كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقامسىز؟

كىتاپنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن ئانچە-مۇنچە كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى يېزىپ قۇيامسىز؟

ئەمسە نىمىگە قاراپ تۇرىسىز، دەھال ھەرىكەتكە كېلىپ ،«ئوغۇز كىتاپخانىسى » ئۇيۇشتۇرغان «مۇكاپاتلىق كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى »پائالىيىتىگە ئاكىتىپلىق بىلەن قاتنىشىڭ،ھەر بىر خاتىرىڭىزگە بىر كىتاپ مۇكاپات بېرىلىدۇ.ئەلىېۋەتتە يازغان خاتىرىڭىز سۇپەتلىك بولشى،ئۇزىڭىز يازغان بولىشى كىرەك(گېزىت ژورنال ۋە باشقا تور بەتلەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن بولسا بولمايدۇ).

بۇ پائالىيەتتە ئوقۇلىدىغان كىتاپلار ۋە يېزىلىدىغان ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر

1. بۇ  پائالىيەتتە ئوقۇلىدىغان كىتاپلار چوقۇم قانۇنلىق نەشىرىيات ئورگانلىرى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇشى كېرەك. مەزمۇن جەھەتتىن ئىلمىي ۋە ئەمەلىي مەنبەلەرگە تايانغان، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى، ئىلىم-مەرىپەت، پەرزەنت تەربىيىسى، دىن، ئەدەپ-ئەخلاق، پەن-تېخنىكا ۋە ئىنسانىي تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلار، تارىخى رومانلار، بالىلار ئۈچۈن ئىلمىي فانتازىيىلىك رومان ياكى ھېكايىلەر توپلىمى، چۆچەك-مەسەللەر ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

2. مەزمۇن جەھەتتىن ساغلام بولمىغان چېكىدىن ئاشۇرىۋىتىلگەن، بىتەرەپ بولمىغان، پائالىيىتىمىزنىڭ ساغلام ئېلىپ بېرىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغان ھەرخىل مەزمۇندىكى ھەرقانداق كىتاپ ياكى ئەسەرلەر بىردەك رەت قىلىنىدۇ.پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالىغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر بۇ پائالىيەتكە قاتنىشالايدۇ، ياش چەكلىمىسى ۋە جىنىس ئايرىمىسى يوق.

3. سىز ئوقۇماقچى بولغان ياكى ئوقۇغان كىتاپ قايسى تىلدا بولسا بولىۋىرىدۇ، ئەمما يازىدىغان ئەسىرىڭىز چوقۇم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى يېزىقىدا يېزىلغان بولۇشى شەرت. ئەگەر يازغان ئەسىرىڭىز لاتىن ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان بولسا ئۇنى ئۇيغۇرچە تەھرىرلەش قورالى (Uyghur Edit) ياكى يۇلغۇن تەھرىرلەش قورالى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىملالىرىنى تۈزۈتۈپ يوللىغايسىز. ئىملا خاتالىقى ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىملانىڭ توغرا بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز.

4. سىز بۇرۇن ئوقۇغان ۋە مەزمۇن جەھەتتىن كۆپچىلىككە پايدىلىق دەپ قارىغان كىتاپ توغرىلىق يازسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ.

5. كىتاپ ئوقۇش خاتىرىڭىز سىزنىڭ بىر ئىلمىي ئەسىرىڭىزدۇر، بۇ سەۋەپتىن، كىتاپتىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن سۆز، جۈملە ياكى ئابزاسلارنى چوقۇم ئۇ كىتابنىڭ قايسى بېتىدىن ئالغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىڭ. ئەگەر ئەسىرىڭىزدە باشقا كىتاپلاردىن ئېلىنغان نەقىللەر بولسا، ئېلىنغان نەقىلدىن كېيىن ئاپتۇر، ئەسەر نەشىر قىلىنغان يىل ۋە بەت نومىرىنى يېزىش بىلەن بىرگە، ئەسەرنىڭ ئاخىرىسدا چوقۇم پايدىلىنىلغان ئەسەرلەر مەنبەسى كۆرسىتىلىشى كېرەك.(بۇ مەزمون مەرىپەت تورىدىن كۆچۈرۈلدى)

يېزىلغان كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسىنى doc ياكى pdf ھۆججەت شەكلىدە توۋەندىكى ئېلخەت ئادىرسىغا ئەۋەتىڭ ھەمدە بۇ يازمىغا ئىنكاس شەكلىدە ئېلخەت .ئادىرسىڭىزنى قالدۇرۇڭ….

oghuz.kitap@gmail.com

ئەمدى مۇكاپاتىمىزغا  كەلسەك….

كىتاپ ئىسمى«مەن كەچكەن كېچىكلەر»(2010-يىلى يېڭى بىسىلغان كىتاپ)

ئاپتورى:سۇپاخۇن  سۈۋۈرۇف

،باھاسى 38.00¥

?p=304

Posted by ئوغۇز   @   31 دېكابىر 2010 0 comments

0 Comments

يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

Hex Wind designed by smslåntopplista.se