ئاپتور:مۇھەممەد ئەھمەد چوپانى
نەشرىياتتىنمۇھەممەد ئەھمەد چوپانى1962 -يىلى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ چوپان يېزىسى شەيخلا كەنتىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان،1979-يىلى يېزىلىق تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇتقۇچى بولۇپ،1999-يىلىغىچە باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان،1999-يىلىدىن ھازىرغىچە قاغىلىق ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشتە ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ 1984-يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ»ناملىق تۇنجى ھېكايىسى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن .شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 200پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى،40 پارچە ھېكايىسى ئېلان قىلىنغان.«ساماۋى قەلئە»،«ئاخىرقى تەبەسسۇم» ناملىق پوۋېست- ھېكايىلەر توپلاملىرى،«ياغاچ مېدال» ناملىق تارىخى رومانى نەشر قىلىنغان.ئاپتورنىڭ »سەمەندەر«.ناملىق بۇ تارىخى رومانىدا1946 -1945 زەرەپشان،خالاستان بۇيلىرىدىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارىشى ئىنقىلابىي كۈرەشلەر ئىخچام، تەسىرلىك بايان قىلىنغان بولۇپ ،پېرسوناژلارنىڭ روھىي دۇنياسى،ئىدىيىۋى ھېسسىياتى گۈزەل تىللار ئارقىلىق ناھايىتى چىن ۋە ئىنچىكە تەسۋېرلەنگەن.روماننىڭ ۋەقەلىك تۇقۇنۇشى ئۆتكۈر،پېرسوناژلارنىڭ ھىس-تۇيغۇ زىددىيىتى ئىنتايىن كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھاياتلىق،مۇھەببەت،نىكاھ،ھۆرلۈك-ئازادلىق،دوستلۇق ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى پەلسەپىۋى پىكىرلەر ئارقىلىق بىر قەدەر مۇكەممەل شەرھلەنگەن.روماننىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى،تىل-ئىپادىسى،جۈملە قۇرۇلمىسى،ئىپادىلەش ئۇسلۇبى تۇلىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ،ھېس-تۇيغۇ ئوقچۇپ تۇرىدۇ. ئىككىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان بۇ تۇنجى لىرىك رومان سىزگە چوڭقۇر بەدىئىي زوق بېغىشلاپلا قالماستىن،روماندىكى پېرسوناژلارنىڭ قەيسەرانە كۈرەش روھى سىزدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدۇ.
taobao دۇكاندىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى بىۋاستە تېلفۇن قىلىڭ!تور دۇكىنىمىز http://kitab.taobao.com
تېلفۇن:13325588911
6:40 چ ك
بۇ كىتاپنى قانداق ئۇسۇلدا سېتىۋالىمەن؟