تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت

سەھپە: كىتاپلار باھا:0

تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت

ئاپتورى:جېين ئاۋستېن

باھاسى:50.00

2010-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى

2010-يىلى 12-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

ISBN:9787228140008

كىرىش سۆز

جېين ئاۋستېن (1817-1775) ئەنگىلىيەنىڭ 19-ئەسىردىكى رېئالىستىك يازغۇچىسى . ئۇ تۆت يىل ئىچىدە تۇنجى ئەسىرى «ئىدراك ۋە ھېسسىيات» ناملىق روماننى يازغان . يىگىرمە بىر يېشىدا «تەپەككۇرلۇق ۋە ئاداۋەت» ناملىق رومانىنى روياپقا چىقارغان . ئۇنىڭ «ماسفرىد قورۇقى» «ئېما»قاتارلىق رومانلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن نەشر قىلىنغان . ئاۋستېن ئۆمۈر بويى توي قىلمىغان ، 1817-يىلى قىرىق ئىككى يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .

«تەپەككۇرلۇق ۋە ئاداۋەت» رومانىدا مۇنداق ۋەقەلىك بايان قىلىنغان : بېننېت ئەپەندىنىڭ تېخى بېشى باغلانمىغان بەش قىزى بار ، بۇ بەش قىزغا كۆڭۈلدىكىدەك لايىق تېپىش بېننېت خانىمنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى بولۇپ قالىدۇ … بىنگلى بىلەن ئۇنىڭ يېقىن ئاغىنىسى دارسېينىڭ بۇ يېزىغا كېلىشى تىنچ ئۆتۈۋاتقان بېننېت ئائىلىسىنىڭ كۆڭۈل ئارامىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ . قىزى بار ئائىلىلەرنىڭ بۇ يىگىتلەر بىلەن تونۇشۇپ قېلىشقا ئالدىرىشىپ يۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان بېننېت خانىم ئېرىنى بىنگلى ئەپەندىنى يوقلاپ كېلىشكە ئالدىرىتىدۇ .

«بىرەر ئىشقا نىيەت باغلىساڭ ، خۇدامۇ نىيىتىڭنى يەردە قويمايدۇ » دېگەندەك ، شۇ چاغدا ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا تانسىدا بېننېت ئەپەندىنىڭ چوڭ قىزى گېئىن خانقىز بىنگلى ئەپەندىنىڭ قەدىرلىشىگە نائىل بولىدۇ … كاتتا باي ، قەددى – قامىتى كېلىشكەن دارسېيغا بىر مۇنچە قىزلار زوق بىلەن كۆز تىكىشىدۇ . لېكىن ، تەكەببۇر بۇ يىگىت قىزلارنى تانسىغا تارتمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، گېئىننىڭ سىڭلىسى ئېلزابېت دارسېينىڭ ئۆزى توغرۇلۇق قىلغان بەزى يامان گەپلىرىنى تاسادىپىي ئاڭلاپ قالىدۇ – دە ، كۆڭلىدە بۇ تەكەببۇر يىگىتكە ئاداۋەت ساقلايدۇ . بىراق ، ئۇزاق ئۆتمەي ، ئېلىزابېتنىڭ ئاجايىپ جەلپكارلىقى دارسېينىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ . يەنە بىر قېتىملىق تانسىدا ئۇ ئېلزابېتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تانسىغا تارتىدۇ ، لېكىن ئېلزابېت ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ … دەل شۇ كۈنلەردە بېننېت ئەپەندىنىڭ شىرەم تۇغقىنى ، بۇ ئائىلىنىڭ مال – مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىش تەمەسىدە يۈرگەن پوپ كوللىنىس ئېلزابېتقا توي تەكلىپىنى قۇيىدۇ . ئەپسۇس ، ئېلزابېت ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىۋېتىدۇ . كۈنلەرنىڭ ئۈتۈشى بىلەن دارسېي ئېلزابېتنى چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ . ئەمما ئېلزابېت ياش ئوفىتسېر ۋىكخامنىڭ دارسېي توغرۇلۇق ئېيتقان غەيۋەت – شىكايەتلىرىگە ئىشىنىپ قالىدۇ .ۋە دارسېيغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ . كېيىن ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارىلىنىدۇ . بېننكېت ئائىلىسىنىڭ يېنىك مىجەزلىك كىچىك قىزى لىدىيە ۋىكخامنىڭ دامىغا چۈشۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن قېچىپ كېتىدۇ . بۇ چاغدا دارسېي ۋىكخامنىڭ قەرزلىرىنى تۆلەپ ، لىدىيە بىلەن ئىككىسىنىڭ تۇيىنى قىلىپ ، بېننېت ئائىلىسىنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى ساقلاپ قالىدۇ … بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان ئېلزابېتنىڭ دارسىيغا بولغان ھېسسىي قاراشلىرى سەمىمىي مۇھەببەتكە ئايلىنىدۇ ، ئاداۋىتىمۇ پۈتۈنلەي تۈگەيدۇ . ئاخىر بۇ بىر جۈپ ئاشىق – مەشۇقلار مۇرادىغا يېتىدۇ … بېننېت خانىم ئۈچ قىزىنى ياتلىق قىلىۋالغاچقا ئىككى قىزىغا ئەر چىقماي قىلىشىدىن غەم يېمەيدۇ ….

 

2011.05.13 ئاپتور: ئوغۇز
خەتكۈچ:
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se