قۇرئاندىكى قىسسەلەر
ئاپتورى:مۇھەممەد ئەھمەد زەئىد موللا (سۈرىيە)
باھاسى:32.00
2000-يىلى 7-ئاي 2- نەشرى
2010-يىلى 9-ئاي 6-بېسىلىشى
تىراژى: 25001-30000
مۇھەررىردىن
ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان» ئەرەب ئەدەبىياتى تارىخىدا كىتابلاشتۇرۇلغان تۇنجى يازما ئەسەر ھېسابلىنىدۇ . ئۇ تارىخ ، ئەدەبىيات ، ئۆرپ – ئادەت ، شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە دىنىي قائىدە قاتارلىق مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ؛ تىلى گۈزەل ، نەپىس ؛ ئوقۇلۇشى جاراڭلىق ، قاپىيىلىك ، تۈزۈلۈشىمۇ ئۆزگىچە .
«قۇرئان» دا جەمئىي بىر يۈز ئون تۆت پارە سۈرە بار . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، بۇ سۈرىلەر شۇ چاغدا خاتىرە يېزىشقا مەسئۇل بولغان خەلپە ئەبۇبەكرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەتلەپ چىقىلغان ، كېيىن يەنە ئۈچىنچى خەلپە ئوسمان تەرىپىدىن كۆچۈرۈپ كىتاب قىلىنىپ ھازىرغىچە تارقىتىلىپ كەلگەن .
«قۇرئان» دا ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش يوللىرىغا بولغان تونۇشلىرى ئىپادىلەنگەن ، مۇشرىكلارنى بويسۇندۇرۇش يولىدىكى جىھادنىڭ ئۆتمۈشى تەپسىلىي بايان قىلىنغان . قۇرئاندىكى قىسسىلەرنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق ، مەزمۇنى مول ،. ئۇ دىننى قەھەتتە قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن ، يەنە ئەدەبىيات ۋە تارىخ جەھەتتىمۇ قىممەتكە ئىگە . ئۇ زامان – زامانلاردىن بۇيان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيىسى ، تىلى ، قائىدە – يوسۇنى ۋە مەدەنىيەتكە تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى . تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئىچكى ۋە سىرتىدىكى ئەدىبلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئۈزلۈكسىز تۈردە ئوزۇق ئىلىپ كەلدى . پاكىتلار ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى ، قۇرئاندىكى قىسسەلەر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك مىراسلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، شۇ كەمگىچە ئۆزىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى قىممىتى ۋە كىشىنى مەپتۇن قىلارلىق سېھرىي كۈچىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
«قۇرئاندىكى قىسسەلەر» ناملىق بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى دەمەشق – بىيروت ئۈمەييە نەشرىياتىنىڭ 1973-يىلىدىكى نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان . بىز كىتابخانىلىرىمىزنىڭ ئىسلام ئەللىرىنىڭ جۈملىدىن ئەدەبىياتنىڭ تارىخىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلىتىش مەقسىتىدە ، بۇ كىتابنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ، 1986-يىلى «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرغانىدۇق . «قۇرئان» نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى كىتابخانىلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن ، مەزكۇر كىتاب تەرجىمان يولداش داۋۇت غازى تەرىپىدىن «قۇرئان» نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئاساسىدا بىر قۇر تەكشۈرۈلدى ، ئىسىم، ئاتالغۇ ، ۋە بەزى سۈرىلەر «قۇرئان» بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلدى . كىتابتىكى بەزى جۈملىلەرنىڭ ئېلىنىشى ۋە كەينىدىنلا كېڭەيتىپ بېرىلگەن چۈشەندۈرۈشلىرىگە قارىغاندا ، نۇرغۇن جايلار ئەسلىي كىتاب بولمىغاچقا ، بۇ جايلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلدۇق . شۇڭا ، بەزى سەۋەنلىك ھەتتا خاتالىقلارغىمۇ يول قويغان بولۇشىمىز مۇمكىن . بۇ تەرەپلىرىنى كىتابخانىلىرىمىزنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمىز
========================