لەۋدىن قەلبكە
رىشات نۇرى گۈنتېكىن (تۈركىيە)
باھاسى:13.50
1999-يىلى 1- ئاي 1-نەشرى
1991-يىلى 1-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-5000
ISBN:7228049616
قىسقىچە مەزمۇنى
تۈركىيە يازغۇچىسى رىشات نۇرى گۈنتېكىن ئۆزىنىڭ «چالقۇشى» ناملىق رومانى بىلەن كەڭ كىتابخانلارغا خېلىدىن بېرى تونۇشلۇق . ئەمدى كىتابخانلارغا ئۇنىڭ يەنە بىر ئەسىرى «لەۋدىن قەلبكە» رومانىنى سۇنماقچىمىز .
بۇ روماندا ، ئاپتور كەنان ئىسىملىك بىر يىگىتنىڭ قىسقا ، ئەمما مول مەزمۇنلۇق ھايات مۇساپىسىنىڭ ئەگرى – توقاي يوللىرىنى كۆز ئالدىڭىزدا يورۇتۇپ بېرىدۇ .
كەنان نامرات ئائىلىدە دۇنيا كېلىدۇ . ئۇ دادىسىنىڭ مۇزىكا تالانتىغا ۋارىسلىق قىلىپ ياشلىق دەۋرىدە داڭق قازىنىدۇ . بۇ چاغدا ، ئۇ قوشنىسىنىڭ جىيەن قىزى لامىيە بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ . ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى «بىر شېرىن ياز چۈشى» ، «لەۋلەرنىڭ ئويۇنى» دەپ بىلىپ ، بۇ مۇھەببەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمايدۇ – دە ، بىر پاشىنىڭ گۈزەل قىزىغا ئۆيلىنىدۇ . ئەنە شۇ چاغدىلا ، ئۇ ئۆزىنىڭ لامىيەنى نەقەدەر سۆيىدىغانلىقىنى ، لامىيەگە بولغان مېھرىنىڭ لەۋلەردىن قەلبكە كۆچكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ . ئەمما ، ئۇ بۇ چاغدا كېچىككەن بولۇپ ، ئاشۇ سەۋدا ، ئاشۇ ئىشتىياق تۈپەيلى ھەسرەت ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ .