جۇڭگودىكى تۈركىي تىللار
ئاپتورى:نەسۇرۇللا يولبولدى مۇھەببەت قاسىم
باھاسى:1.50
1987-يىلى 12-ئاي 1نەشرى
1987-يىلى 12-ئاي 1-بېسىلىشى
ISBN:7563100032
تۈزگۈچىدىن
«جۇڭگودىكى تۈركىي تىللار» دېگەن بۇ كىتاب شىنجاڭ داشۆ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاپ ئوقۇش دەرسلىكى ئۈچۈن تۈزۈلگەن . مەملىكىتىمىزدە تۈركى تىللار ئائىلىسىگە كىرىدىغان تىللار جەمئىي سەككىز بولۇپ ، ئۇلار: ئۇيغۇر تىلى ، قازاق تىلى ، قىرغىز تىلى ، سالار تىلى ، غەربىي يۇرت سېرىق ئۇيغۇر تىلى ، ئۆزبېك تىلى ، تاتار تىلى ۋە توۋا تىلىدىن ئىبارەت بۇنىڭ ئىچىدىكى سالار تىلى بىلەن سېرىق ئۇيغۇر تىلى پەقەت مەملىكىتىمىزگىلا مەنسۇپ . چۈنكى سالارلار بىلەن سېرىق ئۇيغۇرلار پەقەت مەملىكىتىمىز دائىرىسىدىلا ياشايدىغان مىللەت . مەملىكىتىمىزدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . كىتاب «ئالتاي تىلشۇناسلىقى» ، «تۈركىي تىلشۇناسلىقى» ۋە مەملىكىتىمىزدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان سەككىز مىللەتنىڭ تىلى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ . كىتابنى تېخىمۇ تولۇقلاشنى ۋە بۇ كىتابنىڭ تۈركىي تىللار تەتقىقاتىدا پايدىلىنىدىغان ماتېرىياللارنىڭ بىرى بولۇپ قىلىشىنى مەقسەت قىلىپ كەڭ كىتابخانلارغا سۇندۇق . ئوقۇغۇچى ، ئوقۇتقۇچى ھەم تىلچى يولداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر بېرىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.