ئىدىقۇت يۇلتۇزى

سەھپە: كىتاپلار باھا:0

ئاپتور: پەرھات جىلان

باھاسى:35.00

قىسقىچە مەزمونى

روماندا ئىدىقۇت خانىنىڭ چىڭگىزخان بىلەن قۇدىلىشىپ بىرلەشكەنلىكى ئاقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ھالدا ئەينى دەۋىردىكى زور تارىخى ۋەقەلەر كۆرۈنۈش قىلىنىدۇ.

ئىدىقۇت خەلقى قاراقىتان خانلىقىنىڭ ھۈكۈمرانلىقى چۈشۈپ قالغانىدى . توختامىش ئىسىملىك بىر يىگىت قىتانلاردىن قىچىپ ئالتايغا بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە نايمان ئوردىسىدا خىزمەت قىلىدىغان تاتا تۇڭا بىلەن تونۇشىدۇ . چىڭگىز خان ئالتايغا ھۇجۇم قىلىپ ، نايمان خانلىقىنى مەغلوپ قىلغاندا، تاتا تۇڭغا  مۇڭغۇللارنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالىدۇ. تاتا تۇڭغا ئۇنىڭغا كاتىپ بولىدۇ ھەمدە موڭغۇللارغا يېزىق ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقۇچى بولىدۇ.

چىڭگىزخاننىڭ ئالەمشۇمۇل يۈرۈشلىرى باشلىنىپ كىتىدۇ.ئىدىقۇت خانمۇ قۇشۇن تارتىپ چىڭگىزخانغا قوشۇلىدۇ .مۇڭغۇل-ئۇيغۇر قۇشۇنلىرى قاراخانىيلار زىمىنلىرىدىن قىتانلار بىلەن نايمانلارنى قوغلاپ چىقىرىدۇ، ئاندىن ئوتتورا ئاسىيادىكى خارەزم دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ . بىر بۆلۈك موڭغۇل -تاتار قۇشۇنلىرى قىپچاقلار ۋە رۇسلارنىڭ يەلىرىنى بويسوندۇرىدۇ .توختامىشمۇ  ئىدىقۇت قۇشۇنىنىڭ  تەركىبىدە نۇرغۇن يۈرۈشلەرگە قاتنىشىدۇ .بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ جئۇدالىقتىكى سۆيگۈ تۈركەنئاينى يولا ئىزدەپ زادىلا تاپالمايدۇ .

روماننىڭ ئاخىرىدا ياشانغان توختامىش ئوغلى ئىلتەرىشنى ئۆيلەش ئۈچۈن موڭغۇل-تاتارلار ئىگدارچىلىق قىلىۋاتقان ۋۇلگا دەرياسى بويىدىكى سارايچىلىق شەھىرىگە كىلىدۇ ۋە  ياشلىق دەۋردىكى سۆيگۈنى تۈركەنئاي بىلەن كۆرۈنىدۇ.ئويلىمىغان يەردىن توختامىشنىڭ كىلىنى ئاشۇ تۈركەنئاينىڭ قىزى بۇلۇپ چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ ،بۇرۇنقى ئاشىق-مەشۇقلار نۇرغۇنلىغان  ئەگرى-توقاي سەرگۈزەشتلەردىن كىيىن قۇدا بولۇپ قالىدۇ.

2011.01.9 ئاپتور: ئافشار
خەتكۈچ: ، ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se