ئويغانغان زېمىن

سەھپە: كىتاپلار باھا:0

ئويغانغان زېمىن

يازغۇچى،شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ 3قىسىملىق تارىخى رومانى «ئويغانغان زېمىن»،ئۇنىڭ «ئىز» ناملىق رومانىنىڭ داۋامى بۇلۇپ، ئۇ 30-يىللاردىن 40-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان مۇرەككەپ تارىخى شارائىتتا شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ مۇستەبىت مىللىتارستلار زۇلمىغا قارىشى تەڭلىك،ئەركىنلىك ۋە دېموكىراتىيە ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىنقىلابىي كۆرەشلىرىگە بېغىشلىغان.

قۇلىڭىزدىكى بۇ كىتاپ، ئۇنىڭ 1-قىسىمى بۇلۇپ ، ئۇنىڭدا، ئاساسەن،1931-يىلىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ،ئۇنىڭ تەسىرى ۋە قوزغىلاڭدا مۇھىم رول ئوينىغان بىر مۇنچە تارىخى شەخىسلەرنىڭ بەدىئىي ئوبرازى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

تارىخى ۋەقەلەر تېما قىلىنغان رومانلاردا شۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن دەۋرنىڭ ماددى ھاياتى بىلەن بىر قاتاردا مەنىۋى قىياپىتىنىمۇ ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈش زۆرۆر بولغانلىقتىن ،شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ، ئۆرپ ئادەت،دۇنيا قاراش ، پىكىر-ئىدىيە،ئېتقاد ۋە سۆزلەش ئۇسۇللىرىنىمۇ چىنلىق بىلەن سۈرەتلەپ بېرىش تەقەززا قىلىنىدۇ. «ئويغانغان زېمىن»گە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان تارىخىي دەۋردە شىنجاڭدىكى بەزى يەرلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ناملىرى بۈگۈنكىدىن باشقىچە ئاتىلاتتى. مەسلەن، ھازىرقى جەنوبى شىنجاڭ رايونى«ئالتىشەھەر»دەپ ئاتالسا، خەنزۇلارنى«خىتاي»،خۇيزۇلارنى «تۇنگان»،ئۇيغۇرلارنى «چەنتو»،مۇڭغۇللارنى «قالماق» دەپ ئاتاش ئادەت ئىدى.بىر قىسىم كىشىلەر ئارىسىدا، ئىسلام دىنىدا بولمىغانلارنى «كاپىر» دەپ ئاتاشمۇ بار ئىدى. بۇ روماندا ئەنە شۇ ئەھۋاللارنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈشكە توغرا كەلگەن ، جۈملىدىن ، بەزى سەلبىي ئوبرازلارنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان خاتا كۆزقاراش ۋە پىكىر مولاھىزىلىرىمۇ تارىخى نۇقتىدىن ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

2010.12.18 ئاپتور: ئوغۇز
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se