مەزى بېزى ياللۇغى ھەققىدە (ئۇيغۇر تېبابىتى)
ۋاقتى: 2016-08-07
ئاۋاتلىقى: 1308 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
مەزى بىزى ياللۈغى نۈۋەتتە ئەڭ كۈپ ئۈچىراۋاتقان، داۋالاپ ساقايتىش بىر قەدەر قىيىن بۈلغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۈش، ئائىلە ۋە خىزمەت ئىشلىرىغا ناھايىتى چۈڭ تەسىر كۈرسىتىۋاتقان كېسەللىك بولۇپ تىبابىتىمىزدە ئۈزۈندىن بىرى ئايرىم سۈزلىنىپ كىلىۋاتقان قانلىق مەنىي كېلىش، سۈرئىتى ئىنزال، كۈپ ئىھتىلام بۈلۈش، جىنسى ئاجىزلىق، پەرزەنت كۈرەلمەسلىك قاتارلىق كېسەللىكلەر مەزى بېزى ياللۈغىنىڭ ھەر قايسى خىلىتلار تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بىر خىل كېسەللىكنىڭ ئۈخشىمىغان باسقۈچتىكى ئاقىۋىتىدىن ئىبارەت. بۈ كېسەللىكنىڭ تۈپ يىلتىزى بۈلغان مەزى بېزى ياللۇغىنى ئۈزۈل-كېسىل ساقايتقاندا يۇقىرىقى كېسەللىكلەرمۈ ئۈزلىگىدىن ساقىيىپ كېتىدۈ.
جىنسىيەت ئىلمىنىڭ ئۈيغۈر تېبابىتىمىزدىكى تارىخى ناھايىتى ئۈزۈن بۈلۈپ مەيلى قەدىمقىدە بولسۇن مەيلى ھازىر بولسۇن تېبابىتىمىزنىڭ بۈ ساھەدىكى تەسىرى ئەڭ چۈڭ. قارايدىغان بۈلساق دورىلىرىمىز ئىچىدىمۇ ئەر جىنسىي كېسەللىكلىرگە ئىشلىتىلىدىغان دورلىرىمىز ئەڭ كۆپ كىتابلىرىمىزدىمۇ بۇ جەھەتتىكى مەز مۇنلار ئەڭ كۆپ شۇڭا خەلق ئارىسىدا تىۋىپلارنى بىر مەزگىل مەخسۇس جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالايدىغان ئادەملەر، ئېغىزدىن جىنسىيەتتىن باشقا گەپ چىقمايدىغان ئادەملەر دەپ قاراپ كەلگەن ھەمدە يېقىنقى 50 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تىۋىپلارنى بۇرجازىيە خەلقنى ئەخلاقسىز يولغا باشلايدىغان كىشىلەر دەپ پىپەن قىلغان.
بۈنىڭدىن كۈرۈشكە بولىدۇكى ئۈيغۈر تېبابىتى جىنسىي كېسەللىكلەرنى ئەڭ بالدۈر تەتقىق قىلىشقا كىرىشكە ن ۋە بۈ جەھەتتە ئەڭ كۈپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان تېبابەت دېيىشكە بۈلىدۈ. يېقىنقى زامان تېببى پەن ئالىملىرىنى ۋە پىسخۈلۈگلار ئەمىلىيىتتىن كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئۈلچىمىنى جىنسىيەت ساغلاملىقى بىلەن ئۈلچەش كېرەك دېگەن تەشەببۈسنى ئۈتتۈرغا قۈيدى.
ھازىر بۈ قاراش پۈتۈن دۈنيا ئېتىراپ قىلغان قاراشقا ئايلاندى. شۈڭا تېبابىتىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللار بۈرۈن ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ھازىرقى زامان تېببى پەن ئەمەلىيىتىدىن چۈشۈنۈپ تېبابىتىمىزنىڭ كۈچىنى يەنى بىر قېتىم تۈنىدى. ئەرلەر جىنسى كېسەللىكلەر ئىچىدە مەزى بىزى ياللۈغى ناھايىتى مۈھىم ئۈرۈننى تۈتىدىغان، جەمئىئەتتە ئەڭ كۈپ ئۈچىرايدىغان كېسەللىك. بىر قىسىم دۈختۈرلارنىڭ مەزكۈر كېسەللىك تۈغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ئېنىق بۈلمىسىمۈ بىمارلارنى قايمۈقتۈرۈپ نۈرغۈن كىشىلەرنى ئالدىماقتا.