بۇرۇن ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى (بۇرۇن ياللۇغى ئەمدى سىزنى ئاۋارە قىلالمايدۇ)
ۋاقتى: 2016-08-05
ئاۋاتلىقى: 4130 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بۇرۇن ياللۇغى بۇرۇن بولۇشلۇقىدىكى شىلىمشىق پەردە ۋە شىلىمشىق پەردە ئاستىدىكى توقۇلمىلاردا ياللۇغلىنىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى قان تولۇش ياكى سۇلۇق ئىششىقتىن ئىبارت. ياللۇغلانغۇچىدا ئاساسلىق بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، بۇرۇن چىقىشىش، بوغۇز بىئارامسىزلىنىش، يۆتەل قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
بۇرۇن ياللۇغى ئاساسلىقى: جىددىي (ئۆتكۈر) خاراكتېرلىقبۇرۇن ياللۇغى، ئاستا (سوزۇلما) خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى (ئاستا خاراكتېرلىق ئاددىي بۇرۇن ياللۇغى، ئاستا خاراكتېرلىق سېمىزسىمان بۇرۇن ياللۇغى، ئاستا خاراكتېرلىق قورغاقسىمان بۇرۇن ياللۇغى)، سېزىمچان بۇرۇن ياللۇغى (پەسىل خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى، دائىمىيلىق بۇرۇن ياللۇغى)، قورغاقسىمان بۇرۇن ياللۇغى، يىگىلەش خاراكتېرىدىكى بۇرۇن ياللۇغى، پىشلاق (ئېرىمچىك)سىمان بۇرۇن ياللۇغى، دورا خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى، قان تومۇر ھەرىكەتچان بۇرۇن ياللۇغى، كىسلاتا خۇمار ھۈجەيرە كۆپىيىپ كېتىش خاراكتېرىدىكى غەيرىي نورمالسىز ئىنكاسلىق بۇرۇن ياللۇغى، كۈچلۈك ئىنكاسلىق بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. شۇڭا ئاۋۋال دوختۇرخانىغا بېرىپ ئېنىق دىئاگنۇز قويۇلغاندىن كېيىن، ئاندىن داۋالاش ياكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك.
1. كېلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى: كېلىمات ئۆزگىرىشى نىسبەتەن چوڭ بولغاندا، مەيلى سالقىن، مەيلى ئىسسىق، مەيلى سوغۇق بولسۇن، ھەممىسى ئاسانلا بۇرۇن شىلىمشىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، بۇرۇن ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
2. مۇھىت ئامىلى: ھاۋادىكى زەھەرلىك ماددىلار بىۋاسىتە بۇرۇن بوشلۇقىدىكى شىلىمشىق پەردىنى غىدىقلاپ بۇرۇن ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
3. بۇرۇن ئەتراپىدىكى ئاستا خاراكتېرلىق ياللۇغ كېسەللىكلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك غىدىقلىشى ياكى غەيرىيلىك پەيدا قىلىشى سەۋەبلىك، بۇرۇندا ھاۋا ئۆتۈشۈش توسقۇنلۇقى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: ئاستا خاراكتېرلىق بۇرۇن كاۋاكلىرى ياللۇغى، بۇرۇن ئوتتۇرا پەردىسىنىڭ ئەگرىلىنىشى، بەزسىمان تەنچە يوغىناپ قېلىش قاتارلىقلار. بادامسىمان بەز ياللۇغى، كاناي ياللۇغى، بەزسىمان تەنچە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشىدن بولغان ياللۇغلار بۇرۇنغا تارقاپ بۇرۇن بوشلۇقىدا ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ.
4. قالايمىقان دورا ئىشلىتىش: مەسىلەن ئۇزاق مۇددەت بۇرۇن تېمىتمىسى (滴鼻净) ئىشلىتىش ياكى بېسىم چۈشۈرۈش دورىلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دورا خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
5. پۈتۈن بەدەن ئامىلى: نۇرغۇن پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىق كېسەللىكلەر مەسىلەن: قان ئازلىق، دىئابېت كېسىلى، شامالدارىش، سىل (تۇبېركۇليوز) كېسىلى، يۈرەك-جىگەر-بۆرەك كېسەللىكى ۋە ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىنىڭ ھەممىسى بەدەن مىخانىزىمىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، بۇرۇن شىلىمشىق پەردىسىدىكى قان ئايلىنىش توسقۇنلۇقىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق بۇرۇن ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. جىددىي خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى تەكرار قوزغىلىش ياكى داۋالاش ئۈزۈل-كېسىل بولماسلىق سەۋەبتىن ئاستا خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.
*****************
ئۇچۇر:
ئەگەر سىزدە (1) بۇرۇن ياللۇغى؛ (2) ئۆتكۈر (جىددىي) خاراكتېرلىق؛ (3) سوزۇلما خاراكتېرلىق يۇتقۇنچاق ياللۇغى؛ (4) يىگىلەش خاراكتېرلىق يۇتقۇنچاق ياللۇغى؛ (5) كاناي ياللۇغى؛ (6) كاناي شاخچە ياللۇغى؛ (7) كاناي شاخچە مەنبەلىك زىققا؛ (8) ئۆپكە ياللۇغى؛ (9) ئۆپكە گازلىق ئىششىقى؛ (10) ئۆپكە كىرىمنىي تۇزانلىرى ئولتۇرۇشۇش؛ (11) يۇقىرى نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىش؛ (12) قىزىتما؛ (13) گال ئىششىپ ئاغرىش؛ (14) يۆتەل؛ (15) بەلغەم كۆپىيىش؛ (16) دەم سىقىلىش؛ (17) ئىچى تىتىلداش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسا سىزگە ئۈنۈمى ياخشى، ئالاھىدە مەنپەئەتلىك، ئەكىس تەسىرى بولمىغان «ئۆپكە تازىلاش گۆھىرى»نى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 6045310-0991
ئۈندىدار نومۇرى: saklik01
ياكى ئىككىلىك كودى:
قاچىلىنىشى: 40 كاپسۇل \ قاپ
باھاسى: 76 يۈەن \ قاپ
مەھسۇلات رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك: