-
بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2011-07-29
ئېنگلىز تىلىدا بىرنى «one» دەپ، فرانسوز تىلىدا «un» دەپ، ئىسپان تىلىدا «uno» دەپ، نېمىس تىلىدا «ein» دەپ، لاتىن تىلىدا «unus» دەپ، گىرىك تىلىدا «monas» دەپ ئاتايدۇ. مۇشۇ سۆزلەر بىر «n» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئەسلىدە بىر سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنى بايقاش مۇمكىن، لېكىن بۇ سۆزنىڭ قانداق سۆز ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس.بۇ سۆز قانداق كېلىپ قالغان، ئۇ باشقا تىللاردا قانداق قوللىنىلىدۇ دېگەنلەرنى ھازىرچە قويۇپ تۇرۇپ، ئېنگلىز تىلىدىكى «one» نى پىششىق بىلىۋالساقلا بولىدۇ.بىگىز بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماقنى چىقىرىپ، بۇنى ئىككى دەيمىز. بىگىز بارماق، ئوتتۇرا بارماق ۋە نامسىز بارماقنى چىقىرىپ ئۇنى ئۈچ دەيمىز، ئاندىن تۆت، بەش، ئالتە، يەتتە، سەككىز، توققۇز، ئونلارنىمۇ ئاتىيالايمىز. -
ئىسىملارنىڭ سانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىت - [ماتېماتىكا تارىخى]
2011-07-29
ئەڭ قەدىمقى دەۋىرلەردىن بېرى ،سانلار پەقەت ھىساپلاش ئېيتىياجى ئۈچۈنلا قوللىنىلمىغان،بەلكى ئىسىملارنى ئىپادە قىلىش رولىنىمۇ ئوينىغان.يۇنانلىق پەيلاسوپ ۋە ماتىماتىك پىفاگور ھەرقانداق نەرسىنى سانلارنىڭ ئاھاڭى بىلەن ئېنىقلايتتى .قەدىمقى جۇڭگولۇقلار سانلارغا مەنىلەرنى بەرگەنىدى.بىرەر ئىشقا دۇچ كەلسە ،ئۇنى سانلارنىڭ مەنىسىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق تەتقىق قىلىشقا ئۇرۇناتتى.سانلارنىڭ مەنبەسى ساناقسىزدۇر،ئۇنىڭ مەنىسى ۋە تەبىرىمۇ شۇنداق.مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىسىملارنىڭ بىر ئۇچى باتىل ئېتىقاد،ئىشەنچىلەرگە،يەنە بىر ئۇچى ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ تەبىئەتنى چۈشۇنۇش ۋە ئۇنى بىلىش دەرىجىسىگە تايىنىدۇ.قەدىمقى مىسىردا ،بابىلوندا ،قەدىمقى يۇناندا ،ئىسلامدىن ئىلگىركى تۈرۈكلەردە ،ئەرەپلەردە سانلارنىڭ نۇرغۇن مەنىلەرگە ئىگە بولغانلىقى تەتقىقاتلار ئارقىلىق بىزگە ئايان بولماقتا.قەدىمقى مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ پازىللىرى ۋە پەيلاسوپلىرى سانلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى مەنىسىگە يېڭى-يېڭى مەنىلەرنى قوشقان.
-
ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە تۇغما قابىلىيەت كەتمەيدۇ - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2011-07-29
مۇخبىر: نۇرغۇن بالا ماتېماتىكىنى ياخشى كۆرمەيدۇ، سىزچە ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىشكە تۇغما قابىلىيەت كېتەمدۇ؟
سىتېۋارت: ماتېماتىكا ئىقتىدارى تىل ئىقتىدارىغا ئوخشاش ھەممە ئادەمدە بولىدۇ، ماتېماتىكلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك بولىدۇ . ماتېماتىكا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قوللىنىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئاتا – ئانىدا ماتېماتىكىنى قىيىن پەن دېگەن قاراش مەۋجۇت، ئۇلاردىكى بۇنداق قاراش پەرزەنتلىرىنىڭ ماتېماتىكىغا بولغان چۈشەنچىسىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە ياخشى ياشاپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمىز، خىزمەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمىز دەيدىكەنمىز، ماتېماتىكىنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىقىمىز لازىم.
ماتېماتىكىغا قىزىقمايدىغان بالىلارغا ماتېماتىكىنى زورلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆگەتمەستىن، ئامال بار پەرقلىق مائارىپ ئۇسۇلى ئارقىلىق خاسلاشتۇرۇش ئوقۇتۇشىنى قوللىنىش كېرەك. بالىلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، بەزىلىرى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ ئۆگىنىدۇ، بەزىلىرى مەشغۇلات جەريانىدا ئۆگىنىدۇ، يەنە بەزىلىرى رەسىم سىزىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا بالىلارنى بىرلا خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆگىنىشكە زورلىماسلىق كېرەك. ئەگەر پەرزەنتىڭىز مەشغۇلات جەريانىدا ئۆگىنىشكە ماھىر بولسا، ئۇنى كۆپرەك قول سېلىپ مەشغۇلات قىلغۇزۇڭ.
-
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئەخلاقىي تەربىيەنى دەرس مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2011-07-29
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىپ، ‹‹ماتېماتىكا قىيىن، ئۆگەنگىلى بولمايدىغان دەرس›› دەيدىغان قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇقۇملارنى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلالايدىغان دائىرىدە ئاسانلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچراتقانلىرى، قوللىنىۋاتقان، پايدىلىنىۋاتقان نەرسە – كېرەكلىرى(پۇل خەجلەش، نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىش) قاتارلىق ئەمەلىي تۇرمۇشقا يېقىن مىساللارنى ئېلىپ ماسلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكا دەرسىگە ئومۇميۈزلۈك يېتەكلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىمۇ ئۆزى سەزمىگەن ھالدا تەبىئىيلا ماتېماتىكىغا قىزىقىپ، ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ.
-
كۇۋادېرات قەغەزدىن مۇنتىزىم ئۇچبۇلۇڭ قاتلاش - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2011-07-28
تەييارلانغان كۇۋادېرات شەكىلدىكى قەغەزنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن قاتلىساق مۇنتىزىم ئۇچبۇلۇڭغا ئىرىشىمىز. سىز نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەلىدىڭىزمۇ؟
-
2011-يىللىق ئالى مەكتەپ ماتېماتىكا ئىمتىھان سۇئاللىرى ۋە ئۇنىڭ جاۋابى - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2011-07-28
تۆۋەندىكىسى 2011-يىلى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى ئېلىنغان مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ يېڭى دەرسلىك بويىچە ئىلىنغان ماتېماتىكا سۇئاللىرى ۋە ئۇنىڭ جاۋابى بولۇپ، بۇ يىل ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى. دىققەت: بەلكىم ياخشى نومۇر ئېلىپ خۇشاللىقىڭىزدىن سەكرەپ كېتەرسىز ۋە ياكى ياخشى نومۇر ئالالماي قالسىڭىز يېغلاپمۇ كېتەرسىز. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يەنە پۇرسەت بار. ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش سىزنىڭ ياشاشتىكى پەقەت بىردىنبىر مەقسىدىڭىز ئەمەس. ئەمىسە گېپىمنى قۇلىقىڭىزدا چىڭ تۇتقان بولسىڭىز، سالماقلىق بىلەن ئالدىرىماي تۇرۇپ، تۆۋەندىكى سۇئالنى ۋە جاۋابىنى كۆرۈڭ. يەنە دىققەت! بۇ يېڭى دەرسلىك ئۆلچىمى بويىچە ئېلىنغان ماتېماتىكا سۇئاللىرى ۋە ئۇنىڭ جاۋابى... بۇ يىل شىنجاڭ رايونىدا دەل يېڭى دەرسلىك بويىچە ئىمتىھان ئېلىنغاچقا مۇشۇ سۇئاللا يوللاندى. قالغان مەمىلىكەتلىك 2- يۈرۈش سۇئاللىرى ۋە باشقا ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەننىڭ سۇئاللىرى ۋە جاۋابىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
2011- يىللىق مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپ ئىمتىھان سۇئاللىرى يېڭى دەرسلىك تەبىئىي پەن سۇئاللىرى ۋە جاۋابلىرى
-
ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب [算经十书] - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]
2011-07-26
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى گوزىجيەن (ئەينى ۋاقىتتىكى مائارىپنى باشقۇرىدىغان ئورگان ۋە ئالىي بىلىم يۇرتى ) دە ماتېماتىكا دەرسخانىلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، «جۇپى ھېسابلاش دەستۇرى»، «توققۇز بابلىق ئارىفمېتىكا»، «سۈنزى ھېسابلاش دەستۇرى»، «ۋۇساۋ ھېسابلاش دەستۇرى»، «شياخۇياڭ ھېسابلاش دەستۇرى»، «جاڭ چيۇجيەن ھېسابلاش دەستۇرى»، «دېڭىز ئاراللىرى ھېسابلاش دەستۇرى»، «ۋۇجىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى»، «جۇيشۇ»، «جىگۇ ھېسابلاش دەستۇرى» دىن ئىبارەت ئون ھېساب كىتابىنى دەرسلىك قىلىش بەلگىلەنگەن. شۇڭا كېيىنكى ۋاقىتلاردا «ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب» دەپ ئاتالغان.
-
-
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى تېزلىتىشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دەپ قارايمەن.
1. ھېسابلاش قائىدىسىنى ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك
ھېسابلاش قائىدىسى بولسا ھېسابلاش ئىلىپ بېرىشتىكى ئاساس.ھېسابلاش قائىدىسىنى ياخشى ئىگىلىگەندىلا،ئوقۇغۇچىلار مەسىلىنى ئوقۇپ قائىدىنىڭ مەزمۇنىنى تېزلىكتە يادىغا ئىلىپ تىز سۈرئەتتە ھېسابالاش ئۇسۇلىنى تاللىيالايدۇ.شۇڭا ،ئوقۇغۇچىلار نىڭ ھېسابلاش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشتا ،ئالدى بىلەن چوقۇم ھېسابلاش قائىدىسىنى ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتۇش لازىم،ئوقۇغۇچىلار ھېسابلاش ئىلىپ بارغاندا ھېسابلاش نەتىجىسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى،ھېسابلاش ئۇسۇلىنى بىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ھېسابلاش قائىدىسىنى سۆزلىيەلەيدىغان بولىشى لازىم.
2. ھېسابلاش ئەسۋابلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك.
ھېسابلاش ئەسۋابلىرىدىن تولۇق پايدىلانغاندا ،ئوقۇغۇچىلار ھېسابلاش ئەسۋابلىرىنى بىۋاستە كۆزىتىپ،ئوبرازلىق ھالدا ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئۆگىنەلەيدۇ،ھېسابلاش قائىدىسىنى چۈشىنەلەيدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ئىلىپ بارغاندا ھېسابلاش ئەسۋابلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشى ،ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى ھېسابلاش ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىشقا تەشكىللىشى لازىم.
3. ئوخشاش بىر مەسىلىنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا يېشىشنى مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئوخشاش بىر مەسىلىنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا يەشكەندە ،ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىمىنى تولۇق ئىشلىتەلەيدۇ،، تەپەككۇرىنى قوزغىتالايدۇ،ھېسابلاش سۈرئىتى تىز بولغان ئۇسۇلنى تاپالايدۇ.ئوخشاش بىر مەسىلىنى كۆپخىل ئۇسۇلدا ئۇسۇلدا يېتەكلەشتە،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا «شەكىل ئۆزگەرتىش»،«پۈتۈنلەش»قاتارلىق ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇش كېرەك.
4.ئېغىزچە ھېسابلاش مەشىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
داۋامىنى تېمىنى چىكىپ كۆرۇڭ.
-
مۇنداقمۇ ھېسابلاش ئۇسۇلى بار - [ماتېماتىكىلىق فىلىملەر]
2011-07-26
-
مەن ماتېماتىكىنى ياخشى كۆرىمەن - [ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى]
2011-07-26
بۇ سۇرەت مايكىغا بىسىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. سۇرەتتە ماتېماتىكىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك ھەم مۇھىم بولغان يەكۇنلەر جەمئىلەنگەن، ھەمدە بۇ يەكۇنلەر بىر يۇرەك شەكلىدە ئىپادە قىلىنغان. سىز بۇ رەسىمنى تەپسىلى كۈزۈتۈپ ھۈزۇر ئىلىۋېلىڭ ، ئۇنىڭدا قانچە كىلاسسىك ماتېماتىكا تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى يەكۇنلەنگەنلىكىگە دېققەت قىلغايسىز...
راستىنلا ئىسىل تەپەككۇر ........ -
تەتۈر ۋاقىت ھېسابلاش كودى - [تور بىلىملىرى ۋە بلوگ كودلىرى]
2011-07-03
سىز بەلكىم تور يۈزىدە مەلۇم بايرام ياكى ئەھمىيەتلىك كۈنگە ھازىردىن ھېسابلىغاندا نەچچە كۈن، ياكى نەچچىلىك ۋاقىت قالغانلىقىنى ئاپتۇماتىك كۆرسىتىشكە ئامال قىلالماي يۈرەمسىز؟ بۇ كودنى سىناپ بېقىڭ، قوليازما تىلدا يېزىلغان كود بۇلۇپ مەن تەپسىلى چۈشەندۈرىشى بىلەن قالدۇراي لازىم بولسا ئىشلىتىڭ، ئۆگەنگىڭىز بولسا تەپسىلى دېققەت قىلىڭ!
[code]