XERHAN يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 02:34 PM
پەيغەمبەرنىڭ تاغىسىنىڭ ئىمان ئېيىتماي ئالەمدىن ئۆتك ...
مەن ھېچكىمنى مۇشرىك ياكى مۇسۇلمان سەپ ئايرىش توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلمايۋاتىمەن،شۇڭا سۆزۈمنىڭ ئالدىغا «ئەگەر»نى قوشۇپ سۆزلەۋاتىمەن.ئەمىلىيەتتە كىمنىڭ مۇسۇلمان،كىمنىڭ مۇشرىك ۋە ياكى كىمنىڭ كۇپار ئىكەنلىەىنى بىر ئاللاھ ئۆزى ئايرىيدۇ، ئىككىمىزنىڭ ئايرىغىنىمىز بىكار.جاھالىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقادلىرى توغرىسىدا ھەممىمىز ئازدۇر - كۆپتۇر بىر نىمە بىلىمىز.لېكىن پەيغەمبىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەجداتلىرى ۋە مىللىتىدىن تانمىغان،شۇڭا بىزنىڭمۇ ئەجداتلىرىمىزدىن تېنىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دىمەكچىمەن.
دىيىشكە مەجبۇر بولغان يەنە بىر نۇقتا، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياراتقان سەلتەنەتلىرى ۋە ئىنسايىيەت مەدەنىيىتى ھەم ھۆرلۈكى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ئالدىدا ھازىرقى ئەۋلاتلار (ھەر ئىككىلىمىز بۇنىڭ ئىچىدە) ئۇيالساق توغرا بولىدۇ، بىز ئىسلام يولىدا ماڭغان ئىكەنمىز،ئەسلىدە ئۇلاردىن ئېشىپ چۈشۈشىمىز كېرەك ئىدى.ئەمىلىيەتتىچۇ،بىدئەت ئىدىيىلەرنىڭ ئاسارىتىدە،ياكى تەرىقەت يولىغا،ياكى بولمىسا جاھاندارچىلىق كويىغا كىرىپ قالدۇق.
ئاخىرىدا قېتىلالمايدىغىنىم،دۇنيا تارىخىدا ئەڭ بۈيۈك سەلتەنەتلەرنى ياراتقان ئەجدادلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىش قىلماسلىق مەسىلىسىى قانداقمۇ تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ ھاجىتى مەسىلە بولسۇن؟
ئەشۇ ئالەمشۇمۇل سەلتەنەتلەرنى يارىتىپ،ئىنسانلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە غەيرەت-شىجائىتىنى نامايەن قىلغان ئەجدادلىرىمىزدىن ياراتقان ئىگىمىز بۇ دۇنيادا ئايىمىغان شاپائەتلىرىنى ئۇ دۇنيادىمۇ ئايىمىغاي،ئامىن..........