ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى 2013-12-21 01:10 PM
توغرا ئىكاس!
كاپىر دېگەنلىك دوۋزىقى دېگەنلىك ئەلۋەت ...
ئىنكاسلارنى ئوقۇپ كىلىۋىتىپ ئاخىردا سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدا توختىدىم ھەم ئازراق ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلاشقۇم كەلدى ، ئىنكاسىڭىزنى نەقىل قىلغىنىم بۇ يالغۇز سىزگىلا قارىتىلغان گەپ ئەمەس .
ئالدى بىلەن بۇ ئىنكاسىڭىزدا سورالغان سۇئالىڭىزنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ، نىمە ئۈچۈن دىسىڭىز - بۇ دۇنيادا ياشىغان بىرسىنىڭ دوۋزاققا تاشلىنىشىنى ئاللاھدىن باشقا ھىچبىر ئىنسان قىياس قىلالمايدۇ ھەم ھۆكۈم بىرەلمەيدۇ .
شۇڭلاشقا ئاۋۇ توردىشىمىز خاتا سۆزلەپ قالغان ھالەتتىمۇ بۇنداق چوقۇم جاۋاپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدىغان سۇئال شەكلىدىكى ئىنكاسىڭىزنى ئارتۇقچە كۆردىم ھەم جاۋاپ بىرىشمۇ ئارتۇقچە دەپ ئويلىدىم ، خالىسىڭىز ئاۋۇ توردىشىمىز بىلەن سۇئال جاۋاپ شەكلىدە ئەمەس بەلكى پىكىر ئالماشتۇرۇش شەكلىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارغايسىز ، بۇ ھەر ئىككىڭلارغا پايدىلىق .
ئۇندىن كىيىن ئالدىنقى بەتتىكى مۇنۇ ئىنكاسىڭىزغا دىققەت قىلدىم ، ئىنكاسىڭىزنىڭ مەزمۇنى :
ئەگەر سىز مۇسۇلمان بولمىغان ھەر قانداق كىشىدىن چەك چېگرا ئايرىيدىغان «ھەقىقى مۇسۇلمان»بولسىڭىز،ھازىردىن باشلاپ تورغا چىقماڭ،تېلېفون ئىشلەتمەڭ،زامانىۋىي قاتناش قوراللىرىغا چىقماڭ،تېلېىزورمۇ كۆرمەڭ،قىسقىسى غەيرى مۇسۇلمانلار ئىجاد قىلغان ھەر قانداق يېڭىلىقتىن بەھىر ئالماڭ.
سىزدەكلەرنىڭ قولىدىن مۇسۇلمانلارغىمۇ ياخشىلىق كەلمەيدۇ،سىلەر ئالدى بىلەن مۇسۇلمان،كاپىر دەپ ئايرىيسىلەر،ئاندىن مۇسۇلماننىڭ ئىچىدىن مەزھەپ ئايرىيسىلەر،بۇمۇ يەتمەي شەكلىي مۇسۇلمان ،مۆئمىن مۇسۇلمان دەپ ئايرىيسىلەر.كىمنىڭ ھەقىقى مۇسۇلمان ئىكەنلىگىنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىنسان بىلىشكە قادىر ئەمەسلىگىنى خىيالىڭلارغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايسىلەر.
ئىنسانلارنىڭ ئىپتىخارى بولغان ،ئەخلاق-پەزىلەتتە ئۈممەتلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاتا- ئانىسىمۇ مۇسۇلمان ئەمەستىغۇ،ئەجىبا بىز ئۇ زاتنىڭ ئاتا -ئانىسىدىن تانغانلىقى توغرىسىدا بىرەر ھەدىس ئاڭلاپ باقماپتۇقيا؟! ئەگەر مۇشرىك دەپ ئەجدادىنى تونۇمىغانلىق ئېسىل پەزىلەت بولغان بولسا،شۇ زات ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن بولاتتى .
ئەمدى ئويلىغىنىم : بۇ ئىنكاسىڭىزدا قانداقتۇر ئۆز ئىدىيڭىزنى باشقىلارغا تېڭىش مەۋجۇت ، ئەگەر سىز مۇسۇلمان زامانىۋى قاتناش قوراللىرىغا چىقمىسۇن ، تور - تېلىفۇن ئىشلەتمىسۇن دىسىڭىز بۇ يەردە يەنە ئىختىلاپ پەيدا بولۇپ قالىدۇ .
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى مەن بىلمەيدىكەن ،ئەمما بىر نوقتا ئايدىڭ بولسۇن - پەيغەمبىرىمىز ئاتا - ئانىسىنى مۈشرىك دەپ تانمىغانلىقتەك بىر خىل سەۋەپنى ئوتتۇرغا قويۇپ
چوقۇم بۇ جەھەتتە بىزگە ئۈلگە تىكلەپ بەرمىگەن دەپ ئويلاپ قالسىڭىز بولمايدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-21 02:13 PM