ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 11:13 AM
مەن دەۋاتقان قىل سىغماس ھەقىقەت پۈتۈن دۇنيا ئەھلىگە ...
پەيغەمبەرنىڭ تاغىسىنىڭ ئىمان ئېيىتماي ئالەمدىن ئۆتكىنى پەيغەمبەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئۇندىن بۇرۇنقى ئەجدادىنىڭ ئىمان ئېيىتمىغانلىقىغا پاكىت بولالامدۇ ؟
مەن تېخى پەيغەمبەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئەجدادىنى مۈشرىك ياكى مۇسۇلمان دىگەن گەپنى قىلمىدىم ، ھەم بۇنى ئالدىراپ دىگىلى بولىدىغان سۆز ( يەكۈن ) ئەمەس ، شۇڭا بۇ يەردە مىنى ئۇلارنىڭ مۈشرىكلىكىنى ئىتىراپ قىلدى دەپ قارىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
بىز پەيغەمبەرنىڭ ئاتا - ئانىسى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەجدادىنى مۈشرىك دىگەن ھۆكۈمنى بەرسەك ، ئەگەر ئۇلار مۈشرىك بولماي قالسا ئۇلارغا تۆھمەت قىلغان بولۇپ قېلىپ گۇناھكا شىرىك بولۇپ قېلىشىمىز مومكىن ، يالغۇز ئۇلارلا ئەمەس ئەتراپىمىزدىكى بىرەرسىنى مۈشرىك دىيىش ئارقىلىق ئۇ كىشى مۈشرىك بولماي قالسا يەنىلا گۇناھكا شىرىك بولۇپ قالىدىغان ئىش كىلىپ چىقىدۇ .
بىلىمەن ، سىزنىڭ ئۇلارنى مۈشرىك دىيىشڭىزدىمۇ سەۋەپ بار ئەمما ‹‹ قىل سىغماس ھەقىقەتەت ، پۈتكۈل دۇنيا ئىتىراپ قىلىدۇ ›› دىگىنىڭىز يەنىمۇ كۆپ مەنبە ، ئىشەنچىلىك تارىخ ( ساماۋى كىتاپلاردەك ) تەلەپ قىلىدۇ .
بىز ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەرنىڭ ئەجدادىنىڭ قانداقلىقىغا قارىماي ، پەيغەمبەرنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن سۈننەت ، ئەمەللىرىگە قارايلى .
سىز بۇ تىمىدا ئىزچىل تۈردە پەيغەمبەرنىڭ ئاتا - ئانىسى مۈشرىك ئىدى ، ئەمما ئاتا - ئانىسىدىن تانمىغان دىدىڭىز ، پەيغەمبەر تۇغۇلۇشتىن ئاۋۋال ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا ، ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمدىن تېنىش كىرەكمۇ ياكى تانماسلىق كىرەكمۇ ، مەسىلىسى كىلىپ چىقىدۇ .
ئەمدىكى ھازىرقى مەسىلە بۇ تىمىدىكى ئەرتوڭادىن تانىمەن ياكى تانمايمەن دەپ ئۆزىمىزگە چوڭ پايدا زىيان كەلتۈرەلمەيمىز ھەم بۇنى تالاش - تارتىش قىلىشىمىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق . شۇڭلاشقا مەزكۇر شەخىستىن تېنىش - تانماسلىقنى مۇنازىرە قىلماي ھازىرقى زاماندىن تارتىپ ئاشۇ زامانغىچە بىزنى مۇشۇ كىشىگە تۇتاشتۇرىدىغان تارىخى ماتىرياللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقساق بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-22 04:31 PM