مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئەرتۇرا

ئالىپ ئەرتۇڭا كىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 01:33:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ehrami يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 08:01 AM
مەنغۇ قاراخانىيلاردىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر تارىخىغا زادىلا  ...

سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئەدەبىياتچى قانداق كەسپ ئۇنى بىلمىدىم، بىراق سىزنىڭ تارخقا بولغان بۇ پوزىتسىيەرىڭىز بىلەن ياخشى  بىر ئەدەبىياتچى بولۇش مۇمكىنچىلىكىڭىز يوق. ۋاقت ۋە شارائىتىڭىز بولسا قاراخانىيلاردىن بۇرۇنقى خاندانلىق ۋە تارىخى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىمۇ  كۆرۈپ قويۇڭ. تارىخ سىزگە غورور بېرىدۇ. ئۇ سىزنى ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ئەجدادلىرىمىز ياشىغان دەۋرگە ئېلىپ بارىدۇ.
ئەگەر سىز پىسخىكىسى ساغلام، زىھنى ئۆتكۈر ئەقىللىق ياش بولسڭىزلا تارىخ بىلىمىگە قىزىقىپ قېلىشىڭىزغا ئىشىنىمەن.

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 01:45:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xajarim يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 12:57 PM
مىنىڭچە سىياۋۇشنى  تۇراندىكى ۋاقىتىدىلا  قىزىنى بەر ...

   قول ئىچىگە ئېگىلىدۇ، بىز ئۆزىمىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىزنى ئۇلۇغلايمىز. بىز ئالىپ ئەر توڭانى قەھرىمان دەيمىز. ‹شاھنامە›دە كەيخىسراۋنى ماختايدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nikita01 + 97 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 97   باھا خاتىرىسى

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 01:50:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1243 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 03:01:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaysarjagqi يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 12:34 PM

ئاۋۇ قونچاقلارنىڭ مەنىسىنى تازا بىلىپ كەتمىدىم قېرىندىشىم،ئېغىر كۆرمەي ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويامسىز؟

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96064
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-7-18
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 04:06:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنىيوللاپ ياخشى قىپسىز باتۇر خاقانىمىز ئالىپ ئەرتوڭانى جىق كىشىلىرىمىزنى بىلىدۇ دەپ
ئويلاپ ھېلىقى ۋىدىئونى يوللىغان كەنمەن..... سىزنىڭ بۇ تېمىڭىز بىلەن كۆپلىگەن كىشىلەر مەنپەئەتلىنىدىغان بولدى......!
ماتىريالدا كۈرۈشۈمچە ئىران ئەخمانىلار سۇلالىسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يارلىنىپ ئۆلگەن دىگەن قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن (تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 625-يىللار)

كۈچ قۇۋۋەت بىلىمدىندۇر، سائادەت ئىلىمدىندۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 04:45:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر شەھەر بەشكىرەمدىكى خانئۆي شەھرى خارابىسى ئۇنىڭ پايتەختى ئىدى.
=============================================================
كىچىككىنە تۈزىتىش: بەشكېرەمدىكى خانئۆي قەدەمىي شەھرى خاقانىيەنىڭ پايتەختى ئەمەس، بەلكى خان جەمەتى تۇرۇشلۇق جاي ئىدى، پايتـەخت يەنىلا كاشىغەر ئىدى. بۇ خۇددى ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندون بولسىمۇ، بوككىنھام سارىيى لوندون شەھرىنىڭ سىرتىدا بولغاندەك بىر ئىش. چاقماق دەرياسىغا كەلگەن بىر قېتىملىق كەلكۈندە خانئۆي شەھىرى (ئەمەلىيەتتە شەھەر ئەمەس، پەقەت خان جەمەتىدىكىلەر تۇرىدىغان جاي) خارابىلىققا ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن خان جەمەتىدىكىلەر ئوردىنى خانئۆي شەھەرنىڭ غەربى-جەنۇبىدىن 30 كىلومېتىر يىراق بولغان تۈمەن دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئىگىز يارلىققا يۆتكىدى، ھازىرقى قەشقەر شەھرىنىڭ ئارىيا يولى دەل خان ئوردىسى تۇرۇشلۇق جاي بولدى.
ياخشى يېزىپسىز، قەلىمىڭىزگە رەھمەت، تارىخىي تېمىلارنى يازغاندا ماتېرىيال مەنبىئىنى  ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-18 05:52 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 05:30:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sikiltar يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 11:03 AM
ئۇلار ئۇيغۇر ئەمەس شۇنداقمۇ


مەھمۇد كاشىغەرىي ‹‹تۇركىي تىللار دىۋانى››دا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىلەن مۇسۇلمان ئەمەس ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قەشقەرلىقلەرنى خاقانىيىلىكلەر، باشقا يۇرتتىكىلەرنى ئۇيغۇرلار دەپ ئاتىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئالىپ ئەرتۇڭا ئۇيغۇر ئەمەس، بەلكى خاقانىيىلىك. ئەمما ئۇ ئىسلامدىن بۇرۇن ياشىغاچقا، ھەم خاقانىيىلىك، ھەم ئۇيغۇر.
‹‹ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى، ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار، پادىشاھلار تۇرغان جاي ئوردۇكەنت دەپ ئاتىلىدۇ...››(تۈركىي تىللار دىۋانى). بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-18 05:52 PM  


sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 05:41:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 06:35:36 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لو
         بىز  ئۇيغۇرلار قانداق خەلق؟

بەزى ئالىملار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 85٪ئاق تەنلىك، 15٪سېرىق تەنلىك ئېرىقىغا مەنسۇپ دەيدۇ. تۆۋەندىكىلەر ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزنىڭ بىز ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى :..
      ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا توپلىشىپ  ياشايدىغان غوللۇق ،يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتۇنۇمىيە ھۇقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە ،جۇڭگۇنىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ.ئۇيغۇرلار جۇڭگۇدىن باشقا  قازاقىستان ،قىرغىزىستان ،ئۆزبىكىستان ،تاجىكىستان ،تۈركىمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايۇنى)،ئەرەبىستان ،تۈركىيە ،ئاۋستىرالىيە ،گىرمانىيە ،روسىيە ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرنەرلىك نۇپۇستا ،مۇئەييەن جامائەت تۈركۈمى شەكلىدە ياشايدۇ .
     ئۇيغۇرلار ھازىر دېھقانچىلىق ،باغۋەنچىلىك ،چارۋىچىلىق ھۈنەرۋەنچىلىك ،سودا-سېتىق ،مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق  كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار ھازىر بازار ئىگىلىكىنى مەركەز ۋە تەڭشىگۈچ قىلغان  ھازىرقى زامان ئىقتىسادى تۇرمۇشىغا بارغانسىرى ئۆزلەشمەكتە . ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تارىخى تەرەققىياتنىڭ يىڭى قاتلىمىنى ھاسىل قىلماقتا.
    ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيا تىپىدىكى قەدىمكى قەبىلە ۋە خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان .جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى .ئۇلار مىلادىيدىن 2000-3000يىل ئىلگىرى شىمالى ئالتاي دالىسىدىكى ئاندرونوۋ-مىنوسېنىك رايۇنلىرىدا ياشىغان ئارى(ئارىيان)قەبىلىلىرى ،سىكتاي-ساك ۋە ھون خەلقلىرىنى  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئاسىياچە ئاق جىنىسلىق (ئاق تەنلىك )ئەجداتلىرى دەپ قاراشماقتا.قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ باش سۈڭەك ئانالىزى،قان تىپى،قەدىمكى ئارىيان-سكتاي-ساك ئەپسانە فولكىلورى،كىينىش ۋە مۇزىكا ،ئۇسۇل ،بايرام ،سەيلە -مەرىكىلىرى بۇ مۇھاكىمىگە كۈچلۈك ئىسپات ھازىرلاپ بەردى .ئەينى زاماندىكى «ئات مەدەنىيتى »بۇ كەڭ ماكاندا جۇڭگونىڭ رەسمى يىلنامىلىردا «ئۇلۇغخور(大胡)»دەپ ئاتالغان ئارىيان -سىكتاي-ساك خەلقلىرىنىڭ زور يۇغۇرلۇشىنى مەيدانغا كەلتۈردى .ئارىيان -سىكتاي-ساك قەبىلىلىرى مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللاردىن تاكى VI-Vئەسىرلەرگىچە غەرب،جەنۇب ۋە شەرققە يۆتكىلىپ  ،ئىران ئىگىزلىكى ،ھىندىستان زېمىنى ۋە چىلەن تاغلىرى ئەتراپىغا كىڭەيدى ۋە ئىرنىي خەلقلەر ،ھىندىستان ئارىيان ساكلىرى ،تارىم ساكلىرى ۋە تۇخار قەبىلىلىرىنىڭ مىللەت تەركىبىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى .مىلادىيدىن ئىلگىرىلا ئاسىنا قەبىلىلىرى بىلەن مۇڭغۇللوئىد(مۇڭغۇل ئىرقى )تىپىدىكى ئاشىد قەبىلىلىرى ئاسىنا ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قۇشۇلدى .نەتىجىدە مەركىزى ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرىنىڭ 2-تۈركۈمى-تۈركلەر مەيدانغا چىقتى .ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئارىيان -سىكتاي-ساك ۋە ھون خەلقىنىڭ يىراق ئەۋلادى .تۈركى تۈركۈمىنىڭ يېقىن ئەۋلادى ھىسابلىنىدۇ .
    جۇڭگو يىلنامىلىرىدا غەربى جۇ سۇلالىسى زاماندىكى ھازىرقى گەنسۇ (كەڭ ساي )ۋە ئوردۇس ئوتلىقى ئەتراپىدا ياشىغان گۇيفاڭ (鬼方)،دى-زەي(狄翟)قەبىلىلىرىنى ،كىيىنچە بايقال كۆلى ئەتىراپىدا ياشىغان دىڭلىڭ (دەنلەن)خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە مەنبەلىرىدىن بىرى دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار. ئۇلار دىڭلىڭلارنى شەرىقى ۋە غەربىي دىڭىلىڭلارغا ئاپىرىپ ، بايقالدىن  يېنسەيگىچە ، يېنسەيدىن يەتتە سۇ ۋە سىر دەرياسى ساھىللىرىغىچە ياشىغان دەپ قارايدۇ .يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىڭلىڭلاردىن باشقا ،قەدىمكى تۇرپان ،كىروران ئاھالىلىرى بولغان ئۇجيې(乌结)،ئۇخۇ(乌护)ۋە قوش قاڭقىل (故师)قەبىلىلىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى دىگەن قاراشلارمۇ ئوتتۇرغا چىقتى .
    ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەت ،ئارىيان سىكتاي-ساك-تۈركىي خەلىقلەر تۈركۈمىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلق .ئۇلارنىڭ جىسمانىي خۇسۇسىيتى ۋە قان  ئالاھىدىلكى ،تىل ۋە ئەدەبىيات -سەنئەت ئالاھىدىلىكى ،مىللىي ئېتنوگىرافىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايتى يىراق تارىىخىي قاتلاملىرىنى ،تارقىلىش ماسشىتابىنى ،مىللەت مەنبەسى ۋە ھەرخىل تەركىبلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ،ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر فولكىلورى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيتىگە تۇلۇق ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيتىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
    ئۇيغۇرلار ئوتلاق مەدەنىيتى ،ئاتلىق كۆچۈش قىسمەتلىرى ، بوستان مەدەنىيتى ،يىپەك يۇلى  ئالاقىلىرى ،كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈردى .
    ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ،نۇقۇل ھالدا ،840-يىلى ئورخۇن ۋادىستىن تارىم ۋادىسىغا كۆچكەن ۋە بۇ يەردىكى ساك،تۇخار ، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ مەيدانغا كەلگەن  دىگەندە يەنىلا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى بىلەن تارىم ۋادىسدىكى ساك ، تۇخار ، سوغدىلارنىڭ قايسى تارىخىي قاتلامدا قانداق تىلدا سۆزلەشكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ، ئورتاق ھالدا مەركىزى ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرى بولغان ئارىيان تۈركۈمى ۋە تۈركىي تۈركۈمىگە بولغان تېرەن يتىلتىزداشلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كىرەك . بۇ خەلقلەر كۆچمە چارۋىچىلىق ۋە «ئات مەدەنىيتى » تۈپەيلىدىن مەركىزى ئاسىيا رايۇنىغا - مۇھىمى تارىم ۋە سىر دەريالىرى ۋادىلىرىغا ،بايقال ۋە مۇڭغۇل ئوتلاقلىرىغا كەڭ تارقىلىپ ياشىدى . ئۇلار جۇڭگو ۋە ئىران (ئاخمانى)ئىمپېريىلىرىگە يېقىن جايلاردا ھاكىميەت مەركەزلىرىنى بەرپا قىلغان ھون ۋە ساك ئەنئەنىلىرىگە دېيەرلىك ۋارىسلىق قىلدى .ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ ، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كىيىنمۇ خان ئۇرۇقى بولغان ياغلاقالار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغاندىن باشقا ، ئادىزلار باشچىلىقىدىكى باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قۇچۇ ، كۈسەن ،قەشقەر ،سۇياب -سىر دەرياسى ۋادىسغا يۆتكىلىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ،كۈسەن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىيلار ھاكىميەتلىرىنى بەرپا قىلدى . خوتەن ياغلاقالار قالقالۇخانى داۋاملىق گەنجۇ ياغلاقار ئۇيغۇر خانلىقى  بىلەن قۇدىلىق مۇناسىۋتىنى ساقلىدى .بۇ ، ئورخۇن ۋە گەنجۇ ، خوتەن ياغلاقارلىرىنىڭ قەبىلىۋى يېقىنلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ .
بۇ خۇددى ئۇيغۇرلار  قەدىمكى سەمەرقەند ھاكىمى ئاپراسىياپنى ئۆزىنىڭ قەھرىمان پادىشاھى دەپ ئىزچىل ھۆرمەتلەپ كەلگىنىگە ئوخشاش ئەھۋال .
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنونىمى (مىللەت نامى)قاچان كىلىپ چىققانلىقى نامەلۇم .بىرىنچىدىن ،بۇ نامنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى قىلىپ بىكتىۋالغىلى بولمايدۇ؛ئىككىنچىدىن ،ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان قەبىلە دەسلەپ ياغلاقار باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان بىر قەبىلىنىڭ نامى بولۇپ ،بۇ خاسىيەتلىك  نام پۈتۈن ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىپ قۇبۇل قىلىنغان ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىنمۇ گەنجۇ ،ئىدىقۇت ،كۈسەن خانلىقلىرى ئۆز سەلتەنەت ناملىرىغا ئۇيغۇر نامىنى قۇشۇپ ئىشلەتكەن .ھازىرقى يۈگۇ -سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نامىنى ياغلاقار ياكى باشقا قەبىلە نامىدا ئەمەس ،بەلكى ئۇيغۇر نامىدا ئىشلەتتى.
    «ئۇيغۇر»ئىبارىسى ئومۇمى مەنىدە «ئۇيۇشۇش،ئۇيۇشماق . مەغرۇر. غۇرۇرلۇق باتۇر »دېگەن مەنىدە ئىزاھلانماقتا . بىر ئامرىكىلىق ئالىم 50يىللىق تەتقىقاتى ئارقىلىق(ئۇيغۇرلار20مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە.  نۇرغۇن مەدەنىيەتكە يول ئاچقان. ھىندى. پارىس. ئەرەپ ۋە بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى بولغان ئانا مىللەت) دەپ يەكۈن چىقاردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى نوپۇسى 19مىليون ئەتراپىدا دەپ قارالماقتا...
   داۋامى  بار ..........
        يالقۇن رۇزى نەشىرگە تەييارلىغان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمن ئەسەرلىرى -2(ئۇيغۇرلاردا ئسلام مەدەنىيتى )نامىلىق كىتابتىن ئېلىندى.
   

    ئۇيغۇر  تارىخىدىكى خانلىقلار

ئۇيغۇرلار تارىختا شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ئاجايىپ ئۇلۇغ بىرمىللەت. شۇڭا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار تارىخىدا نۇرغۇن خانلىقلار ئۆتكەن. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار تارىخى بەكمۇ ئۇزارغانلىق ھەققىدىكى  تۆۋەندىكى خوش- خەۋەرنى ئاڭلاپ بېقىپ ئاندىن ئاندىن ئۇيغۇر تارىخىدىكى خانلىقلار بىلەن تونۇشايلى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئېنگىلىس تارىخشۇناسى ۋە ئارخىلوگى   جەيمز چېچۋود  50  يىللىق  تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە يېزىپ چىققان ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە كىتاۋى « مۇ قۇرۇغلۇقى » دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا ، ئىنسانىيەت ناھايىتى بۇرۇنلا تىنچ ئوكياندا غايىپ بولغان « مۇ قۇرۇغلۇقى » دا پەيدا بولغان .
ئاپتور كىتاۋىدا ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى دەلىللىگەن ......!!!
ئاپتور بۇ كىتاۋىدا يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن بولۇپ ، كىتاپنىڭ ھەر ــ بىر بابىدىن دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا دائىر بايانلارنى ئۇچرىتالايمىز.
ئاپتور ، « مۇ  قۇرۇغلۇقى » مەۋجۇت دەۋردە ، بۇ كونا قۇرۇغلۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولىشىغا مۇستەھكەم ئاساسلارنى سالغان يادرولۇق مىللەت ئىكەنلىگىنى ، دېمەك پارلاق ئىنسانىي مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمقى ئۇستازى دەل ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ، ئۇيغۇرلار «بۇيۇك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى )نى قۇرۇپ ئاسيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە ئىلىم –پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ، ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە گۈللىنىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئېلىپ ، بۇ ئىمپېرىيىنىڭ تېرىتۇرىيىسى ، قۇدرىتى ، تەسىرى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى كۆپلىگەن تارىخىي ھەمدە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ ، ئاسترونومىيە ، مېتاللورگىيە ، توقۇمىچىلىق سانائىتى ، بىناكارلىق ، ماتېماتىكا ، زىرائەت يېتىشتۈرۈش ، مائارىپ ، دوختۇرلۇق ــ تىبابەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىلىملىك خەلق ئىدى ، يىپەك ، تاختا ۋە مېتال ئۈستىگە خىلمۇ ـ خىل گۈل –نەقشلەرنى چىقىرىشنىڭ ئۇستىلىرى ئىدى . ئالتۇن ، كۈمۈش ، برونزا ( تۇچ ) ۋە سېغىز توپىلاردىن ھەيكەل ياسىيالايتتى . بۇ ، مىسىر تارىخىنىڭ باشلىنىشىدىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللار ئىدى »دەپ كۆرسىتىدۇ .
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەردىن مەلۇمكى ، ئۇيغۇرلار مانا شۇنداق قۇدرەتلىك ئېمپىرىيە ھالىتىدە دۇنيانى باشقۇرغان ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ، پۈتكۈل دۇنياغا مائارىپ ، ئىلىم –پەن ، مەدەنىيەت –سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئەتىۋا ئۇستاز بولۇپ تۇنۇلغان .
ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ مەنبىئى بولغان بىر مىللەت ئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ شۇ كىتاۋىدا يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ : ( ھېچ قانداق شۈبھىلەنمەي ئېيتىش كېرەككى ، شەرىقى ياۋرۇپا مىللەتلىرى تاغلارنىڭ ھاسىل بولىشىدىن ئامان قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر .) دىمەك ئۇ. تىچ ئوكياندا غايىپ بولغان (مۇ قۇرۇقلىقى)دا  20مىڭ يىل بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار ئىمپىرىيە قۇرغانلىقىنى ئۇيغۇرلار نۇرغۇن مەدە نىيەتلەرنىڭ بەرپاچىسى ئىكەنلىكىنى. شۇنداقلا ھىندىى. پارىس ۋە بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئانا مىللەت ئىكەنلىكىنى. بايان قىلغان. مىسالەن؛ بۇلاق ژورنىلىدا ( چىڭگىزخان مۇڭغۇلمۇ تۈركمۇ؟) دىگەن بىر ماقالە بېسىلىپ چىڭگىزخاننىڭ يىلتىزى تۈرك ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە. يەنە بىر پاكىت چىڭگىزخان يىلتىزى تۈرك بولغاچقا ( ھەرقانداق شەيئى ئۆز ئەكسىگە قايتىدۇ.) دىگەن ھىكمەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى باشقۇرغان چىڭگىزخان ئەۋلاتلىرى تىزلام ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن.  
تۆۋەندە ئۇيغۇر تارىخدىكى خانلىقلارنى تونۇشتۇرىمىز.؛
1-تۇران ئىمپىرىيەسى '
بۇ خانلىق مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللاردىن بۇرۇن 1500 ئەتراپىدا ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ ،قەشقەر شەھەر بەشكىرەم يېزىسىدىكى (خانئۆي شەھرى خارابىسى) نى پايتەخىت قىلغان. مەشھۇر خاقانى ئالىپ ئەرتۇڭا. ئالىپ ئەرتۇڭا مىلادىدىن بۇرۇنقى 1550- يىللار ئەتراپىدا ياشىغان بولۇپ مۇسا پەيغەمبەر بىلەن زامانداش ياشىغان.بۇ مەلۇمات تارىخچى شەرىفىدىن ئەلى يەزدنىڭ "ئەمىرتۆمۈركوراگان "دىگەن ئەسىرىدە ئۇچرايدۇ.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 356-يىلى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تۇغۇلغان. ئىسكەندەر 24ياشى ئەتراپىدا دۇنيانى ئىشغال قىلىپ ئوتىرا ئاسىيا رايونىغا كەلگەن. مەھمۇد قەشقەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا تۈرك پادىشاھى ( يەنى بىز دەۋاتقان تۇران پادىشاھى) ئىسكەندەرگە قارشى قوشۇن ئەۋەتكەن. بۇقوشۇن ئىسكەندەر قوشۇنىدىن ئاجىز بولسىمۇ لىكىن ئوقيا ئوقىنى ئاتتا چېپىپ كىتىۋىتىپ ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئېتىپ ئىسكەندەر يولىنى توسۇپ قويغان. ئىسكەندەر بۇنى كۆرۈپ (خۇزخۇر)يەنى بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن. دەپتۇ ۋە ئارقىغا قايتىپ كىتىپتۇ. خۇزخۇر دىگەن سۆز بارا-بارا ئۇيغۇر دىگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بولۇپ قالغانلىقنى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. دىمەك تۇران ئىمپىرىيەسى ئىسكەندەرنىڭ شەرىققە قاراپ يۈرىشىنى توسۇپ قويغان.
2-ھون ئىمپىرىيەسى.؛
بۇ ئىمپىرىيەمىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللاردىن تاكى مىلادى 487-يىللاغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. تارىخچىلار؛ (ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى. ھون دىمەك، ئۇيغۇر دىمەكتۇر) دەيدۇ. ئۇلار ئورخۇن يەنى ( ئۇيغۇرھون) ۋادىسىنى پايتەخىت قىلغان. مەشھۇر خاقانى باتۇرتەڭرىقۇت.
3-قاڭقىل خانلىقى ؛
ئۇيغۇرلانىڭ بىۋاستە ئەجدادى بولغان قاڭقىل خانلىقى487-يىلىدىن 546-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
4-تۈرك خانلىقى؛
بۇخانلىق 546-يىلىدىن 745-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.،ئۇلار ئورخۇن يەنى ( ئۇيغۇرھون) ۋادىسىنى پايتەخىت قىلغان..
5-ئۇيغۇرئورخۇن خانلىقى؛
بۇخانلىق 605-يىلىدىن 847-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇلار مۇ ئورخۇن يەنى( ئۇيغۇرھون) ۋادىسىنى پايتەخىت قىلغان.
6-ئۇيغۇرگەنسۇ خانلىقى؛
بۇخانلىق 850-يىللاردىن 1036-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.ئۇلار گەنسۇنى پايتەخىت قىلغان.
7-ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى؛
بۇ خانلىق 866-يىلىدىن 1393-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.  پايتەختى تۇرپان.
8-ئۇيغۇرقاراخانىلار خانلىقى؛
مىلادى 870-يىلىدىن 1212-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. مەشھۇر خاقانى سۇتۇق بۇغراخان. پايتەختى قەشقەر ۋە بالاساغۇن.
9-چاغاتاي خانلىقى؛ 1270يىلىدىن 1570-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. مەشھۇر خاقانى تۇغلۇقتۆمۈرخان.پايتەختى ئاقسۇ ۋە ئىلى.
10-يەكەن سەئىدىيە خانلىقى؛ 1514-يىلىدىن 1680-يىللارغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. مەشھۇر خاقانى ئابدۇرەشتخان. پايتەختى يەكەن.
11-قورچاق ئاپاقخوجا خانلىقى؛ 1680يىللاردىن 1697-يىللارغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
12-مىلادى1755-يىلىدىن 1900-يىلىغىچە مانجۇلار ھۆكۈم سۈرىگەن . ئارىلىقتا مانجۇلارغا قارشى قوزغىلاڭلار بولغان.، (قوزغىلاڭ ۋەكىللىرىدىن؛ سادىرپالۋان، سىيىت نوچى، نۇزۇكۇم....ئىپارخان...يەتتەقىزلىرىم......قاتارلىقلار بار.) 1864-يىلىدىن 1878-يىلىغىچە 14 يىل بەدۆلەت خانلىقى ھۆكۈم سۈرگەن. 1880-يىلى چىڭ سۇلالىسىدىدىن زوزۇڭتاڭ خانغە تەكلىپ بىرىپ شىنجاڭغا قوشۇن تارتىپ  كىلىپ ،ھىلە بىلەن ياقۇپبەگنى زەھەرلەپ ، قوشۇنلىرىنى ئاسانلام يوقاتقان. ھەمدە (شىنجاڭ ئۆلكىسى) دەپ ئاتاپ باشقۇرۇپ كەلگەن.
مىلادى 1900-يىلىدىن 1930-يىللارغىچە ياڭزىڭشىن باشقۇرۇپ تۆمۈرخەلپە قاتارلىق قوزغىلاڭچىللىرىمىزنى ئالدامچىلىق بىلەن قىرغان. 1930-يىللاردىن1945-يىلىغىچە جاللات شىڭشىسەي ھۆكۈم سۈرۈپ غوجانىيازھاجىم قاتارلىق قوزغىلاڭچىلارنى يەنە جەللات سىتالىن بىلەن بىرلىشىپ   ئالداپ يوقاتقان. .. دىمەك بۇيىللاردا بېشىنى كۆتۈرگەن (ئۇيغۇرتەقدىرى)؛ جەللات سىتالىن تەرىپىدىن قولىدىكى غەربى turkنى ساقلاپ قېلىش غەرىزى بىلەن ئىككى- ئۈچ قېتىم ۋەھشىلەرچە  تۇنجۇقتۇرۋىتىلگەن! ؟...
.

پايدىلانغان مەنبە؛ (1)نۇرۇللا مۆئمىن يۇلغۇننىڭ (غەربى يۇرت—تارىخىمىزدىكى خاقانلار) ناملىق كىتابى،
(2)ئېنگېلىز تارىخچىسى جەيمىز چېچۋورىدنىڭ 50يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مىۋىسى بولغان (مۇ قۇرۇقلىقى) ھەققىدىكى ماتىرياللار.
(3)ئۆزۈم نەچچە يىللاردىن بىرى توپلىغان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماتىرياللار.
(4)تارىخچى نەبىجان تۇرسۇن ئەسەرلىرى.  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتۇرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-18 06:41 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 06:37:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 04:45 PM
قەشقەر شەھەر بەشكىرەمدىكى خانئۆي شەھرى خارابىسى ئۇنىڭ ...

ياخشى تەلىم بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!  مۇنبەر يۈزى مانا مۇشۇنداق ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان ئىلىم سورۇنى بولىشى كىرەك!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش