ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 09:52 AM
مەن خۇلاسە چىقارمىدىم،پەقەت قىل سىغماس پاكىتنى ئو ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.
توغرا، ھەقىقەتەن توغرا جاۋاب بېرىپسىز.
تورداشلار ئېنىق ئايرىۋالسىكەن دېگەن ئۈمۈدتىمەن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كېلىشتىن بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرى، قانداق يول تۇتسا ۋە قانداق ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتسە ئاللاھنى تونۇغان بولىدىغانلىقى «قۇرئان» دا ئايرىم ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن بىز ئۇ كىشىلەرنىڭ «ئاللاھ» نىڭ بارلىقى ھەمدە ئاللاھنىڭ «بىر» لىكىگە ئىشىنىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىقلا مۇسۇلمانلاردىن سانىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
بەزى تورداشلىرىمىزنىڭ سەمىگە ئالاھىدە سېلىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ، بىز مۇسۇلمان بولغانكەنمىز چوقۇم ئاللاھنىڭ تۆت كىتابىنى تەستىقلىشىمىز كېرەك.
بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسى ۋە يەنە بەزى تورداشلارنىڭ بۇ كىچىك ئىشلار دەپ قارىشى قەتئىي توغرا ئەمەس. پەيغەمبىرىمىزدىن بۇرۇنقى كىشىلەرنى مۇسۇلمان ئەمەس دەپ ئېتىراپ قىلماسلىق سىزنى ئېغىر خاتالىققا باشلاپ ماڭىدۇ. سىز ئۇ كىشىنىڭ قانداق ئەمەللەرنى قىلغانلىقىنى بىلمەيسىز، سىزنىڭ ئۇنىڭغا باھا بېرىش سالاھىيىتىڭىز يوق. يەنە بىرى، سىز پەيغەمبىرىمىزدىن بۇرۇنقى كىشىلەرنى ئېتىراپ قىلمىغانكەنسىز ئۇنداقتا سىز بۇرۇن ئۆتكەن بارلىق كىشىلەرنى، ھەتتا پەيغەمبەرلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن باشقا ئۈچ كىتاپمۇ بار. سىز مۇشۇلارنىڭ ھېچقايسىنى ئېتىراپ قىلمايسىز دېگەن گەپ. (بەلكىم ئارتۇق ئويلىۋالغاندىمەن، بىراق ساۋادى چىققان ھەرقانداق بىر ئادەم بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ دەل مۇشۇنداق يەكۈننى چىقىرىدۇ)
سىزگە بىر نەچچە سۇئال قالدۇرۇپ قوياي.
1. سىز، ھېلىقى مۇسۇلمان ئەمەس، شۇڭا بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېگەن ئادەم بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يولى بويىچە ماڭغان بولسا سىزچە ئۇ ئادەمگە قانداق يەكۈن چىقارساق بولار؟
2. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى ھەر قانداق بىر ئىنسان سىز ئۈچۈن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ ھېسابلىنامدۇ؟ (بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ۋە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىزىدىن ماڭغۇچىلار)
3. سىز ئىسلامنى تولۇق چۈشىنەمسىز؟ «قۇرئان» قايسى يېرىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كېلىشتىن بۇرۇنقى ھېچقانداق ئادەم مۇسۇلمان ئەمەس دەپ بار؟ (ئەگەر بار بولسا قايسى ئايەت ھەممىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويارسىز، بىزمۇ بىلىۋالايلى)
بولدى مۇشۇنچىلىك سوراپ تۇراي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ATAMAN25 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-22 11:42 AM