ehrami يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 01:18 PM
«قاراخانىيلاردىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر تارىخىغا زادىلا قىزى ...
قېرىندىشىم تارىخنى تەتقىق قىلىش ياكى كۆرۈش دىنغا ئاسىيلىق قىلغان بولمايدۇ. ئەسلى سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ ئىنكاس يازماي دەپمۇ ئويلىغان، بىراق سىزنىڭ مۇقەددەس دىنىمىزغا بولغان مۇھەببىتىڭىز سەۋەبلىك شۇنچە ئالدىراشچىلىقتىن ۋاقت چىقىرىپ بۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتىمەن.
بىر ئەمەس بىر نەچچە ئادەم سىزگە پىكىر بەرگەنىكەن پىكىرىنى قۇبۇل قىلمىسىڭىزمۇ بۇنداق بىمەنە جاۋاب قايتۇرماسلىقىڭىز لازىم. سىزگە تارىخنى تەۋسىيە قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇقەددەس دىنىمىزنى ھىمايە قىلىشى، ئاللاھنى بىر دەپ بىلىپ ۋە ئىشىنىپ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ بىلىشى مۇمكىن. كونىلاردا< ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى شىر چاغلا >دەيدىغان گەپ بار.
تارىخنى قانچىكى كۆپ ئۆگەنسىڭىز قارىشىڭىزمۇ ئۆزگىرىدۇ. دىندىن ئىلگىرىقى تارىخىنى كۆرۈش دىنغا ئاسىيلىق قىلغانلىق بولمايدۇ. پەقەت سىز شۇ تارىخى دەۋردىكى غەيرى دىنلارنى قايتىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، باشقىلارنى خاتا يولغا ئازدۇرمىسىڭىزلا. قاراخانىلاردىن بۇرۇنقى تارىخنى ئۆگىنىش داۋراڭ سېلىش، تەمەننا قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، دەل سىز ئېيتقان ھەرخىل خىرسلارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. تارىخنىڭ ئۆزى بىر بىلىم. تىل -يېزىق، ئېتقادىمىز ھازىرلا ئەمەس بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مۇشۇنداق خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن. ھازىرقى مۇشۇ خىرىسلارنىڭ ئۆزىمۇ شۇ تارىخنى ياخشى ئۆگەنمەي كىملىكىنى ئۇنۇتقاچقا ەيدا بولغان دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئەقىللىق ئەجدادلىرىمىز بۇنداق ئەھۋاللاردا قانداق قىلغان بۇنى بىلىش ئۈچۈن يەنىلا تارىخقا مۇراجىئەت قىلىمىز. سىزنىڭ دىنىمىز ئىسلامغا بولغان بۇنچە مۇھەببىتىڭىزنى كۆرگەن يەردە مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئاننى ئوقۇغانلىقىڭىزدىن قىلچەگۇمان قىلمايمەن، بىراق ئۇنى چۈشىنىپ ئوقىغانلىقىڭىزغا گۇمان قىلماي تۇرالمايمەن. چۈنكى مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئاندا نۇرغۇنلىغان گۈزەل قىسسەلەر بايان قىلىنغان.
سىز نېمىشقا مىللەت بىلەن دىننى بىر بىرىگە زىت ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تەپەككۈر قىلىسىز؟ ئالى مەلۇماتلىق سىز دىن بىلەن مىللەتنىڭ پەرقىنى بىلمەمسىز؟
سىز ئىسلامغا بولغان مۇھەببىتىڭىز شۇنچە كۈچلۈك تۇرۇقلۇق مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئاننى چۈشەنمەپسىز قېرىندىشىم. ئاللاھنىڭ كاپىر ۋە مۇسۇلمانلارنى، ھەر خىل ئېتقادتىكى كىشىلەرنى ياراتقانلىقىنىڭ ئۆزىلا بىز ئۈچۈن ئىبرەت ئەمەسمۇ؟ سىز بۇنىڭدىكى ھېكمەتنى ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟
ئىزاھات:مەقسىدىم سىزگە ئىددىيە تېڭىش ئەمەس، خالىمىسىڭىز ئۆزىڭىز بىلگەنچە ياشىسىڭىز بولىدۇ. ، 20سائەتتەك ئىشلەپ چارچاپ تۇرغاندا ئەسكەرتىشنى كۆرۈپ قالدىم. كەسپىم بىلەن تىل ئەدەبىياتنىڭ ئازراقمۇ يېقىنچىلىقى يوق ۋە يانفۇندا يېزىپ، يېزىپ بولغان يەرنى كۆرگىلى بولمىغاچقا ئىنكاسىمنى بىرەر قۇر كۆرەلمىدىم. ئىملا خاتالىقى ياكى باغلاشمىغان سۆز -جۈملە بولسا تۈزىتىپ ئوقارسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-21 03:08 AM