hokumran يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 03:24 AM
شارەكتەك يۇمىلاپ مۇنبەرلەر ئارا ئايلىنىپ يۈرۈيدىغان ب ...
قېرىندىشىم بۇ بىر مۇنازىرە سورۇنى بولغاندىكېيىن ھەركىم ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئوتۇرغا قويىدۇ ،سىزمۇ ئۆز پىكرىڭىزنى ئوتۇرغا قويۇپسىز ،نىمىشكە ئاپتۇرنى ‹كۆرەلمەس ،ھىچقانچە بىلىمى يوق تۇرۇپ ،تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ ›دىگەندەك گەپلەرنى قىلىسىز ،مانا بۇ سوزلىرىڭىز ئۆزىڭىزنى كۆرەلمەس كۆرسۈتۈپ قويۇۋېتىپتۇ ،باشقىلار بىلىملىك بولامدۇ بىلىمسىز بولامدۇ بۇنى باشقا بىرى بەلگىيەلمەيدۇ ،مەنغۇ ئاپتۇرنى ھەم سىزنىمۇ تونۇمايمەن ،قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنى ھاقارەتلەش بىر بىلىم ئىگىسىنىڭ ئىشى ئەمەس ،نىمىشكە بىز مۇنبەرلەردە شۇ مەسىلىگىلا قارىتا پىكىر قىلماي دائىم بىر بىرىمىزنىڭ زىتىغا تگىدىغان گەپلەرنى قىلىمىز ،نىمىشكە ئۆز ئارا ھورمەت قىلىشمايمىز ؟بىر -بىرىمىزنى كۆرمەي تۇرۇپ تونۇماي تۇرۇپ تىل ئىشتىمىز ،توھمەت چاپلايمىز ،بىزدە بىرلىك يوقمۇ ؟بىر بىرىمىزنى ھورمەت قىلغان ئاساستا ئۆز پىكرىمىزنى ئوتۇرغا قويساق بولمامدۇ ،بىزنىڭ ئىسمىمىز ئۇيغۇر بولغان بىلەن ئەمەلگە تازا ئۇيغۇن كەلمەي قېلىۋاتامدۇ نىمە ؟!ھەر ئىنكاسلارنى ‹پالىنى قېرىندىشىم جاپا تارتىپسىز مېنىڭ پىكرىم مۇنداق ›دەپ باشلىساق بولماسمۇ قېرىداشلار ؟