ATAMAN25 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 11:37 AM
ئىسلامنى ھەقىقىي چۈشەنگەندە
ئىنكاسنى لايىقىدا يېزىڭ
ئابابەكرى ئىمىر
بىر كۈن بۇرۇن مىسرانىم مۇنبىرىدە(باغداش،تەڭرىتاغ مۇنبەرلىرىدىمۇ بار)‹‹ئۈمىد غەنى ئاكا سىزگە گېپىم بار››دېگەن ماۋزۇدا تەكلىپ ئېلان قىلغان ئىدىم،مەن بۇ ماقالىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن بۇ فىلىمىنڭ ئىككى خىل نۇسخىسىنى كۆرۈپ چىققانىدىم،گەرچە ئۆزۈمنىڭ بۇفىلىمىنى باشقىلاردەك قۇرۇق ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋەتكۈم كەلگەن بولسىمۇ،ئەمما بۇ لېكسىيىدىكى بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەرنى كۆزدە تۇتۇپ گەرچە كىچىك بولساممۇ بىر ئۇرۇنۇپ باقاي دېگەن نىيەتتە بۇ ئەسەرنى يوللىغانىدىم،ناھايىتى ئەپسۇس،ھۆكۈمران..........غا ئوخشاش بىر قىسىم‹‹ ياشىنىپ قالغان ››‹‹تەجرىبىسى مول››مۇنبەرداشلارنىڭ ئېلىمىز يازغۇچىسى ماۋدۇن ئېيتقاندەك‹‹پەردە بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش تاكتىكىسى››نى ئىشلىتىپ ئىككى كۈنلۈك ۋاقىت ئاجرىتىپ ئىزدەنگەن ماقالەمنى تېتىقسىز ،ئاساسسىز(پاكىت-ئاساسى كەمچىل)،كىشى ئېغىزغا ئالسا ئۇيالغۇدەك سۆزلەر بىلەن ئىنكاسلارغا تولدۇرۇپ ماڭا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆردۈم،ھەم كۆرۈۋاتىمەن.
خوش،ئۇنداق بولسا مەن بۇ ماقالەمدە بىرەرسىنى تىللىدىممۇ؟؟؟ياكى ئۈمىد غەنى ئاكىمىزنى ھاقارەت قىلىپ ھېلىقى ئوغۇل بالىنى كۆككە كۆتۈرۈۋەتتىممۇ؟؟؟مەن ئىككىلىسىنى قىلمىدىم،ماقالەمنىڭ بېشىدا ئۈمىد ئاكىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇم،تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە ئىشتىياق باغلىغان،ئەدەبىي ئوبزوردىن خەۋىرى باركىشىلەر(گەرچە بۇ ماقالەم ئوبزور بولۇشقا ماس كەلمىسىمۇ)
ئوبزوردا ‹‹ئىككى قۇتۇپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش››ۋە ‹‹تەڭپۇڭلۇقنى كۆزلەش››نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ،زاغرا تىل بىلەن ئېيتقاندا ‹‹كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان زىخمۇ كۆيمەيدىغان››ئۇسۇلدا يېزىشنى كۆرسىتىدۇ،گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، ئۈمىد ئاكىمىزنىڭ بۇ لېكسىيىسى تۇنجى قېتىملىقى،ئالامەت ياخشى بوپتۇ،بەك ياخشى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ،قالتىسكەن دەپلا ئۆتكۈزۈۋەتسەك تامامەن بولىدۇ.ئەمما ناھايىتىمۇ قۇرۇق ،كونكىرىتلىقى يوق،قاراتمىلىقى ئاجىز،كىشىنى قايىل قىلالمايدىغان قۇرۇق پاراڭغا ياكى‹‹شېكەر مىلىتىلگەن زەھەرگە››ئايلىنىپ ئۈمىد ئاكىمىزنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق ئىلگىرىلىشىگە توسقۇن بولىدۇ.
بۇ لېكسىيىدە ھەقىقەتەن نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلار(شەكىل،قۇرۇلما،مەزمۇن قاتارلىق جەھەتلەر)بار بۇنى مەن ماقالەمدە شەرھلەپ ئۆتكەن،شۇڭا قايتا سۆزلەپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز،ئەمما بۇ لېكسىيىدىكى كېتىپ قالغان جايلارنى سۆزلىمەسلىك،كۆزنى يۇمۇپلا ‹‹ھۆكۈمران›› تورداشقا ئوخشاش ‹‹بۇ دېگەن جۇڭگو ئەرەب دۆلىتى ئەمەس››(ئەمەلىيەتتە ئەرەب دۆلىتى ياكى ئەرەب دۆلەتلىرى دەيدىغان ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس)دەپلا كەمتۈك نۇقتىلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس،بۇ ھەقىقەتەن جۇڭگو،ئەمما جۇڭگودا ھەقىقەت سۆزلەش چەكلەنگەن ئەمەس ،بۇ توغرىسىدا يولداش دېڭ شىياۋپىڭنىڭ‹‹ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ››دېگەن نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىنى سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتسەك كۇپايە.
خوش،ئۇنداق بولسا ‹‹ھۆكۈمران››قاتارىدىكى مىسرانداشلار سىلەر ھەركۈنى يېڭى-يېڭى يازمىلارنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەنسىلەرۇ،ئەمىسە نېمە ئۈچۈن بىر يازما مۇنبەرگە چىقىپ بولغىچە ئوقۇپ ئوقۇمايلا ‹‹ئۆتكۈر››تىللىرىڭلارنى سوزۇپ بۇ مۇنبەرگە چىقىشتىن يالتايدۇرىسىلەر؟؟؟سىلەر شۇنچە چوڭ سۆزلەپ نېمە ئۈچۈن بىرەر يازما ئېلان قىلىپ باقمايسىلەر؟؟؟بىزدە ‹‹زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل،باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس دەيدىغان››بىر جۈملە ھېكمەتلىك ماقال بار،ئەلۋەتتە مۇنبەرگە ماقالە چىقىرىۋاتقانلارمۇ يازما يېزىشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى ئۇنىڭغا ئاز بولمىغان ئەجىر سىڭدۈرۈلۈپ ،ھەرتەرەپلىمە ئىزدىنىپ روياپقا چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ،ئەمما مۇشۇندق تەستە پۈتتۈرۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ (نوقۇل مېنىڭ دېمەكچى ئەمەسمەن)ئىككى ئېغىز ئالدى بار كەينى يوق سۆزلەر بىلەن ئاغدۇرۇلۇپ (ھەتتا ھاقارەتلىنىپ)كېتىلىشى،باشقا مۇنبەرداشلارنىڭمۇ ھېچقانداق پەرۋاسىز شۇ ئىنكاسلارغا ئەگىشىپ ئەسلى يازما ئىگىسىنى ‹‹بېسىشى ››سىلەرچە شۇنچىلىك پەخىرلىك ئىشمۇ؟؟؟مېنىڭچە بۇنداق قىلىش ياخشى يازمىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىلا ئەمەس،يېڭى بىر ئەۋلاد ئىلىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى يەرگە ئۇرىدۇ.
‹‹ھۆكۈمران››قاتارىدىكى توداشلىرىمىز بۇ فىلىمدىكى ھېلىقى مەرد يىگىتنى(شەخسەن مەن شۇنداق قارايمەن)،‹‹پەلىپەتىش››دەپ ھاقارەتلىگەن،ئۇنداق بولسا ئۇ پەلىپەتىشمۇ ياكى ئەمەسمۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا باھا بېرىدىغانغا، خەقنىڭ كەينىدىن پەلىپەتىش دەپ تىللايدىغانغا سىزئۇنىڭ دادىسمۇ؟؟؟خەقنىڭ كەينىدىن گەپ قىلىدىغان ،تىللايدىغان كىشىلەر مىللىتىمىز ئارىسىدا ناھايىتى پەسكەش ئاياللار قىلىدىغان ئىش بولۇپ ئەرلەرگە ماس كەلمەيدۇ دەپ قارايمىز.
ئۇنداقتا ‹‹ھۆكۈمران››تورداش ئېيتقان فىلىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى پىكىرئالماشتۇرۇش سەھىپىسىدە پەيدا بولغان ‹‹پەلىپەتىش››زادى نېمە دېدى ؟؟؟پەلىپەتىش گەپ قىلدىمۇ،تورداشلار فىلىمنى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ....
ئۇ ئۈمىد غەنى ئاكىمىزنىڭ پىكرىنى ئۈزۈۋەتمىگەن بەلكى ئىسلام دىنىنىڭ سۆزلەشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان نەتىجىلىرىنى،تارىخىنى(ئەدەبىيات،ماتېماتىكىدىكى پېر 3.14 چەمبەر تۇراقلىقى ،كىمياگەرلىك......)سۆزلەش ئارقىلىق،ئۆزىنىڭ ئۈمىد غەنى ئاكىمىز ئوتتۇرىغا چىقارغان ھېلىقى ***پىرسەنتنى ۋە بەزى پىكىرلەرنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقاد چەمبىرىكى ئىچىدە قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى سىلىق سىپايە سۆزلەر بىلەن قىسقا شەرھلەپ ئۆتىدۇ.....
خوش،ئۇنداق بولسا مۇشۇ بالىنىڭ سۆزىنى نېمە ئۈچۈن ‹‹ھۆكۈمران››قاتارىدىكى تورداشلار پەلىپەتىشكە چىقىرىۋېتىدۇ؟؟؟نېمە ئۈچۈن مۇشۇ لېكسىيە توغرىلىق يازغان ماقالەمگە ئالاھىدە ئىزاھلاپ سەمىمىي پىكىر بېرىشنى ئېيتقان بولساممۇ ماڭا ۋە يازمامغا ئۆچمەنىي نەزەردە قاراپ باھا بېرىدۇ؟؟؟
مەن ئىنكاس يېزىشقا قارشى ئەمەسمەن،ئەمما تورنىڭ تور ئەخلاقى ،ئادەم دېگەننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ،قەدرى قىممىتى بولىدۇ،شۇڭا ئىنكاسنى لايىقىدا يېزىشىڭلارنى ئۈمىدقىلىمەن،ئەگەر يازمىلىرىم بەك ئېشىپ كەتكەن بولسا تورداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن،ئەگەر يەنىلا ئىنكاسنى يازمىغا قارىتىپ ئەمەس ئىچىنى بوشىتىۋېلىش ياكى ئۆچمەنلىك نەزىرىدە يېزىشنى ئويلاشساڭلار،مەن شۇ كۈندىن باشلاپ بارلىق مۇنبەردىن چېكىنىمەن،ئەسەرلىرىمنى شىنلاڭ مىكروبلوگىدا ئۇزۇن رەسىم شەكلىدە يوللاپ تورداشلار بىلەن ھەمبەھرلەنسەك
بولىدۇ،كۆپچىلىككە رەھمەت سۆزۈم تۈگىدى.