hatem يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 02:45 PM
بەك ئۇششاق ئىشقا ئېسىلىۋالمىغان تۈزۈك دەپ قارايمەن. م ...
توغرا دەيسىز. ھازىر جەمئىيىتىمىزدە ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلاردىن قۇرۇق شۇئارچىلار بەكلا جىق. مۇشۇ تېمىدىكى ئىنكاسلاردىمۇ بەزىلەر دەپتىغۇ، ۋاي بەزىلەر ئىسلامنىڭ گېپى چىقسا ئولتۇرالماي قاپتۇ يەي دەپ. شۇلاردىن شۇنداق سوراپ باققىم كېلىدۇ. بەك ئېتىقادلىق ئوخشايسىلەر، بەش ۋاق نامازنىڭ ۋاقتىنى خاپا بولماي بىزگە بىلدۈرۈپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن. شۇنداق قىلالامسىلەر؟ ئەگەر زادىلا بىلەلمىسەڭلار سىلەرگە مەن ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئىشىنىمەنكى مۇشۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ تولىسىنىڭ قانچىلىك ئىمانى بارلىقىنى بىلىپ بولمايدۇ. ئەڭ ئاددىي شۇ ناماز ۋاقىتلىرىنىمۇ بىلمەسلىكى ئېنىق. ناماز ئوقۇشتىنغۇ ئانچە چوڭ ئۈمۈد يوق.
مۇنبەردىكى بەزى تورداشلارغا ئەسكەرتىدىغىنىم، مەن بىر مۇسۇلمان شۇنداقلا بىر ئۇيغۇر. مەن ئىسلام بىلەن ئىلىم-پەننى قانداق بىرلەشتۈرۈشنى (ئاللاھ خالىسا) ئوبدان بىلىمەن ھەم شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئىسلامنىڭ يولىدىن چىقمايمەن، لېكىن ئىلىم-پەنگە ئەسلا قارشى تۇرۇپ باققان ئەمەس. مىللىتىمدىن چىققان ئىلىم-پەن ئىشتىراكچىلىرىغا تېخىمۇ قارشى تۇرمايمەن. ئىلىم-پەن ئۆگىنىشنىڭ ئۆزى بىر ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى مەن ئوبدان بىلىمەن.
شۇڭا ئىنكاس يازغاندا بەزىلەر ئىسلامنىڭ گېپى چىقسا ئولتۇرالماي قالىدىكەن دېگەندەك قالايمىقان گەپلەرنى قىلىشماڭ.