guzal~yurtum يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 12:14 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
ھۇرمەتلىك ھوكۇمران ئەپەندىم سىل ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئىنكاسىڭىزدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم. ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپلەرنى قىلىپسىز.
ئىنكاسىمنىڭ ‹‹قوپالراق›› يېزىلىپ قالغىنىغا ئۆزۈممۇ ئىقرار. بىراق مەن مۇشۇنداق قوپاللىق قىلغىنىمدىن قىلچىمۇ ئۆكۈنمەيمەن.
‹‹دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ›› دېگەن خەلق ماقالىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بولسا بىراۋنىڭ ئەيىۋىنى جامائەت ئالدىدا ئاشكارىلاپ، ئەيىپلەپ سېسىتىش ئەمەس بەلكى شۇ كىشىنىڭ ئۈزىگە ئېيتىپ كەمچىلىكلىرىنى تۈزۈتىۋېلىشقا ياردەم بېرىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنداقتا كەمچىلىك ئۆتكۈزگۈچىمۇ پىكىر قىلغۇچىدىن سۈيۈنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تور دۇنياسىدا نۇرغۇن تەكلىپلەر يېزىلدى. خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت بەزى تەكلىپلەر ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق، بەزىلىرى مۇناسىۋەتىك ئورۇنلار تەرىپىدىن ھەل قىلىندى. بۇ ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال. بىراق شەخسىلەرگە يېزىلغان تەكلىپلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە شۇ شەخسىنىڭ ئىززىتىگە تېگىدىغان سۆزلەر يازما ۋە ئىنكاسلاردا توختاۋسىز يېزىلىپ تۇردى.
تەكلىپنى يېزىش كېرەك. ئەمما كىمگە، قانداق يېزىش ھەققىدە ياخشىراق باش قاتتۇرۇپ يېزىشنى ئويلاش ھەممىدىن مۇھىم.
نېمىشقا تور دۇنياسىدا داڭلىقلارغا تەكلىپ بېرىش ئاۋۇپ كېتىدۇ؟ سەۋەبىي بىزدە داڭلىقلارغا ‹‹تاش›› ئاتالىغانلار قەھرىمان سانىلىدۇ ئەمەسمۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن بەزىلەر ئۆزىنى كۆرسىتىۋېلىش ئۈچۈن بىرەر داڭلىق شەخس بىرەر ئىشنى باشلاپ بولغۇچە ئۇنىڭغا ‹‹تەكلىپ›› بېرىش باھانىسىدا ‹‹تاش›› ئېتىپ داغدۇغا قوزغاپ شۇ كىشىنى سېسىتىشقا ئاران تۇرۇۋاتىدۇ. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ كاپىرغا چىقىرىلىشى، ئارمان شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەزى ئۇيغۇر دۇكانلىرىدىن بايقۇت قىلىنىشى، بىلىمخۇمار ئاكىغا قىلىنغان ھاقارەت(ئۇ يازما ئەينى چاغدىلا ئۆچۈرۈلگەچكە، شۇ يازمىنىڭ ئېگىسى بولمىش چۇپرەندە ھازىرغىچە چ چ دا ئۇچۇر ئارقىلىق تىللاشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە كېيىنكى ماقالەمدە تەپسىلى توختىلىمەن)......قاتارلىقلار مۇشۇ ئاتالمىش تەكلىپشۇناسلارنىڭ تەكلىپىدىن كېلىپ چىقمىدىمۇ؟ بۇنداق تەكلىپلەردىن بىز زادى نېمىگە ئېرىشتۇق؟ ئېرىشكىنىمىز پەقەت قۇتۇپقا بۈلۈنۈپ تىللىشىش، ئىتتىپاقسىزلىق، ئۆچمەنلىكتىن باشقا نەرسە بولمىدىغۇ؟
بەزىلەر تور ئەخلاقى ھەققىدە ئەۋزەيلەپ كېتىپتۇ. باشقىلارنى توردا سېسىتىشنى ئەخلاقنىڭ بىر تۈرىگە قويىدىغان ئىش بولسا كۆتەرسۇن بۇنداق ئەخلاقنى.
بىز ئۆملۈككە موھتاج، بىز بىلىمگە موھتاج. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەشنى بىلىش كېرەك.
مۇۋاپىق بېرىلمىگەن تەكلىپنى قوللاش ئەمەس شۇ تەكلىپنى قويغۇچىغا رەددىيە بېرىشنىمۇ بىلىش كېرەك. بىر ئادەمدە ھەق-ناھەق تۇيغۇسى بولمايدىكەن ئۇنىڭ ھايۋاندىن ئانچە پەرقى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بەزى نامۇۋاپىق تەكلىپلەرگە كەسكىن، قوپاللىق بىلەن رەددىيە بېرىپ تەكلىپشۇناسلارنى سەگىتىپ قۇيۇش كېرەك.
قالدى گەپلەرنى كېيىنكى ھەپتىدە ئېلان قىلماقچى بولغان تەكلىپشۇناسلارغا يېزىلغان مەخسۇس يازمامدا ئورتاقلىشايلى.
خەير، ئامان بولۇڭ!!!