.tuz. يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 02:12 PM
«ماڭقۇرۇت» «پارازىت قۇرۇت» «كۆرەلمەس» «پەلپەتۈش» دەپ ...
قېرىندىشىم ، مېنىڭ بۇنداق گەپلەرنى ئەسلا دېگىم يوق. سىز قايسى كۈنىدىكى ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرىگە قاتناشقان بولسىڭىز دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشەنگەن بولار ئىدىڭىز. نەچچە كۈن ئىچىدە ھوشۇر ئىسلامنىڭ لېكسىيەسىمۇ تورغا يوللىنىشى مۇمكىن، شۇ ۋاقىتتا تەپسىلىي كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن. بەلكىم بەزى ئادەملەرنىڭ قالايمىقان گەپلىرىنى قىسقارتىۋېتىشىمۇ مۇمكىن.
ئەمدى بۇ تېمىغا كەلسەك يەنىلا شۇنداق. ئۈمىد غەنىنىڭ لېكسىيەسىنى تولۇق كۆرگەن ئادەم بۇنى ئاڭقىرالايدۇ. ئۈمىد غەنى ئىسلام توغۇرلۇق ھېچقانداق قالايمىقان گەپ قىلمىدى، پەقەتلا ئىلىم-پەن نېمە ئۈچۈن ئىسلام توغۇرلۇق چەتكە قېقىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئەگەر ئۈمۈد غەنى ئىسلام توغۇرلۇق قالايمىقان گەپ قىلغان بولسىدى مەن بۇ يەردە بۇنداق گەپلەرنى قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۈمۈد غەنىگە قارشى تۇرغان بولاتتىم.
ئۈمۈد غەنىنىڭ دېگەنلىرى توغرا بولغانلىقى، دەلىل ئاساسى يېتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۈمۈد غەنىگە قارشى تۇرغۇچىغا قارشى تۇردۇم.
ئاشۇ سوئال سورىغۇچىلار مىللىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقانلارنىڭ دىلىغا ئازار بەرسە بولىدىكەن يۇ، مەن ھەقنى سۆزلىسەم خاتاغا ئايلىنامدۇ؟